يېقىندا، تونۇلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ «كوممۇنىستىك خىتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوسىياسىي تارىخى» ناملىق كىتابى ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان نەشرىياتىدا يورۇق كۆردى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە، مىللىي ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك قىزىقارلىق ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر نەچچە ئەمگەكلەرنىڭ ئاپتورى ق. غوجامبەردىنىڭ بۇ قېتىمقى كىتابى 1949 - يىلدىن تا 2012 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كوممۇنىستىك خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوسىياسىي تارىخىغا بېغىشلانغاندۇر.
9 باپتىن ئىبارەت، جەمى 50 باسما تاۋاق ھەجىمدىكى مەزكۇر ئەمگەكتە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىي ھاياتىغا، مائارىپىغا، ئىقتىسادىغا، ستاتىستىكىسىغا، ئېكولوگىيىسىگە، ئىجتىمائىي جەمئىيەتلىك ئىدىيىسىگە ۋە مىللىي ھەرىكەتلىرىگە ئائىت ئىلمىي جەھەتتىن تەتقىق قىلىنغان مۇھىم مەلۇماتلار ئورۇن ئالغان.
ئالماتادا نەشر قىلىنىدىغان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ ئۆتكەنكى سانىدا كىتاب ھەققىدە قىسقىچە بېرىلگەن ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلگەن: «قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان ئۇشبۇ كىتابنىڭ قىممىتى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ 1949 - 2012 - يىللار ئارىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇش جەريانىنىڭ تارىخى، سىياسىي - ئىجتىمائىي تەقىبلەش ھەرىكەتلىرى، مىللىتىمىزنىڭ مۇشۇ دەۋردە ئېلىپ بارغان مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرى ھەققىدە مۇپەسسەل تەھلىل بىلەن يېزىلغان سالماقلىق ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر.»
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس ق. غوجامبەردى مەزكۇر كىتابنى تەييارلاشتا پايدىلىنىلغان مەنبەلەر ھەققىدە توختالدى.
0:00 / 0:00