ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.08.21
islam-kerimof-xi-jinping-beijing-2014.jpg ئىسلام كەرىموف خىتاي پرېزىدىنتى شى جىنپىڭ بىلەن بىللە
AFP


ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف 19 - 20 - ئاۋغۇست كۈنلىرى دۆلەت زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ باردى ھەمدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىغا پۈتۈشتى. رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئائىت زىددىيەتلىرى ئۆتكۈرلەشكەن پەيتكە توغرا كەلگەن بۇ زىيارەت ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلار مەۋجۇت.

ئۆزبېكىستاننىڭ « پودروبنو.ئۇز» تورىدىكى بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسلام كەرىموف ئۆزبېكىستانىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ھەر بىر ئۇچرىشىشنى يۇقىرى باھالايدىغانلىقىنى، بۈگۈنكى سۆھبەتنىڭ ئىككى دۆلەت دىئالوگىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ئۆزبېكىستاننى «ئىشەنچىلىك شېرىك دەپ قارايدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسلام كەرىموف بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سۆھبىتى جەريانىدا ئىسلام كەرىموف شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆزبېكىستانغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە زىيارەت، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە چوڭقۇرلىتىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ تەكىتلىگەن. .

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسلام كەرىموف بىلەن شى جىنپىڭ يەنە ئافغانىستان ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغاندىن سىرت يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدىكى ھەمكارلىقنى ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن.

شى جىنپىڭ ئىككى تەرەپنىڭ سودا - ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى، ئېنېرگىيە، پۇل - مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىك ۋە قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلار ۋە مەبلەغ سېلىشنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشىنى ئاساسلىق قۇرۇلۇش پىلانى قىلىشنى بىلدۈرگەن. خىتاي تەرەپ يەنە ئۆزبېكستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېيىنكى ئۈچىنچى سودا شېرىكىدۇر.

ئىككى دۆلەت سودىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققى قىلغان بولۇپ، ئاخىرقى ئالتە يىل ئىچىدە سودا مىقدارى 6 ھەسسە كۆپىيىپ، 2013 - يىلى 5.2 مىليارد دوللارغا يەتكەن، ھازىر ئۆزبېكىستاندا 482 كارخانا خىتاي بىلەن شېرىكلەشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 70 تىن ئارتۇقى تولۇق خىتاي مەبلىغى بىلەن ئىش ئېلىپ بارماقتا. خىتاينىڭ 74 شىركىتى ئۆزبېكىستاندا ۋەكىل تۇرغۇزغان.

2013 - يىلى، شى جىنپىڭنىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتىدە ئىككى دۆلەت 31 كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، بۇنىڭ قىممىتى 15 مىليارد دوللارغا يەتكەن ئىدى.

ئامېرىكىدىكى گېئورگىي ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتور كاندىداتى پەرھات بىلگىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئالاقىلەرنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى ئېنېرگىيە ساھەسىگە قارىتىلغان بولۇپ، خىتاي ئۆزبەكىستاننىڭ تەبىئىي گازلىرىنى كۆپلەپ سېتىۋېلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۆزبېكىستان بىلەن زور مىقداردىكى تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى.

ئىسلام كەرىموفنىڭ 19 - ئاۋغسۇت كۈنىدىكى بېيجىڭ سەپىرىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى، ئۇنىڭ شى جنپىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت بىرلەشمە باياناتىغا ئىمزا قويۇشىدۇر. 16 ماددىلىق مەزكۇر بىرلەشمە باياناتنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارالىق، رايون خاراكتېرلىق سىياسىي ھەمكارلىقى، خەلقارا ۋە رايون مەسلىلىرىدىكى ئورتاق مەيدانىدىن باشقا يەنە، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا - ئىقتىسادىي، مەدەنىي - مائارىپ، سەھىيە، پۇل - مۇئامىلە، قاتناش، قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلارى كۈچەيتىغانلىقى نامايان قىلىنغان.

