ئىستانبۇلدىكى نامايىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00


10 - دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان، قىرىم، سۈرىيە ۋە تۈركمەن ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىلىكلىرى ۋە زۇلۇمغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

ئىستانبۇلنىڭ سۇلتان ئەھمەت مەيدانىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ نامايشتا نامايىشچىلار زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ بايراقلىرى چۈشۈرۈلگەن ئاق كۆينەكلەرنى كەيگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمۇ كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدۇ. نامايىشچىلارنىڭ قان بىلەن بۇيالغان ئاق كۆينەك كىيىپ شۇئار توۋلاشلىرى كىشىلەرنىڭ ۋە ئاخباراتچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

نامايىش جەريانىدا ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى ئەھمەت يىگىت يىلدىرىم ئەپەندى تەرىپىدىن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلانغان بايانات ئېلان قىلىندى.

ئەھمەت يىلدىرىم ئەپەندى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ 1948 - يىلى 10 - دېكابىر كۈنى قوبۇل قىلىنىشى بىلەن بۇ كۈننىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۈنى بولۇپ تەبرىكلىنىشكە باشلانغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

ئەھمەت يىلدىرىم مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئەركىن ياشاش ھوقۇقى بار، ئەپسۇسلىنارلىقى، كىشىلىك ھوقۇق نامى ئاستىدا غەرب ئەللىرى پۈتۈن دۇنيانى سۈمۈرمەكتە، دىققىتىمىزنى تارتقان ئەڭ مۇھىم ئىش، قان ۋە كۆز يېشى ئەڭ كۆپ تۆكۈلگەن يەرلەرنىڭ ئىسلام جۇغراپىيىلىرىنىڭ بولۇشى، ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، غەربىي تىراكىيىدە، كوسۇۋادا، كەركۈكتە، سۈرىيىدە، تۈركمەنئېلىدە، چېچەنىستاندا، پەلەستىندە ۋە شەرقىي تۈركىستاندا قان ۋە كۆز ياشلىرى تۆكۈلمەكتە. بۈگۈن پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا 300 شەرقىي تۈركسىتانلىق ئۆلۈمگە مەھكۇم بولۇشنى كۈتمەكتە. شەرقىي تۈركىستاندا ياشلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشى چەكلەندى. تەكبىر ئوقۇمىسۇن دەپ تىللىرى كىسىلدى. كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە تۈرك - ئىسلام جۇغراپىيىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ھەممىمىزگە مەلۇمدۇر. قەيەردە بىر مەزلۇم بولسا، زۇلۇمغا ئۇچرىغان مىللەت بولسا، بىز تۈركلەر، تۈرك مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ يېنىدا بولۇشىمىز كېرەك. تۈرك مىللىتى كۈچلۈك بولغان تەقدىردە مەزلۇم مىللەتلەرمۇ كۈچلۈك ھالغا كېلىدۇ.»

مەركىزى قەيسەرى شەھىرىگە جايلاشقان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىنبەگ ئۆزتۈرك ئەپەندى، 10 - دىكابىر كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بىر بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ باياناتتا ب د ت ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى شەرقىي تۈركسىتانغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلدى ۋە «ئەپسۇسلىنارلىقى، كىشىلىك ھوقۇق شەرقىي تۈركسىتانلىقلارغا كەلگەندە كۈچكە ئىگە ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.

شۇ كۈنى يەنە، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ رەسمى تور بېتىدە بىر بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى بىر - بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېيىلگەن: « خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈپ ئىچكىرىگە توشىماقتا. شەرقىي تۈركىستان بايلىقلىرىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى نامرات قالدۇرۇپ، مال - مۈلۈكلىرىنى تالان - تاراج قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنى ئېغىر بېسىم ۋە زۇلۇم قىلىش ئارقىلىق دىكتاتۇرلۇق بىلەن باشقۇرۇپ كەلمەكتە. ھەق - ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىپ ئەركىنلىك ھوقۇقلىرىغا دەخلى - تەرۇز قىلماقتا. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا تۇتقۇن قىلىنغان نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە قەيەردە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.»

باياناتتا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان كشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرنى ئەيبلەپ مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي زۇلۇم قىلىشتا چېكىدىن ئېشىپ كەتتى. خىتاينىڭ بۇ زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرىغا قارشى چىققان ئۇيغۇرلارنى قاراڭغۇ تۈرمىلەردە قىيىن قىستاق ۋە ئىسكەنجە بىلەن قىيناپ ئۆلتۈرمەكتە، بىگۇناھ ئىنسانلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، سوتقا تاپشۇرماستىن ئۆلتۈرۈش جىنايەتلەر ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا. شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ پۈتۈن ھەق - ھوقۇقلىرى تارتىۋېلىنغان ۋەزىيەتتە ياشاۋاتىدۇ. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ،