مەلۇمكى، قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىلمۇ-خىل تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. ئۇلار جەمئىيەتنىڭ كۆپلىگەن ساھەلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى، مائارىپىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئەنئەنىلىرىنى تەرغىب قىلىش، ئۇيغۇر تىلىدىكى گېزىت-ژۇرنال ۋە كىتابلارنى سېتىۋېلىش، مۇشتەرى توپلاش، بالىلار ئۆيلىرىگە، مەجرۇھلارغا خەيرخاھلىق قىلىش ۋە باشقىلار شۇلار جۈملىسىدىندۇر. ئەنە شۇنداق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ «جانان» جەمئىيەتلىك فوندى يېقىندا ئۆزىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 23-ئىيۇلدا ئالمۇتا شەھىرىدىكى «ئىمپېراتور» رېستورانىدا تەنتەنىلىك مۇراسىم بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى، جەمئىيەتلەر، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، ياشلار قاتناشتى. مۇراسىمغا ياش ئۇيغۇر ئىجادكارلىرىنىڭ «ۋارىس» بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرى، شائىرلاردىن مۆلۈتجان توختاخۇنوف ۋە ئالبىنا ئەمەتوۋا رىياسەتچىلىك قىلدى.
دەسلەپ سۆزگە چىققان قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف پۈتكۈل قازاقىستانلىقلار نامىدىن «جانان» فوندىنى تەبرىكلەپ، ئۇنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان خەيرخاھلىق ئىشلىرىنى باشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغانلىقىنى، بۇ مۇراسىمغا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق دېگۈدەك تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ «جانان» فوندىنىڭ ئەزالىرىغا مەركەز نامىدىن «پەخرىي يارلىق» لار تاپشۇردى. ئالمۇتادىكى قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى «دوستلۇق ئۆيى» نىڭ مۇدىرى جاننا شايمۇخامبېتوۋا، ئالمۇتا شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېنىدىكى «جەمئىيەتلىك كېلىشىم» مەھكىمىسىنىڭ مۇدىرى جانات مۇرىنوۋالار ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتلىك پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. جانات مۇرىنوۋا ئۇيغۇر خەلقى ۋەكىللىرىنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى، رەسساملار ئىتتىپاقى ئوخشاش جايلاردىمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى ياخشى تونۇيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ناخشىچىلار، ئارتىسلار ئىنتايىن نۇرغۇن. ئۇلارنى ھەممە ساھەلەردە ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنىڭ گېزىتى، تىياتىرى، تېلېۋىزىيىسى بار. يىگىت باشلىرى پەقەت ئۇيغۇرلاردا بار. كۆپلىگەن مەسىلىلەر شۇلار ئارقىلىق ھەل بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ئەنە شۇ يىگىت باشلىرىنىڭ ئىشىنىڭ داۋامى دېسەك بولىدۇ. بۇ فوندمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلدى. بۇ چوڭ مېھرىبانلىق، چوڭ كۆڭۈل. كۆپلىگەن ئىشلارنى بىز بىللە ئۆتكۈزىمىز. بۇنىڭدىن تاشقىرى، مەجرۇھ بالىلارنى، ئەھۋالى ئېغىر كىشىلەرنىمۇ ھېچ قاچان ئۇنتۇمايدۇ».
مۇراسىمدا شۇنداقلا يازغۇچىلار، جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرى، ئارتىسلار، ئالىملار، مۇئەللىملەر، ياشلار ئۆزلىرىنىڭ ياخشى تىلەكلىرىنى ئېيتىپ، «جانان» فوندىغا چوڭ ئۇتۇقلار تىلىدى.
مۇراسىمنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا «جانان» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ ھامىيلىقى بىلەن نەشر قىلىنغان ياش ئىجادكارلارنىڭ «ئارزۇ بۇلاقلىرى» ناملىق كىتابى تونۇشتۇرۇلدى. مۇراسىم داۋامىدا «نارگىز»، «دولان» ئۇسسۇل ئانسامبىللىرى، «تارىم» ئانسامبىلى، ناخشىچى ئارتۇر ئېلاخۇنوف، ئۇيغۇر تىياتىرى ناخشىچىلىرى ۋە باشقىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن چوڭ كونسېرت كۆرسىتىلدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «جانان» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ مۇدىرى مىزەنگۈل ئاۋامىسىموۋا «جانان» فوندىنىڭ 2008-يىلى 28-ئاۋغۇست كۈنى ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى خانىم-قىزلار كېڭىشىدە قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «جەمئىيەتنى قۇرغان ئاياللار ئىشنى 153-مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىغا پەردە تىكىش بىلەن باشلىغان. 89-مەكتەپتە كومپيۇتېر سىنىپ ئاچقان. فوندنىڭ ۋەزىپىسى مەكتەپكە، بالىلار ئۆيلىرىگە ياردەم بېرىش، دۇنيادىن ئۆتكەن ئاتاقلىق زىيالىيلارنى، ئارتىسلارنى ئەسلەش كېچلىرىنى ئۆتكۈزۈش بولدى. بۇ فوندنى مەن 2014-يىلدىن بۇيان باشقۇرۇۋاتىمەن».
مىزەنگۈل ئاۋامىسىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، فوندنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ جانلىنىپ، ھازىر ئۇنىڭغا ئەزالارنىڭ سانىمۇ كۆپەيگەن ھەم 14 كە يەتكەن. فوندنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ ئىلگىرى سۈرگەن «مەكتەپكە يول» پروگراممىسى بويىچە ئىش ئېلىپ بارماقتىكەن ھەم بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە كۆپ ياردەملەر قىلماقتىكەن.
ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بىز شەھەر بولسۇن، يېزا بولسۇن مەكتەپلەرگە ياردەم بېرىمىز. بولۇپمۇ يېزا مەكتەپلىرىگە، سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئەھۋالى شەھەرگە قارىغاندا ناچار. بىز مەكتەپ مۇدىرلىرىدىن ئۆزىمىز قانداق ياردەم كېرەكلىكىنى سورايمىز».
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ۋارىس» ئىجادىي بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شائىر ۋىليام مولوتوف ھازىرقى ۋاقىتتا بولۇپمۇ ياش ئىجادكارلارنىڭ ھەر قانداق ياردەملەرگە موھتاج ئىكەنلىكىنى، بىر قاتار جەمئىيەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە دىققەت بۆلۈۋاتقانلىقىنى، «جانان» فوندىنىڭ شۇلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «جانان فوندى ياش ئىجادكارلارنىڭ 2013-يىلدىن بۇيان توپلىنىپ، تەييارلانغان، 23 مۇئەللىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدى. فوندنىڭ باشقىمۇ خەلقئارالىق ۋە جۇمھۇرىيەتلىك پائالىيەتلەرگە ئۆز ئۈلۈشىنى قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئون يىل ئىچىدە قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاتاپ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس. لېكىن مەكتەپ بولسۇن، جەمئىيەتلىك، مەدەنىي ئىشلارنى قوللاش بولسۇن، «جانان» فوندى ساخاۋەتلىك ئىشلارنىڭ بېشىدا كۆرۈنۈپ كەلمەكتە.»
ئىگىلىشىمىزچە، رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە 260 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشاۋاتقان قازاقىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ 20دىن ئوشۇق ھەر خىل جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلىرى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارنىڭ بارلىقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رويخەتكە ئېلىنغان. مەزكۇر تەشكىلاتلار يۈرگۈزۈۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ بەزىلىرى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا ئېلىپ بېرىلماقتا.