كانادادىكى ئۇيغۇرلار: خىتاي قىرغىنچىلىقنى توختات!

كانادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 5-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن نامايشىدىن بىر كۆرۈنۈش
كانادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 5-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن نامايشىدىن بىر كۆرۈنۈش (Ruqiye)

0:00 / 0:00

5 - ئىيۇل كۈنى كانادانىڭ تورونتو، كالگارىي، ۋانكۇۋېر قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بېرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئوچۇق ئاشكارا قانلىق باستۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.