خەلقئارا ئادالەت دىۋانى 12-ئىيۇل ئۆزىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى تارىخىي قارارىنى ئېلان قىلدى. خەلقئارا ئادالەت دىۋانى تارىخىي قارارىدا فىلىپپىنغا پايدىلىق، ئەمما خىتاي بىلەن تەيۋەنگە پۈتۈنلەي پايدىسىز قارار چىقارغان.
خەلقئارا ئادالەت دىۋانى قارارىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 9 ئۈزۈك سىزىقلىق دۆلەت چېگرا لىنىيەسى ئىچىدىكى زېمىنلارنى ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىكى رايون، دەپ ئېلان قىلىشىنىڭ ھېچقانداق «تارىخى ئاساسى يوق» دەپ ھۆكۈم چىقارغان.
ئادالەت دىۋانى يەنە، خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى خۇاڭيەن قاتارلىق ئاراللار، تەيۋەننىڭ كونتروللۇقىدىكى تىنچلىق ئارىلى ئەسلى خادا تاش بولۇپ، ئۇنىڭ 200 دېڭىز مىل ئىچىدىكى ئىقتىسادىي رايون، دەپ قارالمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ھازىر خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ قارارغا قارشى كونكرېت قانداق تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن خەلقئارا ئادالەت دىۋانىنىڭ قارارىنى ئېتىراپ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ پوزىتسىيەسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئادالەت دىۋانىنىڭ قارارىغا ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كېربىي خەلقئارا ئادالەت دىۋانىنىڭ قارارىنىڭ «قانۇنىي كۈچى بار» لىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
جون كېربىي: «بۇ قارار جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىختىلاپنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ئورتاق نىشانغا قوشۇلغان زور تۆھپە. ئالاقىدار دۆلەتلەر دېڭىز-ئوكيان ئەھدىنامىسىگە قول قويغاندا، ئۇنىڭ ئىختىلاپلارغا مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك كېسىم چىقىرىشىنى قوبۇل قىلغان. دېڭىز-ئوكيان ئەھدىنامىسىدە قەيت قىلىنغاندەك، ئادالەت دىۋانىنىڭ قارارى ئاخىرقى ھۆكۈم. ئۇنىڭ فىلىپپىن ۋە خىتاي ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن قانۇنىي كۈچى بار. ھازىرقى مەسىلە ئۇلارنىڭ بۇ مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتۇر. بىز بۇ داۋاغا ئالاقىدار بارلىق تەرەپلەرنى قۇتراتقۇلۇققا ئىگە سۆز-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.
ئەمما خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان مەجمۇئەسى-«خەلق گېزىتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، «جۇڭگو تېررىتورىيە ۋە دېڭىز ئىگىلىك ھوقۇق ھەم مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئالىدۇ» دەپ جاكارلىغان. ئەمما قانداق زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ليۇ جېنمىن بولسا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ھاۋا مۇداپىئە رايونى قۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەمما ھاۋ مۇداپىئە رايونى «قۇرۇش-قۇرماسلىقنى بىز شۇ رايوندا دۇچ كەلگەن تەھدىتكە قاراپ بېكىتىمىز» دېگەن.
بەزى ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا سوتنىڭ قارارىغا ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنى، داۋراڭ قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ رايوندا ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ، ئۇرۇش قوزغاشقا پېتىنالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا نيۇ-يوركتىكى شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھاۋا مۇداپىئە رايونى قۇرۇپ، قوراللىق تىركەشسە، زور تۈركۈم دۆلەتلەر خەلقئارا قانۇننىڭ ھەققانىي قوللىشىدا خىتايغا قارشى چىقىدۇ. مەن ئىشىنىمەنكى، بۇ سەپكە نۇرغۇن دۆلەتلەر قاتنىشىدۇ. ئامېرىكا، ياپونىيەدىن باشقا فىلىپپىن، مالايشىيا، ۋىيېتنام، ھىندىستان بۇنىڭغا قېتىلىدۇ. چۈنكى، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ قاتناش ئەركىنلىكى ۋە ئۇنى ئېچىش بۇ يەردىكى تۈپ مەسىلە. ئېھتىمال رۇسىيەمۇ قاراپ تۇرماسلىقى مۇمكىن.»
پروفېسسور شيا مىڭ، شۇڭا بۇ رايوندا دەرھال ئۇرۇش پارتلاش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.
شيا مىڭ: «ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇرۇش پارتلاش مۇمكىنچىلىكى ئاساسەن يوق. پەقەت بۇ يەردە (خىتاي) تېرە تاراقلىتىۋاتىدۇ، خالاس. چۈنكى، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇشقا يەتمەيدۇ. ئامېرىكا. ياپونىيە، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئورتاق ھەربىي كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشقا تېخىمۇ يارىمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ھەربىي كۈچى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشقا يەتمەيدۇ» دېدى.
پروفېسسور شيا مىڭنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا سوتنىڭ قارارى شى جىنپىڭ دىپلوماتىك ئىستراتېگىيەسىدىكى زور خاتالىقنى ئاشكارىلاپ بەرگەن. ئۇ، خىتاي دىپلوماتىيە ساھەسى بىر قالايمىقانچىلىقى ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا خىتاينىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى بەلگىلىگۈچىلەر نۇرغۇن مەسىلىگە ئاشكارىلىنىپ، بىر قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالغان. شى جىنپىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك دىپلوماتىيە چۈشەنچىسىدە زور خاتالىق بار. خۇسۇسەن، ئۇنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىگە تۇتقان ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرلىك قۇتراتقۇلۇق سىياسىتى ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق ئىدى. ئۇلار بۇ خاتالىقنىڭ تۈرتكىسى بىلەن جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە بەزى يالغانچىلىقلارنى ئويدۇرۇپ چىقاردى» دېدى.
شيا مىڭنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي ھازىرقى دىپلوماتىك تەۋەككۈلچىلىك يولىدا داۋاملىق ماڭسا، ئۇ خەلقئارادا تېخىمۇ يېتىم قېلىپ، تېخىمۇ ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ.
شيا مىڭ: «ئامېرىكا، ياپونىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ھىندىستان ھەتتا رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىمىدى. ھىندىستان خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتىگە ئوچۇق -ئاشكارا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ئەھۋالدا خىتاي داۋاملىق دىپلوماتىك تەۋەككۈلچىلىك يولىدا ماڭسا، مەن ئىشىنىمەنكى، خىتاينىڭ دىپلوماتىيەسى تېخىمۇ ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. ئۇنىڭ خەلقئارا ھەرىكەت بوشلۇقى بارغانسېرى تارىيىپ، تۆلەيدىغان بەدىلى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ». دەپ كۆرسەتتى.
ئەگەر خىتاي خەلقئارا سوتنىڭ قارارىغا ئەمەل قىلىشنى داۋاملىق رەت قىلىپ، قۇتراتقۇلۇق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارسا، ئامېرىكا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ جون كېربىي مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب بەرمىگەن.
ئەمما ئۇ، تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا، قۇتراتقۇلۇق قىلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.