بىرلەشمە باياناتتا يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىسى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشىمۇ تەكىتلەنگەن بولۇپ، «ئىككى تەرەپ ئورتاق ھالدا "شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق كۈچلىرى"نى ئوز ئىگە ئالغان " ئۈچ خىل كۈچلەر"گە، زەھەرلىك چېكىملىك توشۇش ۋە باشقا چېگرا ھالقىغان جىنايى ھەرىكەتلەرگە ئورتاق زەربە بېرىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ئەلۋەتتە، تاشكەنت بۇ خىل مەيدانىنى ئىزچىل تەكىتلەپ ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسلام كەرىموفنىمڭ خىتاي زىيارىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتلەر كەسكىنلەشكەن پەيتكە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە ئۆزبېك زىيالىيلىرىمۇ دىققەت قىلماقتا، ئەما تاشكەنت ھۆكۈمىتى بېيجىڭنىڭ تۇتقان سىياسىتىگە نىسبەتەن لام - جىم دېمەي تۇرماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، 24 - 29 - ئاۋغۇست كۈنلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 6 دۆلەتنىڭ 7000 ھەربىي خادىمى ئىچكى موڭغۇلدا تېررورىزمغا قارشى ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ. ئۆزبېكىستانمۇ مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە.

پەرھات بىلگىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، كەرىموفنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىنىڭ تۈپ مەقسەتلىرىنىڭ بىرى دەل رايوندىكى ئىقتىسادىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك خىتاي بىلەن سودا - ئىقتىساد، مەبلەغ جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇپ، بىر تەرەپتىن رۇسىيەنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئورنىنى ئوستۇرۇشتۇر. چۇنكى رايوندا نوۋەتتە قازاقىستان رەھبەر دۆلەت سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە.

پەرھات بىلگىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايمۇ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىشنى ئاشۇرىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئۈچۈن ئۆزبېكىستان ئېنېرگىيەسىدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ مۇھىم جۇغراپىيىلىك ئورنىدۇر، چۈنكى خىتاي قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان تومۇر يولىنى قۇرۇش ئارقىلىق ئىران ۋە تۈركىيەگە،ئاخىرىدا ياۋروپاغا چىقالايدىغان يولنى ئاچالايدۇ. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۆزبېك زىيالىيلىرىدىن يازغۇچى سەفەر بېكجان ئەپەندى ئىسلام كەرىموف مەمۇرىيىتى خىتاينىڭ جۇغراپىيىۋى سىياسى مەقسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا دەپ تەنقىد قىلغان.

ئۇ، «خىتاي تارىختىن بۇيان مەركىزىي ئاسىيانى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن رىقابەتتە بولۇپ كەلدى، ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىل دۆلەت سۇپىتىدە بۈگۈنكى سىياسىتى ئاستىدا ئەنە شۇ خىتاينىڭ جۇغراپىيىۋى سىياسىي مەقسەلىرىگە خىزمەت قىلىش يېتىپتۇ، خىتاي كۆرسەتكەن ياردەم ۋە سالغان سەرمايىلەردە ھەم شۇ مەقسەت بار» دەيدۇ.

تەھلىللەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسلام كەرىموفنىڭ بۇ قېتىمقى بېيجىڭ زىيارىتى يەنە رۇسىيە بىلەن غەرب ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر سوغۇقلاشقان، رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قوشۇۋېلىشدىن كېيىن ئۇكرائىنا مەسىلىسى جىددىيلەشكەن ھەمدە شەرقىي ئۇكرائىنادىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن كىيېۋ ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار توختىمايۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇسىيە بىلەن قازاقىستان , بېلارۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي قۇرۇلۇشىمۇ ئەمەلگە ئېشىپ، كېلەر يىلى 1 - ئايدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پەرھات بىلگىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ خىتاي مەبلىغىنى كۆپلەپ جەلىپ قىلىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، شۇنىڭدەك غەرب بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىنى ئاشۇرۇش بىلەن رۇسىيە تەسىرىگە كۈچ كۆرسەتمەكتە. چۈنكى ئۆزبېكىستان رۇسىيەنىڭ باشلامچلىقىدىكى ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا كىرىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالغان، ئەمما ئۇنىڭ قوشنىسى قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانلار بولسا، بۇ ئىتتىپاققا كىرىشكە ئىنتىلمەكتە.

پەرغانە ئۇچۇر تورى خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ، بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقاتقان بولۇپ، ئىسلام كەرىموف بۇنىڭدىن ئۈچ ئايلار ئىلگىرى، يەنى ماي ئېيىدا شاڭخەيگە بېرىپ، «ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ» يىغىنىغا قاتناشقان ھەم شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى. بۇ،ئىسلام كەرىموفنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.