كاتالانلارنىڭ داۋاسى: «مىللىي دۆلەتلىشىش - خەلقئارا دولقۇن»

0:00 / 0:00

كاتالانلار 2017-يىلى ئۆكتەبىردە مۇستەقىللىق ئۈچۈن بىلەت تاشلاپ، 17-ئۆكتەبىردە پارلامېنت قارارى ئارقىلىق مۇستەقىللىقنى جاكارلىدى. ئارقىدىنلا ئىسپانىيە سوتى كاتالونىيە ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ بىر قىسمىنى قاماققا ئالدى، تۇتۇلۇشقا دۇچ كەلگەن كارلېس پۇجدېمان باشچىلىقىدىكى بىر قىسمى بېلگىيەگە سىغىندى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىۋاتقان بۇ ۋەقە ھەققىدە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. ئۇلار، مىللىي دۆلەتلىشىشنىڭ خەلقئارالىق دولقۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ دۇنيا مۇستەقىللىق سادالىرى بىلەن جانلىنىشقا باشلىدى. 25-سېنتەبىر شىمالى ئىراقتىكى كۇردىستان ئاپتونوم رايونىدا، 1-ئۆكتەبىر ئىسپانىيەگە تەۋە كاتالونىيەدە مۇستەقىللىق ئۈچۈن بىلەت تاشلاندى. ئىككىلا رايوندا ساندۇق بېشىغا بارغانلارنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكى مۇستەقىللىقنى تاللىدى. كاتالانلار بېلەت تاشلاشتا مەركەزگە تەۋە ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا دۇچ كەلگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇمكى، بۇ ۋەقەدە ئۇيغۇرلارنى دۇنيانىڭ ئادالەتسىز، بىپەرۋا، مەنپەئەتدار پوزىتسىيەسى ئۈمىدسىزلەندۈردى. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ تەھلىلىچە، كورتلارنىڭ مۇستەقىللىقى رايون بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىنى بۇزۇپ، تۆت دۆلەتنىڭ خەرىتىسىنى يىرتىپ تاشلايدىكەن، ئۇنداقتا، كاتالانلارچۇ؟ ئۇلار كىم؟ ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى تاللىشىغا سەۋەب نېمە؟ كاتالانلار ئىسپانىيەدە ئەڭ باي تۇرۇپ، نېمىشقا مۇستەقىللىق يولىغا ماڭدى؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىغا تۆت قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈشى، ئۇيغۇرلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي مەركىزىدىن يىراقلاشتۇرۇشى كاتالونىيەدىكىگە ئوخشاش ئاپتونومىيەدىن مۇستەقىللىققا قاراپ مېڭىش يولىنىڭ ئالدىنى ئېلىشمۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب تۆۋەندىكى قۇرلاردا.

تارىخنىڭ كاتالانلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى

15-ئەسىردە كاتالانلار دۆلەت قۇرغاندا ئىسپانىيە دېگەن دۆلەت مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. 1714-يىلى 11-سېنتەبىر كاتالانلار دۆلەتتىن مەھرۇم قالدى ۋە بۇ كۈننى مىللەتنىڭ خاتىرە كۈنى قىلىپ ھەر يىلى ئەسلەپ كەلدى. 1934-يىلى كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىغان رەھبىرىگە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ فىرانسىيەدە ئۆلتۈرۈلدى. 1939-يىلى كاتالانلارنىڭ قىسقا ئۆمۈرلۈك ئاپتونۇمىيەسىمۇ گېنېرال فرانكو تەرىپىدىن ھالاك قىلىندى. ئۇلارنىڭ 12-ئەسىردە شەكىللەنگەن ئەدەبىي تىلى بوغۇلدى، مەدەنىيىتى چەكلەشكە مەھكۇم بولدى، مەۋجۇتلۇقى تەھدىت ئىچىدە قالدى. 1975-يىلى فرانكو ئۆلگەندىن كېيىن كاتالونىيە ئىسپانىيەدىكى 17 ئاپتونوم رايوننىڭ بىرى بولۇپ، ئايرىم پارلامېنتى، ھۆكۈمىتى، ساقچى قىسمى بولغان سىياسىي سالاھىيەتكە ئېرىشتى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم تارىختىكى كاتولانلارنىڭ دۆلەتلىك بولۇش ۋە دۆلەتسىز قېلىش جەريانى بۈگۈنكى كاتالان مىللىتىنى بەرپا قىلغان، مىللەت بولغانلىق ئۇلارغا خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان رېفراندوم (ئومۇمى خەلق بىلەت تاشلاش) ھوقۇقىنى ئاتا قىلغان.

مۇستەقىللىق يولىدا ئازابنىڭ كۈچى ۋە پۇرسەتلەر

كاتولانلارنىڭ بۈگۈنكى مۇستەقىللىق سەۋداسى تارىختا دۆلەت قۇرالىغان بىر مىللەت بولغانلىقى ئىدى. يازغۇچىلار بۇ ئازابنى يازدى، رەسساملار زۇلۇمغا قارشى قەھرىمانلارنى سىزدى، ناخشىچىلار كاتالان ھۆرلۈكىنى كۈيلىدى. ئەمما خورلۇق، تەڭسىزلىك ۋە يوقىلىش خەۋپى ئەجەل قۇشىدەك ئۇلارنىڭ بېشىدا ئەگىپلا يۈردى. بۇ ئازابنىڭ سۆزى، ئاھاڭى ۋە سىمالىرى كاتالانلارنىڭ ئۇنتۇلماس مىللىي ئەسلىمىسىگە ئايلاندى. كاتالانلارنىڭ بۇ گۈزەل ئەسلىمىسى ئىسپان مەدەنىيىتىنىڭ خىرىسلىرىغا، ئىسپانلىشىش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەندە تېخىمۇ كۈچلەندى. بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى بېلەت تاشلاش جەريانىدىكى ۋە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئاجىزلىشىشى، دۇنيادىكى مىللىي دۆلەتلىشىش دولقۇنى كاتالانلارغا پۇرسەت ئاتا قىلدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تۆۋەندە ئېيتقانلىرى دەل مۇشۇلارنى دەلىللەيدۇ.

