مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى، كانادادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقى تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى» بىلەن بىر ئەركىن دۇنيا تەشكىلاتى ۋە دېموكراتىك خىتاي بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە يۇمشاق ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرىدە پوزىتسىيە تۇتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
كانادا باش مىنىستىر جۇستىن ترېدۇ 30-ئاۋغۇستتىن 7-سېنتەبىرگە قەدەر خىتايدا تۇنجى زىيارەتتە بولۇپ، خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، خاڭجۇ ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق شەھەرلىرىگە بارغان ھەم خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گ20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى.
جۇستىن ترېدۇ، خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي تەرەپ بىلەن بىر مىليارد 200 مىليون دوللارلىق سودا كېلىشىمنامىسى ئىمزالىغان. كانادادىكى 53 مىڭ دېھقاننىڭ جانىجان مەنپەئەتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان قىچا ئېكسپورتىدىكى چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە خىتاي لىدىرلىقىدىكى ئاسىيا ئاساسى ھۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشى بانكىسىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان. ئۇ يەنە خىتايدىكى ئالىبابا خەلقئارالىق سودا شىركىتىنىڭ باشلىقى، خىتايدىكى داڭلىق باي سودىگەر جاك ما بىلەن مەخسۇس كۆرۈشكەن.
جۇستىن ترېدۇ خىتاي زىيارىتىنىڭ 2-بېكىتى بولغان شاڭخەيدە، كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆز قىلىپ، خىتاي بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش ۋە باشقا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئوچۇق ئاشكارا ۋە دوستانە سۆزلىشىشنى خالايدىغالىقىنى، كانادا تەرەپنىڭ،خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ يەنە ئېتىراپ قىلىپ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆز قىلىشنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ ئوتتۇرىغا قويمىسا بولمايدىغان زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. جۇستىن ترېدۇ خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان خوڭكوڭدا مۇخبىرلارغا، كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىمۇ مۇكەممەل دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، دېگەن.
«شەرقى تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى» نىڭ باياناتچىسى رۇقىيە تۇردۇش، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.
كانادادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا خىتاينىڭ نۆۋەتتە كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقان دېموكراتىك زاتلار جۇستىن ترېدۇنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن رازى ئەمەس.
شېڭ شۇئې: جاستىن ترېدۇ دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان چوڭ دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.
دېموكراتىك خىتاي بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى شېڭ شۇئې خانىم مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن ترېدۇنىڭ كانادانىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىدىن ئىبارەت قىممەت قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىپ خىتايغا بارغانلىغىنى، ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە بىرقانچە خىتاي كانادا پۇقراسىنىڭمۇ يېتىۋاتقانلىقىنى، ئەلۋەتتە كانادا باش مىنىستىرى بولغان جۇستىن ترېدۇنىڭ بۇلارنىڭ ئائىلە تاۋىئاباتلىرىغا ياردەم قىلىشى شۇنداقلا خىتاي تۈرمىسىدە ئازاپ ئوقۇبەت چېكىۋاتقان كانادا پۇقرالىرىنى كاناداغا قايتۇرۇپ كېلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىپ، جۇستىن ترېدۇنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، كانادادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا يۇمشاق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
ئۇ يەنە، گ20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ، دېموكراتىيىنى تەكىتلەيدىغان دۆلەتلەر ئۈچۈن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە كەڭ كۇشادە توختىلىشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ كانادا-خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى، كانادانىڭ دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان چوڭ دۆلەتلىك ئورنى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ: «كانادادەك بىر دېموكراتىك دۆلەت بىلەن خىتايدەك مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى بەك مۇرەككەپ بولغان بولىدۇ. بۇنداق شارائىت ئاستىدا، بىز يەنى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۆز رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا كانادانىڭ قىممەت قارىشى ۋە مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتايدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىسىگە ئۈمىد بىلەن قاراۋاتقان، ئەركىنلىككە تەشنا خىتاي پۇقرالىنىڭ ئۈمىدلىرى يوققا چىقىدۇ. خىتاينىڭ تېز تەرەققى قىلىشى خىتاي جەمئىيىتىگە ئېغىر زىيان ۋە خەتەرلەر ئېلىپ كەلمەكتە.
كانادا باش مىنىستىرى پەقەت ئادەتتىكى بىر پۇقرا بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئىپادىلەپ قالماي بەلكى، يەنە بىر دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرلىك مەسئۇليەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. كانادانىڭ يەنە دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى نەزەرگە ئالغاندا، كانادا باش مىنىستىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دېدى.
مەجىت ئەل شەفى: جاستىن ترېدۇ، كانادا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى بىلەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇرۇپ، مەن ھاياتىمدا ئۇچۇرتۇپ باقمىغان زور خاتالىقنى ئۆتكۈزدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كانادادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ئەركىن دۇنيا تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى مەجىت ئەل شەفى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ،
«مەن باش مىنىستىر جۇستىن ترېدۇنىڭ خىتايدا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويماستىن بەلكى، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندىم. مېنىڭ قارىشىمچە، باش مىنىستىر خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سودا-ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلايمىز دەۋاتىدۇ، ئەمما مەن ئويلايمەنكى بىز خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ھۈسەنجان جېلىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كانادا پەرزەنتلىرىنى قۇتۇلدۇرماي تۇرۇپ، خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلىيالمايمىز.
باش مىنىستىر جۇستىن ترېدۇ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا مەن ھاياتىمدا ھىچ كۆرۈپ باقمىغان ۋە ئاڭلاپ باقمىغان بىر خاتالىقنى ئۆتكۈزدى ئۇ بولسىمۇ، باش مىنىستىرىمىز كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى بىلەن، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى سېلىشتۇرۇپ، كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىمۇ دېگەندەك ياخشى ئەمەس، دېدى.
مەن ئويلايمەن كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى بىلەن، ئۇيغۇرلارنى، تىبەتلەرنى، فالۇگونگوچىلارنى، خرىستىئانلارنى ئۆلتۈرىۋاتقان، ئىچكى ئەزالار تىجارىتى قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىقلارنىڭ زېمىنىنى مۇستەملىكە قىلىۋالغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ ئەگەر بۇنداق سېلىشتۇرۇش توغرا كەلسە باش مىنىستىر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنى قوللىغان ۋە ئۇنىڭ يولىدا ماڭغان بولۇپ قالىدۇ. يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق، كانادا باش مىنىستىرى ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى سىياسىتىنىڭ قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.»
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا كانادا ئومنى خەۋەرلەر تېلېۋىزىيە قانىلى، ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمى قاتارلىق كۆپ ساندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشتىراك قىلدى.
بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00