4 - فېئوۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 19 - يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان شېھىتلار كېچىسى» نامىدا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان، ئۇيغۇرلاردىن ئەر - ئايال بولۇپ 500 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. مۇراسىمدا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ پائالىيەتنى ئويۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقستى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقستى شەرقىي تۈركىستاندىكى شېھىتلىرىمىزنى خاتىرىلەش، ئۇلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسىنى چىڭ تۇتقانلىقىمىزنى ئىزھار قىلىش، ئۆزىمىزگە ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈشكە ۋاسىتە بولسۇن دېگەن چۈشەنچىدە بۇ پائالىيەت ئويۇشتۇرۇلدى.»
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە، غولجا ۋەقەسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «غۇلجا قىرغىنچىلىقى دەپ تونۇلغان ۋە 19 يىل ئىلگىرى غۇلجىدا يۈز بەرگەن ۋە نەچچە يۈزلىگەن كىشىنىڭ شېھىت بولۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان بۇ قىرغىنچىلىق يالغۇز غۇلجىدا يۈز بېرىپلا تۈگەپ كەتمىدى. 19 يىل جەرىيانىدا قارايدىغان بولساق، نەچچە ھەسسە ئارتۇق قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ ۋە شېھىتلار كارۋىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەجدادلىرىمىزنى، شېھىتلارنى، قەھرىمانلىرىمىزنى، ئالىملىرىمىزنى خاتىرىلەش، قەدىرلەش، ئۇلارنى ھاياتىمىزنىڭ سەھىپىسىدە ئوچۇق قويۇش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز.»

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدە شېىھىتلارنىڭ تېخىمۇ كۆپەيگەنلىكىنى بۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە ئىستىبداتىنىڭ تېخىمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كېيىن ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى تەرىپىدىن «غۇلجا قىرغىنچلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان شېھىتلىرى» دېگەن نامدا تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.
پائالىيەت داۋامىدا، تۈركىيىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسۇر دوكتۇر جالال ئەرباي، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىدىن تىبەت يۈجەتۈرك، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ياقۇپجان، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام تۇرانلى، خەلقئارالىق تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ناماز نۇرمۆمىن، پروفسسۇر سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى، دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم، قازاق تۈركلىرى تەلىم تەربىيە ۋە تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سەركان دىنچتۈرك قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

پروفېسسۇر دوكتور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى ئەپەندى سۆز قىلىپ شېھىتلىكنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە ۋەتەن خەلقىنى، ئىسلام دىنىنى ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش يولىدا مەيدانغا چىقىپ شېھىت بولغانلارنى ئەسلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە شېھىتلەرنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پائالىيەتتە، تۈركىيە مۇھىت ۋە شەھەر قۇرۇلۇش مىنىستىرى فاتىمە گۈلدەمەت سارى خانىم ۋە تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئسى شۇنداقلا پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا شەنتوپ ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان شېھىتلار كېچىسىنى تەبرىكلەپ ئەۋەتكەن تېلېگىرافى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلار، «بىزلەر شېھىت ئەۋلادلىرى»، «شېھىت قېنى قۇرمايدۇ» دېگەن تېمىلاردا جاراڭلىق شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ يىغىن ئەھلىنى قىزغىن ھاياجانغا سالدى. ئۆسمۈرلەر يەنە «بىز قايتىپ كېلىمىز» دېگەن تېمىدا تىياتىر كۆرسەتتى. ئۆسمۈرلەردىن مۇھەممەد ئۆتكۈر، «قۇرتۇلۇش مارشى»نى دېكلاماتسىيە قىلدى.
ئاخىرىدا شېھىتلارغا دۇئا ئوقۇلدى ۋە تاماق زىياپىتىدىن كېيىن پائالىيەت ئاخىرلاشتى.
يىغىندا سۆز قىلغان خەلقئارالىق تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ناماز نۇرمۆمىن ئەپەندى ئومۇمىي تۈركسىتاننىڭ بىرلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىستان دېيىلسە، ئىمام بۇخارى، ئۇلۇغ بەك، برونى قاتارلىقلار ئېسىمىزگە كېلىدۇ، تۈركىستان دېيىلسە تارىخ ۋە مەدەنىيەت دېگەنلىك بولىدۇ. تۈركىستان 6 مىليون كۋادرات كىلومېتىرلىق بىر جوغراپىيە بولۇپ 300 مىليون مۇسۇلمان نوپۇسىنى تەشكىل قىلىدۇ. تۈركىستان چوڭ بىر داۋانىڭ، چوڭ بىر مەدەنىيەتنىڭ نامىدۇر. مەن ئۆزەمنى ھەم قەشقەرلىق، ھەم تىرمىزىلىق ھەم ئالماتالىق ھەم ئاشقئاباتلىق دەپ ھېس قىلىمەن، يەنى تۈركىستاننىڭ قەيەردىن دېسىڭىز، شۇ يەرلىك دەپ قارايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولسۇن، مەيلى تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئيىتى بولسۇن، بىز بۈيۈك تۈركسىتان داۋاسىغا ئىگە چىقىشقا ۋە بۇ داۋا ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز.»
ناماز نۇرمۆمىن ئەپەندى شېھىتلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «فىلىمدە كۆرگىنىمىزدەك ئۇ يەردە يالاڭئاياق كەتكەن شېھىتلار، قولىدا قورال يوق شېھىت بولغانلار ھەرگىز قورالسىز ئەمەس ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىماندىن ئىبارەت كۈچلۈك قورال بار ئىدى. قولىدا كالتەك بولغان ئىمانلىق شېھىت قوراللىق دۈشمەننى قوغلاپ چېكىندۈردى. مانا بۇ ئىماننىڭ كۈچىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال ئىمان بىلەن قوراللىنىشىمىز لازىم. ئىمان بىلەن قوراللانغاندا ئاندىن ھەر ئىككى دۇنيادا ئازادلىققا ئېرىشىپ قۇتۇلىمىز.»
دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
