كانادادىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرى: نېكسان شىركىتى خىتايغا سېتىلدى، ئەمما خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تۈگىمىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2013.03.29
kanada-xitay-oktichi-kishilik-hoquq-305.png كانادادىكى خىتاي ،ئۆكتىچىلىرى ۋە بىر قىسىم كانادالىق سىياسەتچىلەر خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە كانادا خىتاي مۇناسىۋۋەتلىرى ناملىق يىغىندا
RFA/Gulshen

كانادانىڭ نېكسان نېفىت شىركىتىنى خىتايغا بىرمىليارد 500 مىليون دوللارغا سېتىشتەك چوڭ كۆلەملىك سودىغا كىرىشىشى، كانادادىكى خىتايدا ئىنسان ھەقلىرى كۈنلۈكى ئاستىدىكى، خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتى، فالۇن دافا تەشكىلاتى، تىبەت تەشكىلاتى ۋە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق ئۆكتىچى تەشكىلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم بىرلىك ئاستىدا كانادادا خىتايغا قارشى پائاليەتلىرىنى جانلاندۇرۇشىغا سەۋەب بولدى.

يېقىندا بۇ ئۆكتىچى تەشكىلاتلار بىرلىشىپ كانادانىڭ پايتەختى ئوتتاۋادا ئۆتكۈزگەن «خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە كانادا، خىتاي مۇناسىۋەتلىرى»ناملىق يىغىن خىتاي ئۆكتىچىلىرى يېقىندىن بۇيان كانادادا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائاليەتلەرنىڭ بىرى.

بىز ئوتتاۋادا ئېچىلغان بۇ يىغىن مەزگىلىدە، بۇنداق يىغىنلارنىڭ كانادا، خىتاي ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇرلىشىۋاتقان سودا مۇناسىۋەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىشىدە قانداق ئەھمىيىتى بار دېگەن سوئالنى چۆرىدىگەن ھالدا، خىتايغا قارشى ئۆكتىچى تەشكىلات ۋەكىللىرىدىن، فالۇن دافا تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى شۈن لى، تىبەت تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى كۇنساڭ تەنزىن ۋە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ باشلىقى قېيۇم مەسىمۇفلارنى زىيارەت قىلدۇق.

كانادا فالۇن دافا تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى شۈن لى ئەپەندى مۇنداق دېدى:

- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۇن دافا مەشقچىلىرىگە قارىتا قانداق زۇلۇم يۇرگۈزۈۋاتقانلىقىنى كانادا خەلقى ۋە كانادا ھۇكۇمىتىگە بىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن. بۈگۈن بىز بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاي سىنوك شىركىتىنىڭ فالۇن دافانى مەشق قىلغان ئىشچىلىرىغا قانداق زۇلۇم قىلغانلىقىنى كانادا ھۆكۈمىتىگە ئاڭلاتتۇق. ئەمما بۇ خىتاينىڭ فالۇن دافا مەشقچىلىرىگە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ پەقەت بىرى. بۇ ئارقىلىق بىز خىتاي جەمئىيتىنىڭ فالۇن گۇڭچىلارغا قانچىلىك دەرىجىدە زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بىز بۈگۈن كانادا ھۆكۈمىتىگە خىتاي بىلەن بولغان ھەرقانداق بىر سودا كىلىشىملىرىگە قول قويۇشتىن ئاۋۋال كىشىلىك ھوقۇققا ھۇرمەت قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئەسكەرتىش بەردۇق. ئىككىنچىدىن، ھازىر كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى نېكسان سودىسى ئەمەلگە ئېشىپ بولدى، ئەمما فالۇڭگۇڭچىلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم توختاپ قالغىنى يوق. فالۇڭگۇڭچىلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ زۇلۇم ئەمەليەتتە بىر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم دەپ قارايمىز. شۇڭا بىز كانادا خەلقىدىن، كانادا بېرىدىغان خىتاي بىلەن بولغان سودا قارارلىرىغا قوشۇلماسلىقىنى يەنى ياق دېيىشىنى ۋە بۇ ئارقىلىق فالۇڭگۇڭچىلارغا ياردەم بېرىشىنى سورايمىز.

كانادا تىبەت تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى كۇنساڭ تەنزىن مۇنداق دىدى:

- بۇ سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىشتىكى مەخسىتىمىز، كانادا خەلقىگە تىبەتتە نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش. يېقىندىن بۇيان تىبەتتە ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالىدىغانلارنىڭ سانى يۈكسىلىپ 110 غا يەتتى، بۇ بىز تىبەتلىكلەرنى ناھايىتى ئەنسىرىتىۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىرى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تىبەتتىكى يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

كانادا پارلامېنتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىم قەيۇم مەسىمۇف بىلەن كانادا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ئۇچۇن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە مەسلىھەتلەشمەكتە.
كانادا پارلامېنتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىم قەيۇم مەسىمۇف بىلەن كانادا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ئۇچۇن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە مەسلىھەتلەشمەكتە.

بىز يەنە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىمۇفنىمۇ زىيارەت قىلدۇق. ئۇ كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن بۇنداق سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كانادالىق سىياسەتچىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئاڭلىتىپ تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆزلەپ كىلىپ، بۇ سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن كانادا پارلامېنتى مەسئۇللىرىنىڭ بىۋاستە ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە كانادا پارلامېنتىدا بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ شەرت - شارائىتىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.

بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.