«ئىيى» پارتىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ 11 ئۇيغۇرنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

10‏-ئاينىڭ 11‏-كۈنى مالايشىيا ھۆكۈمىتى تۇتقۇندىكى 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى قويۇپ بېرىپ تۈركىيەگە يولغا سالغان ئىدى. تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەن بۇ ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە ئايرودرومدىكى نازارەتخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

«ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ باشلىقى ساتۇق بۇغراخان قاۋۇنجۇ باشچىلىقىدىكى 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان 1-نويابىر كۈنىدىكى پائالىيەتتە، ساتۇق بۇغراخان قاۋۇنجۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 11 ئۇيغۇرنىڭ دەرھال تۈركىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ مەتبۇئات باياناتى ئوقۇپ ئۆتتى.

11 ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش يىغىنىغا «ئىيى» پارتىيەسى رەھبەرلىرى، ئەزالىرىدىن سىرت ئاز ساندا ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى مەتبۇئات باياناتنىڭ بېشىدا بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ: «بۈگۈن ئېغىر بېسىم ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش، شۇنداقلا ھازىر ساقچى ئىدارىسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان رايونىدىن مىڭ تەستە قېچىپ تۈركىيەگە كېلىپ، پاناھلىق تىلىمەكچى بولغان 11 ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدۇق» دېدى.

ساتۇق بۇغراخان قاۋۇنجۇ ئەپەندى باياناتىدا 4 مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيە ۋە ئافغانىستاندىن كەلگەن مۇساپىرغا ئىگە چىقىۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلارچىلىك قىممىتى يوقمۇ؟» دەپ سوئال سوراپ مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى ئادەم قېلىپىدىن چىققان بېسىمدىن قېچىپ، جېنىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مالايشىياغا، ئۇ يەردىن ئانا يۇرتى تۈركىيەگە كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن، ئايال ۋە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 ئۇيغۇر، 17 كۈندىن بۇيان ئىستانبۇلدىكى ئاتاتۈرك ئايرودرومىدىكى نازارەتخانىدا تۈركىيەگە كىرىش ئۈچۈن رۇخسەت كۈتمەكتە. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر دۆلىتىمىزدە ياشاۋاتقان 4 مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيەلىك ۋە ئافغانىستانلىق كۆچمەنلەردىن نېمە پەرقى بار؟ بۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دۆلىتىمىز بىزدىن يىغقان باجلار بىلەن ھەقسىز داۋالاۋاتقان، قاتناش ۋاستىلىرىدىن ھەقسىز پايدىلاندۇرۇۋاتقان، ھەقسىز ئوقۇتۇۋاتقان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارچىلىك قىممىتى يوقمۇ؟»

«ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ باشلىقى ساتۇق بۇغراخان قاۋۇنجۇ باياناتىدا ئىستانبۇلدىكى ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 ئۇيغۇرنىڭ ھېچقانداق تېررورلۇق پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلمىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىگە دەرھال رۇخسەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىيى پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىمىزگە شۇنى دېمەكچىمىزكى، بىز جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ قېرىنداشلىرىمىز ھېچقانداق تېررورلۇق پائالىيىتىگە ئارىلاشمىغان ۋە ھېچقانداق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە ئەمەس ئىكەن. بۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا دۆلىتىمىز پاناھلىق تىلىگۈچى مۇئامىلىسى ئەمەس، كۆچمەن مۇئامىلىسى قىلىشى كېرەك. قېرىنداشلىرىمىز تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك ۋە ئافغانىستانلىقلارچىلىك بۇ دۆلەتتە تۇرۇش ھەق ۋە ھوقۇقىغا ئىگە. سانى 4 مىليوندىن ئاشقان سۈرىيەلىك ۋە ئافغانىستانلىق مۇساپىرلارغا ئوقۇش، داۋالىنىش، قاتناش ۋە ئۆي ئىجارىسى ياردەم پۇلى بېرىۋاتقان دۆلىتىمىزنىڭ 11 ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزغىمۇ ئوخشاش ھەق ۋە ھوقۇقنى بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز».

ساتۇق بۇغراخان قاۋۇنجۇ ئەپەندى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە دۆلىتىگە 11 ئۇيغۇرنى بېقىش تەس كەلسە، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى باقىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزنىڭ 11 ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنى بېقىشقا كۈچى يەتمىسە، بىز ‹ئىيى› پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، تۇرۇش، ئوقۇش قاتارلىق پۈتۈن چىقىملىرىنى بېرىدىغانلىقىمىزغا ۋەدە بېرىمىز. ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بۇ مەسىلىنى دەرھال ھەل قىلىپ بېرىشىنى، 11 ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنى كۆزىمىز كۆرۈپ تۇرۇپ ئۆلۈم يولىغا سالماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز».

ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا 1-نويابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى خەمىت كۆكتۈرك ئەپەندى پائالىيەتكە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە باشقىلاردىن بولۇپ 150 ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خەمىت كۆكتۈرك ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ يالغان ئەيىبلەشلەر بىلەن زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مالايشىيا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى كۈچلۈك تەلىپىگە قارىماي، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بارلىق ئەيىبنامىلەرنى بىكار قىلىپ، ئۇلارنى ئەركىنلىككە چىقارغان ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بالا-چاقىلىرى تۈركىيەدە بولۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارنى ئايرودرومدا تۇتۇپ تۇرۇشى نارازىلىقلارغا ئۇچرىماقتا. 30-ئۆكتەبىر كۈنى «ئىيى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئىسمائىل ئوق ئەپەندى، پارلامېنتتا ھۆكۈمەتكە سوئال خېتى سۇنۇپ، بۇ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى نېمە ئۈچۈن تۈركىيەگە كىرىشكە رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى سورىغان ئىدى.