2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى ھولىداي مېھمانخانىسىدا 19-ماي چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 بىلەن باشلاندى. يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، تۈركىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن 26 نەپەر سىياسىي ئەرباب، زىيالىي، مۇتەخەسسىس ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى قاتناشتى.
تۈركىيە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چاقىرىلغان، ھېچقانداق تەشكىلات ياكى سىياسىي گۇرۇھقا ۋەكىللىك قىلمايدىغان بۇ قېتىمقى يىغىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. ئىستىقلال مارشىدىن كېيىن، ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى قىسقىچە ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلەپ، يىغىن ئەھلىنى ئۆز مىللىتىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بىر خىزمەت ئۈچۈن باسقان مۇبارەت قەدەملىرى بىلەن قۇتلىدى.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ نۇتقىدىن كېيىن، تۇنجى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ دوكلاتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ۋەكىللەر بىرىنچى قېتىملىق يىغىن قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلارغا يۈكسەك باھالار بېرىشتى.
يىغىننىڭ بۈگۈنكى تۇنجى پروگراممىسى 2003-يىلى دوكتور ئەركىن ئەكرەم تەرىپىدىن ھازىرلانغان، 2004-يىلى 16-، 19-ماي كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا تەستىقتىن ئۆتكەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ 3 باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنىڭ تۈزىتىلگەن، تولۇقلانغان نۇسخىسىنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كۆچۈرۈش بولدى.
چۈشتىن بۇرۇن «خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش» تېمىسى ئاستىدا «خەلقارا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈمدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەم ئايلىنىش»، «غەربنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قىممەت قاراشلىرى» قاتارلىق مەزمۇنلار ئۈستىدە مۇزاكىرىلەر بولدى.
مەزكۇر يىغىننى تەشكىللىگەن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇنداق بىر يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىكى مەقسەت ۋە سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.
ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندىن بەكلا مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
كانادادىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەھمەتجان ئوسمان ئەپەندىمۇ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەھمىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە يىغىنغا يۇقىرى باھالار بەردى. گېرمانىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى يىغىن ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ يىغىننىڭ سۈپەت ۋە سەۋىيىسىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۇنجى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى بۇ يىل 2-ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 27-كۈنلىرىگىچە كۈزەي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرنە شەھىرىدە چاقىرىلغان ئىدى. شۇ قېتىمقى يىغىنغىمۇ 12 دۆلەتتىن 19 نەپەر ئۇيغۇر قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ 3 باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى كۆزدىن كۆچۈرگەن ۋە مۇھىم قارارلار قوبۇل قىلغان. بۇ قېتىمقى يىغىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان ۋەزىيەتنى نەزەرگە ئالغان ھالدا، بىرىنچى قېتىملىق يىغىندىن 3 ئاي كېيىنلا گېرمانىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.