ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورگىنى «تيەنئەنمېندىكى ئاپتوموبىل ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇرلار»
2013.12.13
خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خەلقئارادا قوزغالغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق نارازىلىق ھەرىكەتكە تېررورلۇق ماركىسى چاپلاپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيادا تونۇلۇشى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلاپ بېرىشى نەتىجىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تاكتىكىسى رىقابەتكە ئۇچراشقا باشلىدى.
بولۇپمۇ بۇنىڭ نەتىجىسى 29 - ئۆكتەبىر كۈنى تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئىنتايىن ئېنىق كۆرۈلدى. ۋەقەدىن كېيىن ھەرقايسى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى سۇيئىستىمال قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە قىزغىن مۇنازىلەر قوزغىلىپ كەتتى. بۈگۈن مەركىزى ئەنگىلىيىدىكى تاشقى ئىشلار مۇنبىرى ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تور بېتىدە «يەنە بىر تىبەت : تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ۋەقە ۋە ئۇيغۇرلار» تېمىلىق مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇلاھىزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئۈستىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەركىزى ئەنگىلىيىدىكى تاشقى ئىشلار مۇنبىرى ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورگىنى ئەنگىلىيىدىكى سينت ئاندرۇ ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بىر ئىستراتىگىيە تەتقىقات مەركىزى بولۇپ، بۇ مەركەز دۇنيانىڭ ھەممە رايون، ھەممە دۆلەتلىرىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە تەتقىقاتلارنى يۈرگۈزۈپ، تۈرلۈك ئىلمىي تەتقىقات - مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن نوپۇزلۇق بىر تەتقىقات مەركىزى. بۇ مەركەزنىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندىمۇ ئىشخانىسى بار.
بۈگۈن، مەزكۇر ئورگاننىڭ تور بېتىدە «يەنە بىر تىبەت: تيەنئەنمېندىكى ئاپتوموبىل سوقۇلۇش ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇرلار» ماۋزۇسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇلاھىزىدە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئىنتايىن ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلگەن. ماقالىدە ئالدى بىلەن 29 - ئۆكتەبىر كۈنى تيەنئەنمېندە ئوسمان ھەسەن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ 2 ساياھەتچىنىڭ ئۆلۈمى ۋە 40 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن ۋە بۇ «يېقىنقى يىللاردا تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ۋەقەلەرنىڭ بىرى» دەپ كۆرسىتىلگەن.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن :
بۇ خىل زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە تېررور تېرمىنىنى ئىشلىتىش ئىنتايىن ئوڭاي، ئەمما بۇ يەردە تېررورلۇق دېگەن ماركىدىن زادى كىمنىڭ پايدا ئالىدىغانلىقىغا، نېمىشقا بەزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىر قىسىم ئېتنىك، دىنىي ۋە يەرلىك گۇرۇپپىلار ئۈچۈن تېررورچى دېگەن سۆزنى شۇنچە ئاسان ئىشلىتىدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. تيەنئەنمېندىكى بۇ ئاپتوموبىل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل بىر مىللەتنى شەيتاندەك قىلىپ كۆرسەتتى. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئېتنىك رايوندىكى بارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئىنكار قىلغان بولدى. مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل قورقۇنچ ۋە ئىنكار قىلىش ئۇسۇلى ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر پالاكەتتىن بىشارەت بەرمەكتە.
مەزكۇر مۇلاھىزىنىڭ ئاپتورى شۇنداقلا مەزكۇر تەتقىقات ئورگىنىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچسىى مېرىي گەرىت بۇ ھەقتە مۇلاھىزىسىنى داۋام قىلىپ، نۇرغۇن غەربلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى توغرىلىق كۆپ نەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى، بۇ نەرسىلەرنىڭ دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۆزى ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ماقالىسىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭ دېگەن رايوندا ياشايدىغان يەرلىك خەلق ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949 - يىلىدىن بۇيان بۇ زېمىننى ئىشغال قىلىپ، ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغان بۇ زېمىنغا «يېڭى چېگرا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «شىنجاڭ» دېگەن جاي نامىنى بەرگەنلىكىنى قەيت قىلغان. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم، تەقىب ۋە ھەتتا ئىمپېريالىست سىياسىتىدىن نارازىلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنۈش جەھەتتە نۇرغۇن ياۋرۇپالىقلارنىڭ كاللىسىدىكى خىتاي مىللىتى ھەققىدىكى چىراي ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ تۈركىي تىلى، دىنىنىڭ ئىسلام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ «ئۇلار قەدىمىي يىپەك يولىدا تىجارەت قىلغان خەلقلەرنىڭ يەنى كاۋكازىيىلىك ۋە جەنۇبىي ئاسيالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى» دەپ بايان قىلغان. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىدىكى بۇ خىل پەرقلىق بىر مىللەتنى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىشتىن قېينىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن.
