مۇتەخەسسىسلەر: كانادا دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلەر كۆپ

0:00 / 0:00


باش مىنىستىر ستېفېن خارپېر مۇشۇ ئاينىڭ 19 - كۈنى كانادا دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. جاكارلاش مۇراسىمى مۇسۇلمانلارنىڭ كانادادىكى ئەھمەدىيە مەسچىتىدە ئۆتكۈزۈلدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن 2011 - يىلدىن باشلاپ تەييارلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، باش مىنىستىر شۇ يېلى سايلام مەزگىلىدە دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسى ئېچىشنىڭ كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

بۇ ئىشخانىنىڭ ئېچىلىشى كانادادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىنىي زۇلۇم ئۈستىدىن كانادا ھۆكۈمىتىگە توختىماي ۋائىزلىق قىلىشى نەتىجىسىدە، ۋە دىندار كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنىڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن.

بۇلار، ئۇيغۇرلار، يەھۇدىيلار خرىستىئانلار، ئەخمىدىلەر، فالۇنگوڭچىلار ۋە شۇنداقلا باھايىلار قاتارلىق دىنىي زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئارزۇلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«بىر دۇنيا ئەركىنلىك تەشكىلاتى» بۇ ئىشخانىنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلغان تەشكىلاتلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك تەشكىلات.

تەشكىلات رەئىسى مەجەد ئەل شەفە، دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىشنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى دىنىي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولۇۋاتقان ھەر بىر ئىنساننىڭ ئاۋازى ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر ئىشخانىنىڭ ئېچىلىشى ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى بۇ كانادانىڭ قىممەت قارىشى ۋە دۆلەت پرىنسىپىنىڭ نامايەندىسى. بۇ پەقەت مەلۇم بىر دىن مەلۇم بىر مىللەت ئۈچۈن ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ھەرقانداق بىر مىللەت ۋە دىن ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بالىلىرىمىز ئۈچۈن، دىنىي ئەقىدە ۋە مىراسلىرىمىزنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن مۇھىم قىممەتكە ئىگە.

ئوتتاۋادىكى ئاۋگۇستىن ئىنستىتۇتىدا خرىستىئان تارىخى دەرسى بېرىۋاتقان 40 ياشلىق ئاندرېۋ بەننېت دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسىنىڭ باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەن.

ئەمما، دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسى باش ئەلچىسىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش ۋە دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر كانادا جەمئىيىتى تەكلىپ قىلىنمىغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا كانادا ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردە غۇلغۇلا قوزغىدى.

دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسى ئۆزى كۈچى يېتىدىغان ياكى ئىرانغا ئوخشاش دۈشمەنلىك مۇناسىۋىتى بولغان دۆلەتلەردىكى دىنىي زۇلۇملارغىلا قارشى خىزمەت ئېلىپ بارىدىغان سىياسىي مەقسەت ئاستىدىكى ئىشخانىمۇ قانداق؟ ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي زۇلۇمغا قارشى كۈچلۈك مەيدان كۆرسىتەلىشىدىن قانچىلىك ئۈمىد بار؟

مەجەد ئەل شەفە مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇ ئىشخانا يېڭى قۇرۇلدى. ھازىر تېخى ئۇلارنى بۇ توغرىدا ئەيىبلەش بەك بالدۇر. بۇنىڭغا ۋاقىت ۋە ئۇيغۇر كانادا جەمئىيىتىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇلار بىلەن قانچىلىك يېقىن خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورنىتالايدىغانلىقى جاۋاب بېرىدۇ. لېكىن خىتاي كاناداغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بىر دۆلەت بولغاچقا مەنچە خىتايدىكى دىنىي زۇلۇمنى توختىتىشقا كۈچەش بۇ ئىشخانىنىڭ ئەڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان ئەڭ قىيىن مەسىلە. شۇنداقتىمۇ بىر چەتكە قايرىپ قويۇلسا ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدىغان مەسىلىمۇ ئەمەس، چۈنكى بۇ بايا دېگىنىمدەك بۇ كانادانىڭ دېموكراتىك پرىنسىپ مەسىلىسى.

بىز يەنە كانادادىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ئالېكس نەۋنى بۇ ھەقتە زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ، دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسى ئەگەر مەلۇم دىنلارغا بولغان زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتا تاللاپ مۇئامىلە قىلسا تەنقىدكە ئۇچرايدىغانلىقىنى، دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسىنىڭ ئاجىز دۆلەتلەردىكى دىنىي زۇلۇمغىلا ئەمەس، كۈچلۈك دۆلەتلەردىكى زۇلۇمغىمۇ قارشى تۇرالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت داۋاملىق دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق دىنلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلدى. مانا ئەمدى بۇ ئىشخانا رەسمىي ئېچىلدى، بىز ھەممىمىز بۇ ئىشخانىنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى دىنلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز ۋە كۆزىتىمىز.

دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسى، 1990 - يىلى ئامېرىكىدا قۇرۇلغان دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسىدىن كېيىنكى بىردىن بىر ئىشخانا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قېتىم كانادادا ئىشقا چۈشمەكچى بولۇۋاتقان دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسى بولسا دۇنيادىكى بارلىق دىنلارنىڭ ئەركىنلىكىنى تەرغىب قىلىش ئارقىلىق كانادانىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، ئىنسانىي ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ يۈرگۈزۈشىدىن ئىبارەت قىممەت قارىشىنى ھۆرمەت قىلىدىغان بولۇپ، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەت كۈن تەرتىپلىرىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

شۇنداقلا، خەتەر ئاستىدىكى دىنىي زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنى قوغداش، دىنىي ئۆچمەنلىككە قارشى تۇرۇش، كانادانىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، كۆپ خىللىق ۋە ئۆز - ئارا يول قويۇشتىن ئىبارەت قىممەت قارىشىنى تەرغىب قىلىشتىن ئىبارەت رەسمىي شەكىلدىكى خىزمەت مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.