ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا ياردەم قىلىش پائالىيىتى باشلاندى

0:00 / 0:00

تۈركىيەگە كۆپ ساندا يېڭىدىن كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار گەرچە ئەركىن دۇنياغا چىقىپ ھۆرلۈككە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئىجتىمائىي ھاياتتا ئۇلارنىڭ ھەر خىل قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ سەپەرۋەرلىك قىلىشى بىلەن تۈركىيەگە يېڭىدىن كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيىتى باشلاندى.

جەمئىيەتنىڭ رەسمىي تور بېتىدە بۇ ھەقتە بىر بايانات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، باياناتتا ئىقتىسادىي ئىمكانى يار بەرگەن بارلىق ئۇيغۇر ۋە تۈرك ساخاۋەتچى كىشىلەر ئېھتىياجلىق مۇھاجىرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

باياناتتا، نۆۋەتتە تايلاندتا پاناھلىق تىلەپ چىققان 300 گە يېقىن مۇساپىرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كېتىلمەسلىكى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

باياناتتا يەنە ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا قۇچاق ئاچقان تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېيىلگەن: تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرلارغا ئىگە چىقىشى بىلەن ھازىرغىچە نەچچە مىڭدەك ئۇيغۇر تۈركىيەگە ساق - سالامەت يېتىپ كېلىۋالدى. بۇ جەھەتتە ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سەمىمىي خىزمەتلىرى ئۈچۈن پۈتۈن خەلقىمىزگە ۋاكالىتەن ئۇلارغا تەشەككۈر بىلدۈرىمىز.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەگە كەلگەن ئېھتىياجلىق ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: سوغۇق قىش مەۋسۇمىدا تەس كۈنلەردە قېلىۋاتقان بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تورغىدەك يەر، يېمەك - ئىچمەك، ئۆي جاھازلىرى، گىلەم، ئەدىيال ۋە يوتقان قاتارلىق ئەشيالارغا ئېھتىياجى بار. بۇ سەۋەبتىن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋە رەسمىي دۆلەت ئورگانلارنىڭ تەس كۈنگە قالغان بۇ مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تېزدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن پۈتكۈل خەلقنى سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ئەنسارلىق سۈپىتى بىلەن بۇ قېرىنداشلارغا قۇچاق ئېچىشقا چاقىرىق قىلىمىز.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مۇھاجىرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر ياردەم پائالىيىتى باشلىغانلىقىنى، چەتئەللەردە بولۇپمۇ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ھەر بىر ئائىلە ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئىمكانىغا قاراپ يېڭىدىن كەلگەن مۇھاجىرلاردىن بىر ئائىلە بىلەن قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت قۇرۇش كېرەكلىكى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارغا قۇچاق ئېچىشىنى، ياردەم قىلىشىنى، شۇنداق قىلغاندا مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارىلار ئوتتۇرىسىدا قېرىنداشلىق رىشتە باغلىنىپ قېرىنداشلىق بىرلىك ھاسىل بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.