قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى باراۋەت كېچىسىنى قۇرئان تىلاۋەت بىلەن باشلىدى

0:00 / 0:00


11-ۋە 12 ‏-ماي كۈنى قىرغىزىستان مۇسۇلمانلىرى باراۋەت كېچىسىنى مۇبارەكلىدى. بۇ كېچە ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنىڭ ئالدىدا يەنى 15 -تۈن، مىلادى كالېندارى بويىچە 11-، 12 -ماي تۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان نوۋوپوكروۋكا يېزىسىدىكى مەسچىتنىڭ ئىمام خاتىپى ئىھتىيار ھاجىم ئابدۇللىن بۇ ھەقتە مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسلىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ بەردى.

بىشكەك، قارابالتا، توقماق شەھەرلىرىدىكى ۋە باشقا يېزىلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى مۇبارەك كېچىنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىبادەتكە تۇرۇشتى.

«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جامائەت ئىچىدە تونۇلغان ھۆرمەتلىك ئاقساقال رەھىمجان ھاجىم: «بارات كېچىسىدە، دەسلەپ پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئۈممىتىگە نىمەت-ھىدايەت سورايمىز، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت بولۇشىنى سورايمىز، ئاندىن ئۆزىمىز ئۈچۈن تىلاۋەتلەرنى سورايمىز» دېدى.

شۇنداقلا رەھىمجان ھاجىم ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمان بولغىنىغا شۈكۈر قىلىش ۋە ئەدەپ ۋە ئەخلاق توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتى.

بۇ كۈنى ئەرلەر مەسچىتلەردە جامائەت بىلەن بىللە ئىبادەت قىلسا، ئاياللار ئۆيلىرىدە بالىلىرى، قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ئىبادەت ئەتمەكتە.

«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاياللار كېڭىشىنىڭ سابىق رەئىسى رەشىدەم ئەمەتخانوۋا بارات كېچىسىدە، ياش ۋاقتىدىن تارتىپ تۈنەپ ۋە بالا-نەۋرىلىرىگە مۇسۇلمانچىلىقنى ئۆگىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

توقماق شەھىرىدىكى بىرىنچى بولۇپ قۇرۇلغان شاكىرخان تۆرە نامىدىكى مەسچىتنىڭ خاتىپى ئىمىرجان قاسىموف: «شابان ئېيىدا پەند-نەسىھەتلەر تەن ۋە قەلبلەرنى پاكلاندۇرىدۇ» دېدى.