پىئېررىې ترېدۇدىن جۇستىن ترېدۇغىچە كانادا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە نەزەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2016.05.25
Justin-Trudeau-justin-tredu.jpg كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن ترېدۇ. 2015-يىلى 18-نويابىر.
wikipedia.org

كانادا بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى 1970-يىلى باشلانغان بولۇپ، 45 يىللىق تارىخقا ئىگە. 1973-يىلى لىبېرال پارتىيەدىن بولغان كانادا باش مىنىستىرى پىئېررىې جۇستىن تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىپ، كانادا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھۇلىنى سالغان تۇنجى باش مىنىستىر بولۇپ قالغان.

ئارىدىن 45 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، يەنى ئۆتكەن يىلى، پىئېررىې ترېدۇنىڭ ئوغلى 43 ياشلىق جۇستىن ترېدۇ، كانادانىڭ باش مىنىستىرى بولۇپ سايلاندى. كانادادا چىقىۋاتقان،
كانادا خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت ماقالىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پىئېررىې ترېدۇدىن باشلانغان، كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بىر يۈرۈش ئەگرى توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، دېڭ شياۋپىڭ يولغا قويغان ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، كانادا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كۆكلەم مەزگىلىگە كىرگەن، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى سەۋەبىدىن بۇ مۇناسىۋەتلەرگە كۆلەڭگە چۈشكەن. 2001-يىلى خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى بىلەن، كانادا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يەنە نورماللىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2005-يىلى كونسېرۋاتىپ پارتىيەدىن بولغان ستېۋېن خارپېر ھاكىمىيەت بېشىغان چىققاندىن كېيىن يۈز بەرگەن «بىز، كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىموكراتىيەدىن ئىبارەت قىممەت قارىشىنى دوللارغا تېگىشمەيمىز» دېگەن باياناتلار، شۇنداقلا، 2008-يىلى كانادا باش مىنىستىرى ستېۋېن خارپېرنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىشى، كانادا تەرەپنىڭ سنوك دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ بىر نېفىتچىلىك شىركىتىنى خىتايغا 15 مىليارد دوللارغا سېتىپ بېرىشى، كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا چەتئەل مەبلىغىنى قوغداش كېلىشىمنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشى، خىتاي تەرەپ خارپېرگە سوغا قىلغان 2 دانە مۈشۈك ئېيىق قاتارلىقلار، كانادا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى قار-مۇزلارنى ۋە باھارىنى شۇنداقلا غورىگىل مەزگىلى بىلەن مول ھوسۇللۇق مەزگىلىنى ئىپادىلەيدىغان، بۇ 10 يىللىق تارىخقا تامغىسىنى ئۇرغان سىمۋوللۇق ۋەقەلەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇنداقتا، يېڭى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان لىبېرال پارتىيەدىن بولغان جۇستىن ترېدۇ خىتايغا قارىتا قانداق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىن؟ بۇ كانادادىكى خىتايدا دېموكراتىيە كۈنلۈكى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە فالۇن دافا تەشكىلاتلىرى يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي تەرەپ بۇندىن 50 يىل ئىلگىرى كانادا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ھۇل سالغان ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرگە ئاز بولمىغان ئەجىرلەر سىڭدۈرگەن پىئېررىې ترېدۇنىڭ ئوغلى جۇستىن ترۇدۇنىڭ كاناداغا باش مىنىستىر بولغانلىقىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغان.

كانادادا چىقىدىغان «يەر شارى ۋە مەكتۇپلار»گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بىل كۇررىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،يېڭىلا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپلا، ئۆتكەن يىلى نويابىردا تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا بارغان جۇستىن ترېدۇ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئىنتايىن قىزغىن كۆرۈشكەن. شى جىنپىڭ جۇستىن ترېدۇنى مۇبارەكلەپ: «بۇ سىياسەت ساھەسىدە ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان غايەت زور بىر ۋەقە، خىتاي خەلقى دادىڭىز پىئېررىې ترېدۇ بەرپا قىلغان بۇ دوستلۇق تارىخىنى ھەر زامان خاتىرىلەپ تۇرىدۇ» دېگەن.

جۇستىن ترېدۇمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن: «مەن كانادا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتى بەرپا بولغانلىقىنىڭ 45 يىللىغىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. خىتاي بىلەن قايتىدىن يېڭى بىر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىپ ئىشلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقىنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن ۋە بۇ ھەمكارلىقنى يولغا قويۇش ئۈچۈن سەۋىرسىزلىنىۋاتىمەن. ئالدىمىزدىكى يىللاردا، ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئورتاق مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان زور بىر دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئارزۇسىدىمەن» دېگەن.

ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كانادانىڭ ئەمدىلا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان باش مىنىستىرى جۇستىن ترېدۇ، ئۆتكەن يىلى دېكابىردا كاناداغا 1-تۈركۈمدە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنى، ئۆسمۈرلەردىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا خور ئۆمىكىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى، ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندا، مەدىنە خەلقى ئۇنى قارشى ئېلىپ ئورۇنلىغان «تالا ئال بادرۇ ئەلەينە» ناملىق ئىلاھى ناخشا بىلەن كۈتۈۋېلىپ، كانادادا جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقان ئىدى. كانادا ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرى جۇستىن ترېدۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ترېدۇ دۇنياغا ئىنسانلىق دەرسى بەردى دەپ تەرىپلىگەن بولسا، ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلى، ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىۋاتقان دونالت ترامپ: «ئەگەر مەن ئامېرىكىغا پرېزىدېنت بولسام مۇسۇلمانلارنى ئامېرىكىغا كىرگۈزمەيمەن»دەۋاتقان بىر پەيتتە، جۇستىن ترېدۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى دونالد ترامپقا ئۇرۇلغان بىر كاچات بولدى دەپ تەرىپلىگەن ئىدى.

ئۇنداقتا، 43 ياشلىق بۇ ياش كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن ترېدۇ كەلگۈسىدە يۈرگۈزىدىغان دۆلەت سىياسىتىدە، خىتايدەك ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ئېغىر بولۇۋاتقان دۆلەتلەرگىمۇ ئىنسانلىق دەرسى بېرەرمۇ؟ ياكى دادىسى پىئېررىې ترېدۇ بەرپا قىلغان ئەنئەنىۋى كانادا-خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىگە ۋارىسلىق قىلارمۇ؟ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كانادادىكى سىياسىي مۇلاھىزىچى كامىل تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە «ھازىرچە بىرنەرسە دېيىش بەك بالدۇر» دەيدۇ.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.