خىتاي جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە ئىككى بىسلىق ئىنكاس قايتۇرماقتا

0:00 / 0:00


خىتاي دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى ۋۇ شىڭلى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكا ئەگەر دەتالاشتىكى دېڭىز رايونلاردا ئېغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلسا ئۇرۇش كەپ چىقىدۇ، دېدى. ئامېرىكا بولسا ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خەلقئاراغا ئوچۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكىتلەش ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرماقتا.

پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئۇرۇش قىسىملىرىنىڭ گېنېرالى جون رىچاردسون بىلەن خىتاي دېڭىز ئارمىيە قوماندانى ۋۇ شېڭلى تېلېكامىرا ئارقىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئىككى تەرەپنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى سۈركىلىشتىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئەمەلىيلەشتۈرگەن سۆھبىتى باشلىنىشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن، خىتاي دېڭىز ئارمىيە قوماندانى ۋۇ شىڭلى بايانات بېرىپ، ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزدىكى سۈنئىي ئاراللىرىغا يەنە يېقىنلاشسا، خىتاينىڭ ھەرقانداق كېرەكلىك تەدبىرنى ئېلىشتىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى دەتالاشتىكى رايونلاردا قىلىۋاتقان ئىغۋاگەر ھەرىكىتىنىڭ ئۇرۇش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىراق، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئۇرۇش قىسىملىرىنىڭ گېنېرالى جون رىچاردسون خىتاي دېڭىز ئارمىيە قوماندانى ۋۇ شىڭلى ئىككىسى ئارىسىدىكى سائەتلەرچە داۋام قىلغان تېلېكامىرا سۆھبىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان رەسمىي باياناتتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ يېقىن مۇساپىلەردە ھەرىكەت قىلغاندا ئۇقۇشماسلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالاقىدار قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى ئىزچىل ئېنىق بولۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جەنۇبىي دېڭىزدا دەتالاشتا تۇرۇۋاتقان رايونلارنىڭ خەلقئاراغا ئوچۇقلۇقىنى، ئۇ رايوننىڭ بارلىق دېڭىز سەپەرلىرىگە ئوچۇق بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ سۈنئىي ئاراللار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئىگىلىك ھوقۇقىنى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بۇ قېتىم سۈنئىي ئارالغا 12 ئىنگىلىز مىلى كېلىدىغان جايغا ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىشىنىڭمۇ مانا مۇشۇنى تەكىتلەش ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

گاردىيان گېزىتى بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، لېكىن ھەر ئىككىسىنىڭ بىر - بىرىگە يول قويۇشنىمۇ خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ قېتىم ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ خىتاي ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان جايلاردا سەپەر قىلىشىنىڭ ئىنچىكلىك بىلەن پىلانلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ ۋەقەگە قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭمۇ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ جىددىي توقۇنۇش خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەمما بۇ يەنىلا بۇ يەردىكى زىددىيەتنى يوققا چىقىرالمايدىكەن. ئىلگىرى خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان مەزگىللەردە ئامېرىكىنىڭ رايوندا تىنچلىق ساقلاپ بېرىۋاتقانلىقىدىن خوش بولغان. ئۇ چاغدا خىتاي سابىق دۆلەت رەئىسى دېڭ شياۋپىڭنىڭ «كۈچنى يوشۇرۇپ، ۋاقتى كەلگەندە تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۆتۈش» دېگەن سۆزى بويىچە پۇرسەت كۈتۈپ كەلگەن. شى جىنپىڭ بولسا ئەمدى ۋاقىت كەلدى، دەپ قارايدىكەن. ئۇ خىتاينىڭ رايوندا ۋە دۇنيادا سىياسىي تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتنى باشلىغان. ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم جەنۇبىي دېڭىزغا ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىشى كىچىك ئىش بولسىمۇ، ئەمما مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ۋە خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىرىنى كونترول قىلىش نىيىتىنى ئىپادىلەيدىكەن ھەم بۇندىن كېيىنكى مۇشۇنداق سۈركىشلەرنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن.

ۋال سىترىت ژۇرنىدا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدىمۇ خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىگە قايتۇرغان ئىنكاسى مەملىكەت ئىچىدە مىللەتچىلىككە خىتاپ قىلسا، خەلقئارادا مەسىلىنى كۈچلۈك دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ قانداق قىلغاندا ھەم مىللەتچىلىكنى، ھەم دىپلوماتىيىنى قولدىن بەرمەي تۇرۇپ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا قاتتىق باش قاتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. سىنگاپور ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇاڭ جىڭ بۇ ھەقتە ۋال سىترىت ژۇرنىلىغا ئېيتىشىچە، بۇ ۋەقە دەل خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن. شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا خىتاي رەھبەرلەر ئاجىز كۆرۈنۈپ قېلىشنى تېخىمۇ خالىمايدىكەن. ئەمما يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ ۋەقەنى بەك چوڭايتىپ، ئامېرىكىغا قارشى زور كۆلەملىك جامائەت پىكرى ۋە نامايىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىمۇ خالىمىغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان خەلق گېزىتىگە ئوخشاش ئاخبارات ۋاستىلىرى دەسلەپكى بىر قانچە كۈندىكى خەۋەرلىرىنىڭ ئەكسىچە كېيىنكى كۈنلەردىكى ماقالىلىرىدە خىتاي خەلقىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا، ۋەقەگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغان.

جۈمە كۈنى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىمۇ بۇ مەسىلىدە ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋرۇپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا پاراخوتلىرىنىڭ خەلقئاراغا ئوچۇق دېڭىز يولىدا ئۆزىنىڭ ئەركىن سەپەر قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ «ياۋرۇپا ئىتتىپاقى جەنۇبىي دېڭىزدىكى تەرتىپ خەلقئارادا بېكىتىلگەن قانۇنلار بويىچە بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ» دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە يالغۇز ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئۇنىڭ قوشنىلىرىنىڭ خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىشنى خالىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىنى تەسىرى ئاستىغا ئېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئۆزىنى قوغداپ تۇرۇشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە ئىككى ئوتتۇرىدا قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.