جوۋ بايدىن، خىتاينى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە رىئايە قىلىشقا چاقىردى
2013.12.05
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن پەيشەنبە كۈنى خىتاي ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىدا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىختىلاپى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتايدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا مۇخبىرلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسى ئوتتۇرىدىكى ئېغىر ئىختىلاپلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بايدېن خىتاينى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇققا، ئاخبارات ئەركىنلىكىگە رىئالىيە قىلىشقا چاقىردى. بۇ، بايدېننىڭ ئىككى كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك مەسىلىسىنى 2 - قېتىم ئاشكارا سورۇندا تىلغا ئېلىشىدۇر.
جوۋ بايدېن چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا ۋىزا كۈتۈپ تۇرغان خىتاي پۇقرالىرىغا سۆز قىلىپ، خىتاي ياشلىرىنى ھۆكۈمەت ئوقۇتقۇچى ۋە دىنىي رەھبەرلەرگە رىقابەت ئېلان قىلىشقا چاقىرغان.
ئۇ، ئىجادىيەت ۋە يېڭىلىق پەقەت ئەركىن نەپەس ئالغاندىلا ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىدا بالىلا رېئاللىققا جەڭ ئېلان قىلسا جازالانمايدۇ، بەلكى مۇكاپاتلىنىدۇ. تامامەن يېڭى نەرسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن كونا قېلىپنى بۇزۇپ تاشلاشقا توغرا كېلىدۇ، دېگەن ئىدى.
ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق خىتاي تور ئەركىنلىك پائالىيەتچىسى لى خوڭكۇەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بايدېننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئاشكارا تىلغا ئېلىپ، خىتاينى ئۇنىۋېرسال ئۆلچەمگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىشى ئىجابىي ھەرىكەت بولسىمۇ، بىراق ئۇ سۆز بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى، ئېمبارگو قاتارلىق كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تۈزىتىشكە مەجبۇرلاش كېرەك.
لى خوڭكۇەن، ئۇنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋە ھەتتا ئەمەلدارلىرىغا بارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ ئوچۇق ئاشكارا ئامېرىكا قىممەت قارىشىنى، ئۇنىڭ ئاخبارات، سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئەدلىيە مۇستەقىللىق قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغىنى قويمىغاندىن ياخشى. بىراق نوقۇل سۆزلەپ قويۇشنىڭ چوڭراق ئۈنۈمى بولمايدۇ. ئامېرىكا چوقۇم بەزى مۇۋاپىق ئېمبارگو تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك. جۇڭگو كومپارتىيىسى قوراللىق كۈچكە ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭغا پەقەت سۆزلەپلا قويسا، ئالدىڭىزدا خۇش پېئىللىق بىلەن ئاڭلىغاندەك قىلسىمۇ، بىراق كەينىڭىزدىن ئۆزى بىلگەننى قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا - جۇڭگو باشلىقلىرىنىڭ كۆرۈشۈشى ئىزچىل مۇشۇنداق بولۇپ كەلدى. كۆرۈنۈشتە ئەستايىدىلدەك قىلىدۇ،، بىراق ئارقىدىن ھېچنېمىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
بايدېن، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق، ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەققىدە سۆز قىلغان شۇ كۈنى ۋاشىنگتوندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى سۇزان رايىس خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ، كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى، ناملىق تەشكىلاتنىڭ يىللىق يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاي خەلقى ئىپادە ئەركىنلىكى، يىغىلىش ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى چەكلىمىگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەھكىمە، ئۆزىنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشقا چاقىرغان سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى تۈرمىگە سولايدىغان خىتايدا، ئامېرىكىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچقانداق كىشى ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلمايدۇ، دېگەن.
بىراق سۇزان رايىس يەنە، بەزىدە ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ئاساسى قىممەت قارىشى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدا تاللاشقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بەزىدە ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئۆلچىمى - كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمايدىغان دۆلەتلەر بىلەن سودىلىشىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ، خىتايدا خەلق ئەمەلدارلارنى خىيانەتچىلىك، مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى، ئىشچى ۋە ئاممىۋى سالامەتلىك كرىزىسى سەۋەبلىك جاۋابكارلىققا تارتالمىسا، خىتايغا خۇسۇسەن دۇنياغا تەسىر قىلغان مەسىلىلەر ھەل قىلىقسىز قالىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.
