كانادا خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادانىڭ ئەڭ چوڭ كىنو شىركىتى «Imax» نىڭ غايەت زور تىپلىق 3D كىنو تېخنىكىسىنى ئوغرىلىغانلىقىدىن ناھايىتى بىئارام بولدى.
بۇ يىلى بىرىنچى ئايدا كانادا فىلىم شىركىتى «Imax» بۇ شىركەتتە ئىشلەيدىغان سۈي شاۋيۈ ئىسىملىك بىر خىتاي ئىنژېنېرنىڭ، «Imax» نىڭ 40 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىجات قىلغان 3د پروگراممىلىرىنىڭ مەخپىيىتىنى ئوغرىلاپ خىتايغا كەتكەنلىكى يۈزىسىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان ئىدى.
«Imax» شىركىتى كىنو تېخنىكىسىنىڭ ئوغرىلانغانلىق خەۋىرى كانادا مەتبۇئاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا كەڭ غۇلغۇلا قوزغىدى
مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى كانادا «قۇياش تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى» پروگراممىسى، كانادا تاشقى ئىشلار خىتاي كانادا مۇناسىۋىتى مەسلىھەتچىسى دوكتور بۇرتۇننى بۇ ھەقتە زىيارەت قىلدى.
دوكتور بۇرتون «Imax» نىڭ كانادانىڭ ئەڭ چوڭ كىنو شىركىتى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق بولۇپ، «Imax» نىڭ ھەر يىلى خىتاي تاماشىبىنلىرىدىن كۆپ پايدا ئالىدىغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە خىتايلارنىڭ كەڭ ئېكران كىنو تېخنىكىسىغا ئىگە 3د كىنولارنى ئۆزلىرى ئىشلەپ، «Imax» كە ئېھتىياجى چۈشمەيدىغانلىقىدىن «Imax» نى زور مىقداردا زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاي «Imax» ئۈچۈن بىر چوڭ بازار ئىدى. خىتايدا ھەر يىلى 3.7 مىليارد دوللارلىق كىنو بېلىتى سېتىلىدۇ. بۇ «Imax» ئۈچۈن ئاز زىيان ئەمەس.
«Imax» سوت ئارقىلىق ئۇتۇپ چىقالامدۇ؟
كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى مۇلاھىزىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنىي جەھەتتىن قوغدىلىنمىغانلىقتىن، خىتاي شىركەتلىرى داۋاملىق باشقىلارنىڭ ئىجادىيەت ۋە تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلاپ ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن.
مۇلاھىزىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي قانۇنى تېخنىكا ئوغرىسى سۈي شاۋيۈنى جازالىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تېخنىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بەرگەن. بۇنداق بولغاندا «Imax» نىڭ سوتتا ئۇتۇش مۇمكىنچىلىك يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈي شاۋيۈنىڭ ئەمدى كانادا چېگراسىدىن قايتا كىرىشىمۇ ئەمەلىيەتتىن يىراق.
سۈي شاۋيۈ تەرىپىدىن ئوغرىلانغان 3D كىنو تېخنىكىسى خىتاي كەڭ ئېكرانلىق كىنو شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ كىنو شىركىتى خىتايدىكى باشقا كىنو شىركەت گۇرۇھلىرى بىلەن بىللە «Imax» تىن ئوغرىلىغان 50 دانە غايەت زور كەڭ ئېكران كىنو تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ «Imax» كە رىقابەتكە ئۆتكەن.
مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «Imax» خىتاي كىنو شىركەتلىرىنىڭ ئوغرىلانغان كىنو تېخنىكىسىنى باشقا دۆلەتلەرگە ساتماسلىق، پەقەت خىتايدىلا قوللىنىش شەرتى ئاستىدا خىتاي كىنو شىركەتلىرىنى سوتقا تارتىشتىن ۋاز كەچكەن. ئەمما، خىتاي كىنو شىركەتلىرى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي، تېخنىكىلارنى ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجىلىس شتاتىدىكى بىر كىنو شىركىتىگە ساتقان. نۆۋەتتە بۇ ئەھۋال كانادالىقلارنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا.
ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا بۇ ھەقتە مۇنداق ئىنكاسلار يېزىلدى: «خىتاينىڭ ماللىرىغا بايقۇت قىلىشىمىز كېرەك، نېمە دەپ خىتاي ماللىرىنى كاناداغا توشقۇزۇۋېتىسىلەر؟ بىز پەقەت ئامالنىڭ يوقلۇقىدىن سېتىۋېلىۋاتىمىز. خىتاي خەلقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش ئالدامچى كوممۇنىست ھۆكۈمەت كونترول قىلغانلىقتىن ئۇلارمۇ ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش ئالدامچى. خىتايدىن پايدا ئالىمىز دەپ خىتاي بىلەن سودا قىلىش مەقسىتىدە ئىنسان ھەقلىرىگە كۆز يۇمۇۋاتقان ھۆكۈمەتلەر بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەك» دېگەندەك ئىنكاسلار يېزىلغان.
كانادا تاشقى ئىشلار كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەسلىھەتچىسى دوكتور بۇرتون بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: خىتاينىڭ ھېچ بىر شىركىتى ئوز ئالدىغا ئەمەس ھەممىسى كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغانلىقتىن، خىتايغا مەبلەغ سېلىۋاتقان چەتئەل شىركەتلىرى خىتاينىڭ ئوغرىلىقىغا ئۇچراپ ۋەيران بولۇشتىن ئېھتىيات قىلىشى، ئالدىراپ خىتاي بىلەن سودا قىلماسلىقى كېرەك.