ئىستانبۇلدا مۇھاجىرلار ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان دالا پائالىيىتى كۆڭۈللۈك ئۆتتى

0:00 / 0:00


10 - ئىيۇن چارشەنبە كۈنى دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئى ھا ھا ئىنسان ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرى ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەرتىپلىشى بىلەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئۈچۈن دالا پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇ رايونلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن ئەر - ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

پائالىيەت ئىستانبۇل سىرتىدىكى مەنزىرىلىك ئورمانلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى ئەتىگەن سەھەردە مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان 4 چوڭ ئاپتوبۇسدا پائالىيەت رايونىغا ئېلىپ بېرىلدى ۋە بىرلىكتە ناشتا قىلدى كېيىن چۈشلۈك تاماقنىمۇ بىرلىكتە يىدى.

بىز بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئى ھا ھا ئىنسان ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرى ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن مەخمۇت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىي مۇمىنجاننىڭ پىكىر - قاراشلىرىنى ئالدۇق. ئۇ، دالا پائالىيىتىنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى، ئىچكى ئۇرۇش ۋە ھەر خىل بېسىم سىياسەتلەر تۈپەيلى يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىپ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مۇھاجىر مۇساپىرلارغا روھى ئىلھام بېرىش، مەنىۋىي جەھەتتە كەيپىياتىنى ياخشىلاش، خۇشال قىلىش ۋە ئۆز - ئارا تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

پائالىيەتتە ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ھەر خىل قىزىقارلىق نۇمۇر كۆرسىتىلدى. پائالىيەت مەيدانىنىڭ سەھنىسىگە «ھەممىمىز بىرلىكتە خۇددى ئۆيىمىزدىكىگە ئوخشاش» دېگەن چوڭ خەت يېزىلغان پىلاكات بىلەن تۈرك ۋە شەرقىي تۈركسىتان بايراقلىرى ئېسىلغان. بۇ دالا پائالىيەتكە يەنە بىر قىسىم ئىراقلىق، سۈرىيىلىك ۋە ئافغانىستانلىق ئۆزبېك مۇساپىرلارمۇ قاتناشقان.

مۇسابىقە، ئويۇن كۆرسىتىش، توپ ئويناش قاتارلىق ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولغان ئۆسمۈرلەر خۇشاللىققا چۈمدى.

مەخمۇت ئەپەندى بۇ پائالىيەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ يىل 7 - قېتىملىقى ئۇيۇشتۇرۇلغان دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى پائالىيىتىدە، مۇھاجىر مۇساپىرلارنىڭ بىر يەرگە توپلىنىشىنى، قېرىنداشلىق ھېس - تۇيغۇ بىلەن بىر - بىرلىرىنى ئونۇتمايدىغان بىر پروگرامما ئۇيۇشتۇرۇشنى پىلانلىدۇق. بۇ پروگراممىنى 7 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى بىر قېتىم ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. تۈركىيە ئىسلام جۇغراپىيىلەرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلغان بىر دۆلەت. بوسنىيە ئۇرۇشى، چېچەنىستان ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن كۆپ ساندا مۇھاجىرلارنى تۈركىيە قوبۇل قىلدى. ھازىرمۇ سۈرىيىدىن 2 مىليۇنغا يېقىن ئىنسان تۈركىيىدە كۆچمەن مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتىدۇ. بىز ئى ھا ھا ئىنسان ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرى ياردەم ۋەخپى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيا كۆچمەن مۇساپىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ مەزلۇم ۋە ھەقسىزلىققە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى جامائەت ئاممىغا ئاڭلىتىش مەقسىتىدە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردۇق. بىز يەنە بۇ پائالىيەت ئارقىلىق تونۇشمايدىغان مۇھاجىرلارنى بىر - بىرى بىلەن تونۇشتۇرۇشنى ھەم بۇ يەردىكى بىرلىكنىڭ چەتئەللەردىكى قېرىنداشلىرىغا ئۈلگە بولۇشىنى خالايمىز. بىز، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۇرتلىرىنى تاشلاپ تۈركىيىگە كەلگەن مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزغا قۇچاق ئاچقان بىر دۆلەت. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتانلىق مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزغا قۇچاق ئېچىشقا تەييارمىز. بىز ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قۇرۇلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ھەر ساھەدە شەرقىي تۈركسىتانغا ئالاقىدار ھەر خىل تەتقىقاتلار بىلەن خەلق ئاممىغا ئاڭلىتىش جەھەتلەردە كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردۇق ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋام قىلىمىز.