لېكىن، بايدېن پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىدا قىلغان سۆزىدە، كىشىلەر پەقەت ئەركىن نەپەس ئالالىغاندا، سۆز ئەركىنلىكى بولغاندا ئەنئەنىگە رىقابەت ئېلان قىلالايدۇ. ئاخبارات ھەقىقىي ئەھۋالنى خەۋەر قىلىپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلمىغاندىلا يېڭىلىق ئىزچىل ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، دېدى.
ئۇ يەنە، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، بىزنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىختىلاپىمىز بار. بەزى مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپىمىز ناھايىتى چوڭقۇر. مەسىلەن، بۇلارنىڭ بىرى، خىتايدىكى ئامېرىكىلىق مۇخبىرلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدۇر. بىراق مەن شۇنداق قارايمەن، ئەگەر خىتاي ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇققا، رىئايە قىلسا، ئۇ تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ ئىجادچانلىققا ئىگە بولىدۇ.
بىراق لى خوڭكۈەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى نۇرغۇن ئىختىلاپنى ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشىدىكى پەرق كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كومپارتىيە ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشىنى قوبۇل قىلسا، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق نەزەرىيىسىنى تەۋرىتىپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇنىۋېرسال قىممەت قارشى بىر خىل سەمىمىيلىك، ھۆرمەت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە باراۋەرلىك ئاساسىغا قۇرۇلغان نورمال قىممەت تونۇشى. بىراق جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ قىممەت قارشى نورمال ئەمەس. ئۇنىڭ قىممەت قارىشى بىر خىل ئالاھىدە قۇللۇق، فېئوداللىق مونوپول بۇرژۇئازىيە قىممەت قارشىنىڭ ئارىلاشمىسىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ قىممەت قارشى دۇنيانىڭ قىممەت قارشى بىلەن پۈتۈنلەي زىت. ئىختىلاپنىڭ تۈگۈنى مانا مۇشۇ يەردە. ئۇنىڭ قىممەت قارشى بىر خىل نورمالسىز قىممەت قارىشىدۇر. جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ماركسىزملىق قىممەت قارشى ئاللىبۇرۇن بوھرانغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق كومپارتىيە ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر خىل قىممەت قارشىنى دەسسىتەلمىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي ۋە خىيانەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر تېمىلاردا خەۋەر - ماقالە ئېلان قىلغان چەتئەللىك مۇخبىرنى ئىزچىل چەكلەپ كەلدى. يېقىندا قەشقەرنى زىيارەت قىلىپ، «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئوغلى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بىر ئائىلىنى زىيارەت قىلغان چەتئەللىك بىر مۇخبىرنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقارغان. دائىرىلەر يەنە، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ مارالبېشىغا بېرىپ، 16 - نويابىر«سېرىقبۇيا ۋەقەسى» نى، لۈكچۈنگە بېرىپ، 26 - ئىيۇن «لۈكچۈن ۋەقەسى» نى تەكشۈرۈشىگە يول قويمىغان.
ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ «نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتى»، «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خىتايدىكى تور بېتىنى تاقاپ، ئۇنىڭ مۇخبىرلىرىغا ۋىزا بېرىشنى ياكى ۋىزىسى توشقان مۇخبىرلىرىنىڭ ۋىزىسىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن.
بۇ ئىككى ئاخبارات ئورگىنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، سابىق خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئائىلىسىنىڭ مال مۈلكىنى ئاشكارىلىغان. «نيۇ - يورك ۋاق گېزىتى» ۋېن جياباۋنىڭ 2 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق مال - مۈلكى بارلىقىنى، بۇ مال - مۈلۈكنىڭ بىر قىسمى ئۇنىڭ 90 نەچچە ياشلىق قېرى ئانىسىنىڭ نامىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.