ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركسىتان دېگەن يىغىنغا 1000 غا يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، يىغىن ئەھلىنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركسىتان ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ۋەدە بەردى.
2015 - يىلى 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ مەدەنىيەت - سەنئەت يىغىن زالىدا «ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركسىتان» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىن شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ يىغىنغا 1000 غا يېقىن كىشى قاتناشتى.
ئىستانبۇلدا ئىسمائىل ئاغا جامائىتى دەپ تونۇلغان بىر جەمئىيەت بولۇپ، بۇلار ئۆزلىرىنى ئوسمانلىنىڭ ۋارىسلىرى دەپ قارايدۇ ۋە پۈتۈن ئىجتىمائى ھاياتتا ئوسمانلى ئۇسۇللىرى بويىچە ياشاشقا تىرىشىدۇ
ئابدۇلمەتىن بالقانئوغلى سۆزىدە دۇنيادىكى پۈتۈن زۇلۇملارنى سېلىشتۇرغاندا ئەڭ ئېغىر زۇلۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە يىغىن ئەھلىگە بۇ يىغىنغا قاتناشقانلىقىغا مىننەتدار بولسىمۇ، تەشەككۈر ئېيتمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى مەجبۇرىيىتى ۋە بۇرچى ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان يىغىنىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۆز بۇرچلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلمەتىن بالقانلىئوغلى مۇنبەردە سۆز قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭغا سۇنۇلغان بىر پارچە قىسقا مەكتۈپنى ئوقۇپ ئۆتتى، ئۇ مەكتۈپتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2015 - يىلى 1 - ئايدىن باشلاپ دىنىي ئىبادەتلەرگە چەكلىمە قويغانلىقى، ئىماملارنى ئۇسۇل ئويناشقا زورلاپ مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، 10 ئايدىن بۇيان تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 390 ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. يىغىن ئەھلى بىرلىكتە دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.
ئابدۇلمەتىن بالقانلىئوغلى سۆزىدە ئۇنتۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئەمەس، ئۇنتۇلدۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكىنى ۋە دەردلىك شەرقىي تۈركسىتان دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
3 سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىن جەريانىدا شەرقىي تۈركسىتاندىكى زۇلۇم ۋە بېسىم ئىسكەنجىلەر ئاڭلىتىلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. يىغىن زالىنىڭ ئالدىدا شەرقىي تۈركسىتاندىكى زۇلۇمنى ئىپادىلىگەن رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
بۇ جامائەتتىن يېتىشىپ چىققان ئابدۇلمەتىن بالقانلىئوغلى دېگەن بىر دىنىي ئالىم بولۇپ، بۇ ئالىمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىندى. كېيىن شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەلىخان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلەپ بۇ يىغىننىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
كېيىن ياۋرو - ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدراسىىيىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چىنگىز سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ئاڭلاتتى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇزۇن زاماندىن بۇيان نوپۈس كۆچۈرۈپ يەرلەشتۇرۇشى نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يەر ۋە ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇر ياش ئوغۇل - قىزلارنى ئىچكىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ ئېغىر بېسىم ئاستىدا ئىشىلىتىۋاتقانلىقىنى، ئىسلام دۇنياسى بولۇپمۇ تۈركىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا يەنە مۇجەددىد فوندىنىڭ رەئىسى ئەلى قارا ۋە مەشھۇر دىنىي ئالىم ئابدۇلمەتىن بالقانلىئوغلى سۆز قىلدى.

ئابدۇلمەتىن بالقان ئوغلى بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركسىتان ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ۋەدە بەردى، ھەر زامان ھەر يەردە شەرقىي تۈركسىتاننى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە پۈتۈن يىغىن ئەھلىنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ تۇرۇپ، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن يىغىن ئەھلىدىن، بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركسىتان ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قوللاشقا ۋەدە ئالدى.