ھالبۇكى، بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان قاراشلارمۇ بار. ئىسپانىيەدىكى گراند ئۇنۋېرىستىتى ئوقۇتقۇچىسى كىئارا ئولۋىرا خانىم كاتالانلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى ئوڭچى مىللەتچىلەرگە خاس ھەرىكەت دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭچە كاتالانلارنىڭ مۇستەقىللىق داۋاسى ئىسپانىيەنىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا ياخشىراق تۇرمۇش سەۋىيەسىگە ئېرىشمەك ئۈچۈن ئىكەن.

مۇستەقىللىق يولىدىكى داۋانلار

كاتالونىيە ئىسپانىيە ئاساسى قانۇنىنىڭ 147 ماددىسى بويىچە ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولسىمۇ، 155 ماددىسى بويىچە بۆلۈنۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. ئىسپانىيە سوتى مۇشۇ ماددا ئاساسىدا كاتالونىيەنىڭ رېفراندومىنى قانۇنسىز دەپ جاكارلىدى. كاتالان رەھبەرلىرى بولسا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بويىچە مۇستەقىللىق تاللىشىدا چىڭ تۇردى. فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى كاتالانلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى خۇددى كورتلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمىغاندەك قوللىمىدى. ياۋروپا بىرلىكى سۈكۈت قىلدى. كاتالانلار ئىچىدىمۇ مۇستەقىللىقنى ئەمەس، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا ئوخشاش ئىسپانىيە تەركىبىدە بىر جۇمھۇرىيەت بولۇشنى تاللايدىغانلارمۇ بار، مەسىلەن، سوتسىيالىستلار پارتىيەسى ئەزالىرى. ئۇلارچە، كاتالانلارنىڭ يېرىمى مۇستەقىللىقنى خالىمايدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كاتالانلار ھۆر بولۇش ئۈچۈن مۇستەقىل بولۇش شەرت ئەمەس ئىكەن. ھالبۇكى ھازىرقى 135 كىشىلىك كاتالونىيە پارلامېنتىدا كۆپ سانلىقى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى ئىكەن. كاتالونىيە ئەڭ باي رايون، ئىسپانىيە دېموكراتىك بىر دۆلەت، دېموكراتىيە ۋە بايلىق بۆلۈنمىچىلىكنى يوقىتالامدۇ؟ بۇ سوئالىمىزغا دوكتور ئەركىن ئەكرەم ناتايىن دەپ چۈشەنچە بەردى.

كاتالونلاردا ۋە ئۇيغۇرلاردا ئاپتونومىيە

خىتايمۇ ئىسپانىيەگە ئوخشاش بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ، ئۇيغۇرلارمۇ كاتالانلارغا ئوخشاش ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە مىللەت. گېرىمانىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەنۋەرجان ئەپەندىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ «ئاپتونومىيە قانۇنى» بويىچە ئۆز تىلىدا مائارىپ كۆرۈش، ھاكىمىيەتكە قاتنىشىش، ئەدلىيە ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈش، ساقچى قىسىملارنى قۇرۇش، يەر ۋە كان بايلىقلىرىدىن مۇستەقىل پايدىلىنىش قاتارلىق ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەن. ئۇ كاتالانلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئاپتونومىيە بىلەن ئۇيغۇرلار مەھرۇم قېلىۋاتقان ئاپتونۇمىيەنى سېلىشتۇردى. ئەنۋەرجان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزمەكتە يوق، جىنايەتچىلەردەك مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، «ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ ئىجراسىنى تەلەپ قىلغان ئىلھام توختىنىڭ مەڭگۈلۈك قاماققا ئېلىنغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردا كاتالانلارغا ئوخشاش باش كۆتۈرۈش خەۋپى بولغان مۇستەقىللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەدرىجىي ئۇيغۇرلارنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقىنى، «ئاپتونومىيە قانۇنى» تۆت قېتىم تۈزىتىلىپ، ھەر قېتىم ھوقۇقلارنىڭ قىسىلىپ بارغانلىقىنى، ھەتتا ھەر يىلى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان كۈن بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا قۇتلىنىدىغان خىتاي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغان بىرىنچى ئۆكتەبىردىكى پائالىيەتلەردە ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ھېچ بىر يەردە تىلغا ئېلىنمىغانلىقى، ھەر قايسى رەھبەرلىك ئوۇنلىرىدا ئۇيغۇر ئەمەلدارلار سانىنىڭ يىلسىرى ئازلاپ بېرىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھاكىمىيەت تىلى بولۇش ئەمەس، مائارىپ تىلى بولۇشتىنمۇ چەكلەنگەنلىكى، ئۇيغۇرلاردىن بىرمۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى 12 چوڭ باي قاتارىغا كىرەلمىگەنلىكى قاتارلىقلارنى ئۇيغۇرلاردىكى ئاپتونۇمىيەنى ئاجىزلاشتۇرۇشنىڭ ئىپادىلىرى، دەپ ھىساپلايدىكەن.

پروگراممىمىزنىڭ داۋامىنى كېيىنكى قېتىملىق ئاڭلىتىشلىرىمىزدا داۋاملاشتۇرىمىز.