ئاپتور مېرىي ماقالىسىنى داۋام قىلىپ : تىبەتلەرنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىش ھەرىكىتى دۇنيادا ئىنتايىن كەڭ تونۇلغان، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتى بولسا مۇشۇ ساھەنىڭ مۇتەخەسسسىلىرىدىن باشقا ئادەتتىكى كىشىلەرگە تونولمىغان. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشقا ياكى ياردەمگە ئېرىشكىنى يوق. لېكىن بۇ، ئۇلارنىڭ داۋاسىنىڭ يولسۇزلۇقىنى، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك قابىلىيىتى يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ، دېگەن. ئۇ مۇلاھىزىسىدە تيەنئەنمېندىكى ۋەقەنى سادىر قىلغان ئوسمان ھەسەننىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرىنىڭ 2009 - يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە گەپ - سۆزلەر بارلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى يۈز بېرىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كۆچمەنلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى تارتېۋېلىۋاتقانلىقى، ئادىل رىقابەت يوقلۇقىدىن شىكايەت قىلىدىغانلىقىنى، 50 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر نوپۇسى رايوندا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىسە، ھازىر خىـتاي نوپۇسىنىڭ ئالمىشىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىگە كېيىنكى 5 يىلدىكى سىياسەتلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجىگە بېرىشنىڭ چەكلىمە ئاستىغا ئالغانلىقىنى، روزى تۇتۇشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، مەسچىتلەردىكى ئىماملارنى ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بېرىدىغان سىياسەتنى چىقارغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەكتەپ ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلىتىلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىگە توسالغۇ قويۇلغانلىقىنى، تاكسى شوپۇرلىرى ئەگەر ماشىنسىغا ھىجاپلانغان ئايال ئالسا جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقىنى مىسال قىلىپ بەرگەن. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ «پۈتۈن بۇلار يەتمىگەندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېندىكى ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشنىڭ سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. شىنجاڭدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئەمدى سىياسىي كۆز قارىشى ياخشى باھالانمىسا مەكتەپ پۈتتۈرەلمەيدىغان بولدى. كۆپىنچە كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سىياسىتىنى ھالاكەتكە باشلاپ بارىدىغان ئەھۋاللار، دەپ قارىماقتا» دەپ بايان قىلغان.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خىتايدا ساقلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدە بىرمۇ - بىر توختالغان ۋە تيەنئەنمېندىكى ۋەقەنىڭ بىر سېگنال بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن :
- جۇڭگو تەرەققىي قىلماقتا. ئۇ تەخمىن قىلغۇسىز رەقەملەر بىلەن زورايماقتا. ئەمما بۇ چاقناپ تۇرغان بىنالار ئارقىسىدا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ پارلاق بولغان ئىقتىسادىي رەقەملەر ئارقىسىدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان باشقا بىر جۇڭگو بار. ئۇ بولسىمۇ بېسىمنى ئۆزىگە تۈزۈم قىلىۋالغان ۋە دۇنياۋىيلىشىشتىن نېسىۋىسىنى ئالمىغان بىر جۇڭگو. جۇڭگونىڭ كېلەچىكى ھەققىدىكى ھەقىقەت شۇكى، تاشقى سىياسەت جەھەتتىن ئالغاندا خىتاي كۆرۈنگەننىڭ ئەكسىچە ئىنتايىن ئاجىز. مىللىي بېسىم سىياسىتى خىتايدىكى بارلىق پارازىت قۇرتتەك مەسىلىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى. خىتايدىكى ناچار خىزمەت مۇھىتى، ئائىلە قۇرۇلمىسىنى بۇزىدىغان سىياسەتلەر، ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىشى، ئاجىز مائارىپ سېستىمىسى ۋە كەڭ يامراپ كەتكەن چىرىكلىكلەرنىڭ ھەممىسى خىتايدىكى ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان بىر ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىقنىڭ مەنبەسىدۇر. ئۆكتەبىردە تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسى خىتاينىڭ يۈكسېلىشىنىڭ مانا بۇ قاراڭغۇ يۈزىنى ئۇنتۇپ قالغانلار ئۈچۈن بىر سېگنال بولغۇسى!
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى مېررىي گەرىت سېينت ئاندرۇ خەلقئارا تاشقى ئىشلار مۇنبىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇ خەلقئارا سىياسەت، ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە دۇنيادىكى دىنلار مەسىلىسىدە مۇتەخەسسىسلەشكەن.