ئىستانبۇل ۋالىيىلىقى ۋە ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 7 - ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى يېڭىقاپى ساھىل مەيدانىدا، دېموكراتىيە ۋە شېھىتلەر يىغىنى دېگەن نامدا چوڭ يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈركىيىنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدىن نەچچە مىليون كىشى قاتناشتى. يىغىنغا ئىستانبۇلدىىكى ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، مەيداننىڭ ھەر يېرىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى لەپىلدەپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
15 - ئىيۇل كۈنى كېچىسى تۈركىيىدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىش ئىسيانى خەلق تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيە خەلقى ھەر ئېھتىمالغا قارشى يەنە بىر قېتىملىق تويۇقسىز ھەرىكەتنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى كېچىلىرى تۈركىيىگە ئىگە چىقىش، دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىرادىگە ئىگە چىقىش شۇئارى ئاستىدا كېچىلىرى ئۇخلىماي مەيدانلاردا تاڭ ئاتقۇزۇپ كەلمەكتە.
يىغىنغا يەنە تۈركىيە باش قوماندانى گېنېرال خۇلۇسى ئاكار، ھاۋا ئارمىيىسى، دېڭىز ئارمىيسى ۋە قورۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىرىمۇ قاتناشتى.
يىغىندا ھەربىي ئۆزگىرىش ئىسيانىغا ئالاقىدار ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى، 15 - ئىيۇل كېچىسى شېھىت بولغانلارنىڭ ئىسىملىرى بىر - بىرلەپ ئوقۇپ ئۆتۈلدى، ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئوقۇلۇش بىلەن تەڭ رەسىملىرى چوڭ ئىكراندا بىر - بىرلەپ كۆرسىتىلدى.
ئىستانبۇل ساقچى باشلىقىنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىنغا 5 مىليون كىشى قاتناشقان. يىغىنغا ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىنمۇ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى، يىغىن مەيدانىدا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان شەرەپ مېھمانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. مەيداندا شەرقىي تۈركىستانلىقلار بايراقلىرىنى لەپىلدەپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايەت قىلدى. بۇ يىغىن كۆپ ساندا رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئارقىلىق نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى.
نەچچە مىليون كىشى قاتناشقان يىغىن ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. كېيىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىندى، تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ رەئىسى مەھمەت گۆرمەسنىڭ قول كۆتۈرۈشى بىلەن دۇئا ئوقۇلدى.

يىغىندا يەنە تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى ئىسمائىل قەھرىمان پارلامېنت بىناسىنىڭ بومباردىمان ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە مۇنداق دېدى: «ھەربىي ئۆزگىرىش ئىسيانىنىڭ يوقالغانلىقىنى دۇنياغا كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ يەرگە توپلاندۇق ۋە بىر مىللەت، بىر ۋەتەن ھېس تۇيغۇسىدا ئىكەنلىكىمىزنى پۈتۈن دۇنيا كۆردى.»
پارلامېنت رەئىسى ئىسمائىل قەھرىمان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، «ئىستانبۇلنى دۈشمەنگە تەسلىم قىلمىغان ئىستانبۇل خەلقىگە سالام يوللايمەن ۋە تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېدى.
يىغىن ئاخىرىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان سۆز قىلدى.
نەچچە مىليون كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلغان يىغىندا ئەردوغان خەلققە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى:« 15 - ئىيۇل كېچىسى يەنە بىر قېتىم ئىستىقلال ئۈچۈن قوزغالغان ئەزىز مىللىتىم!، سىلەرنىڭ چىن يۈرەكتىن سالام بېرىمەن. سۆزۈزمنىڭ بېشىدا 15 - ئىيۇل كېچىسى مەيدانلارغا چىقىپ قوراللارنىڭ، تانكىلارنىڭ ئالدىغا كۆكرەك كىرىپ چىققان، جاسارەت كۆرسەتكەن پۈتۈن قېرىنداشلىرىمغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن..»
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىندا «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» لەپىلدىتىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىمام قەشقەرى ۋە مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يېڭىقاپى يىغىن مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ، تۈرك بايراقلىرى بىلەن مەيداننى قىزىل رەڭ قاپلاپ كەتتى.
بۇ يىغىنغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان، سابىق رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى ئىسمائىل قەھرىمان، باش مىنىستىر بىنئالى يىلدىرىم، سابىق باش مىنستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلى، ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى كامال قىلىچدارئوغلى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى رەئىسى دوكتور دۆۋلەت باغچەلى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنسىتىرى ھۆسەيىن ئۆزۈرگۈن قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى دۆۋلەت باغچەلى سۆز قىلىپ مىللىي ئىرادىگە ئىگە چىقىش ئۈچۈن تۈركىيە خەلقىنى بىرلىك، باراۋەرلىككە چاقىرىق قىلدى.
كېيىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى كامال قىلىچدار ئوغلى سۆز قىلىپ، پۈتۈن تۈركىيە خەلقىنىڭ قانۇن ئالدىدا تەڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە خەلقنى يېڭى بىر تۈركىيە ئۈچۈن دېموكراتىيىگە ئىگە چىقىشقا چاقىرىق قىلدى.
يىغىندا يەنە تۈركىيە باش قوماندانى گېنېرال خۇلۇسى ئاكار سۆز قىلدى. گېنېرال خۇلۇسى ئاكار سۆزىنى باشلىىشى بىلەن تەڭ يىغىن ئەھلى يۇقىرى ئاۋازدا، تۈركىيە سەن بىلەن غۇرۇرلىنىدۇ دەپ توۋلىدى. خۇسۇلى ئاكار تەشەككۈر ئېيتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى يەنە ئەڭ بۈيۈك ئەسكەر بىزنىڭ ئەسكەر دەپ شۇئارلار توپلاپ مەيداننى زىلزىلگە سالدى.
يىغىندا تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنئەلى يىلدىرىم سۆز قىلىپ، 15 - ئىيۇل ھەربىي ئىسياننى مەغلۇپ قىلىشتا شېھىت بولغان، يارىلانغان قەھرىمانلارنى خاتىرىلىدى ۋە تەبرىكلىدى. بىنئالى يىلدىرىم سۆزىدە يەنە فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيىگە كەلتۈرۈپ ھېساب ئالىدىغانلىقىنى، جازاسىنى بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.