ھىندونېزىيە ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى پۇراخاننىڭ «ھىندونېزىيە نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ بېلىقچى كېمىسىنى پارتلىتىۋېتىدۇ؟» ناملىق ماقالىسى ياپونىيە ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلىنىڭ 2-ئىيۇن سانىدا ئېلان قىلىندى.
ھىندونېزىيە ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى ماقالىسىدە: «2009-يىلى ھىندونېزىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكى سەۋەبىدىن تۇتۇپ قىلىنغان ۋە ئەينى ۋاقىتتا كېمىدىكى خىتاي بېلىقچىلىرى ھىندونېزىيە قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغان خىتاي بېلىقچى كېمىسىنى ئۆتكەن ھەپتە ھىندونېزىيە دائىرىلىرى پارتلىتىۋېتىپ، ھازىر ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ ئىشقا بولغان ئىنكاسىنى كۈتۈۋاتىدۇ» دەيدۇ.
مۇخبىر پۇراخان ماقالىسىدە: «ئالتە يىل ئىلگىرى تۇتۇۋېلىنغان خىتاي بېلىقچى كېمىسىنى ھىندونېزىيە دائىرىلىرى ئەمدىلىكتە نېمە ئۈچۈن توساتتىنلا پارتلىتىۋېتىدۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ.
ماقالىدە، ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى جوكونىڭ دېڭىز مۇداپىئە قىسىملىرىغا بۇيرۇق قىلىپ قانۇنسىز كىرگەن چەتئەل بېلىقچى كېمىلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.
پۇراخان ماقالىسىدە، پارتلىتىۋېتىلگەن خىتاي بېلىقچى كېمىسىنىڭ بۇندىن ئالتە يىل ئىلگىرى، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى مۇستەقىللىق كۈنىنى خاتىرىلەۋاتقان كۈننىڭ ئۆزىدە، تايلاند، فىلىپپىن،ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بېلىقچى كېمىلىرى خىتاي بېلىقچى كېمىسى بىلەن بىرگە قوشۇلۇپ ھىندونېزىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي بېلىقچى كېمىسىنىڭ چەتئەل كېمىلىرىگە ئەگىشىپ خاتا كىرىپ قالغانلىقىنىڭ ئېھتىمالغا يېقىنلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ماقالىدە ئاپتور، خەلقئارا دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بەزىبىر قانۇنىي رەسمىيەتلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ھازىر خەلقئارادا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسىدە كۆپلىگەن زىددىيەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخىچە ئەتراپلىق بىر يەكۈن چىقىرالمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاپتور ماقالىسىدە، خەلقئارا قانۇندا دۆلەتلەر ئارىسىدا بۇ خىلدىكى ماجىرالار يۈز بەرگەندە قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ئېنىق بىر بەلگىلىمە بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئىشنى ئاۋام خەلقتىن مەخپىي تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ قېتىم ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش كۆرۈپ، خىتاينىڭ بېلىقچى كېمىسىنى پارتلىتىۋېتىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ماقالىدە، ھىندونېزىيە دېڭىز-ئوكيان مىنىستىرى سۇشىنىڭ يېقىندا ئېيتقان سۆزىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ،ئۇ سۆزىدە: «ھىندونېزىيە بۇنىڭدىن كېيىن دېڭىز تەۋەلىكىمىزگە قانۇنسىز كىرگەن چەتئەل كېمىلىرىگە قاتتىق ھەرىكەت قوللىنىدۇ» دېگەن. ھىندونېزىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان «جاكارتا پوچتىسى گېزىتى» دىمۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىي خەۋەر بېرىلگەنلىكىنى ئاپتور ماقالىسىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
ماقالىدە شۇنداقلا ئالتە يىل ئىلگىرى خىتاي بېلىقچى كېمىسىنىڭ ھىندونېزىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكى سەۋەبىدىن ھىندونېزىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلاشقانلىقىنى،ئەمما يېقىندىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ھىندونېنىزىيە دائىرىلىرىنىڭ ئويلىمىغان يەردىن تۇيۇقسىزلا خىتاي بېلىقچى كېمىسىنى پارتلىتىۋېتىشىنىڭ ئۆزى تولىمۇ بىر سىرلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئاپتور شۇنىڭ بىلەن بىرگە ماقالىدە، ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى جوكونىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە، بولۇپمۇ ھازىر ئىزچىل ماجىرا كۆرۈلۈۋاتقان جەنۇبىي نەنشا تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنىڭ خىتاي بېلىقچى كېمىسىنى پارتلىتىۋەتكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ خەۋەر ياپونىيە جەمئىيىتىگە تارقالغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ياپونلار بۇ ھەقتە ھەر خىل تور بەتلىرىدە ئوخشىمىغان قاراشلاردا ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قانۇنشۇناس ياماگاجو بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-خىتاي بېلىقچى كېمىلىرىنىڭ قوشنا ئەللەرگە بولغان بۇ خىلدىكى تەھدىتى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئەڭ چوڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان دۆلەت ياپون بولسا كېرەك دەپ قارايمەن. سەۋەبى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئۆزىدىلا ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپ مارجان سۈزمەكچى بولغان خىتاي بېلىقچى كېمىلىرى ياپونىيە دېڭىز قوغداش قىسىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ياپونىيە قانۇنىنىڭ بۇ جەھەتتىكى يۇمشاق سىياسىتى سەۋەبىدىن، پەقەت جەرىمانە قويۇلۇپلا قويۇپ بېرىلدى ۋە كېمىلىرى قايتۇرۇلدى. خىتاي بىلەن قوشنا بولغان بارلىق دۆلەتلەر خىتاي بېلىقچى كېمىلىرىگە ھىندونېزىيە دائىرىلىرى كەبى قاتتىق قوللۇق سىياسەت قوللانغاندىلا خىتاي بېلىقچى كېمىلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرىش ھەرىكىتىنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.