كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى ئۇيغۇر ۋە تىبەت كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىق تارىخىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.03.26
firansiye-prezidenti-hollande-shi-jinping.jpg فىرانسىيە پرېزىدېنتى خوللاند خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كېلىشىمگە قول قويۇپ بولغاندىن كېيىن قول ئېلىشىپ بىر-بىرىنى تەبرىكلەشتى. 2014-يىلى 26-مارت، پارىژ.
AFP

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەيشەنبە كۈندىن باشلاپ فىرانسىيەنى زىيارەت قىلىشقا باشلىدى. فىرانسىيەدىن كېيىن ئۇ يەنە گېرمانىيەنى زىيارەت قىلىدۇ. شى جىنپىڭ فىرانسىيە زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى فىرانسىيە پرېزىدېنتى فرانشىوس خوللاندنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرغان ئىدى. گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى شى جىنپىڭنى خىتاينىڭ يېقىنقى تارىخىنى ئېتىراپ چاقىردى.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىدە يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.«خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش جەمئىيىتى» ناملىق گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى شى جىنپىڭنىڭ 28‏-مارت باشلىنىدىغان گېرمانىيە زىيارىتى ھارپىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇنى ئالدى بىلەن خىتاي سادىر قىلغان كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى، ئۇيغۇر، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق رايونلاردا ئۆتكۈزگەن ئىنسانلىققا قارشى جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۇلرىخ دېلىئۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسى 1949‏-يىلى ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئىنسانلىققا قارشى نۇرغۇن جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: بۇ بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق گېرمانىيەدىكى ھەر بىر كىشىگە ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىپلا قالماي، خىتاينىڭمۇ 1949‏-يىلدىن كېيىن ئىنسانلىققا قارشى نۇرغۇن جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى مەقسەت قىلدۇق. ياپونىيە ئۆزىنىڭ تارىخىدىن ساۋاق ئېلىپلا قالماي، خىتايمۇ ئۆزىنىڭ تارىخىدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن يىلى ماۋ زېدۇڭنى ئەسلەپ قىلغان سۆزىدە نۇرغۇن مەسىلە بار. چۈنكى ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە نۇرغۇن پاجىئەلەر يۈز بەردى، بۇ پاجىئەلەر بولۇپمۇ خىتاي يېزىلىرىدا، ئىچكى موڭغۇل، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت قاتارلىق جايلاردا ئېغىر بولدى. بىز سادىر بولغان ئىنسانلىققا قارشى بۇ زوراۋانلىقلاردىن ساۋاق ئېلىشىمىز لازىم. بولمىسا يەنە يېڭى زوراۋانلىقلار يۈز بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تەرەپ شى جىنپىڭنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىنى پىلانلىغاندا ئۇنىڭ يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاي تەرەپنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان. گېرمانىيە ئاخباراتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلىپ، بۇنى 2‏-دۇنيا ئۇرۇشىدا خىتايغا ھۇجۇم قىلغان ياپونىيەگە قارشى دىپلوماتىك تەشۋىقات كوزىرى قىلىپ قوللىنىشىغا يول قويمىغان.

ئۇلرىخ دېلىئۇس ئەپەندى، يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرە سارىيىنىڭ قۇتلۇق بىر ئورۇن ئىكەنلىكى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇننىڭ خىتاي -ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك قورالغا ئايلىنىپ قېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار. چۈنكى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇننىڭ توكيو بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قارىشىچە يەنە، بۇ مۇقەددەس ئورۇننىڭ ئىززەت ھۆرمىتى دىپلوماتىك كوزىرغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. بۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چۈشەنچىسى. يەنە بىر تەرەپتىن شۇنى نەرسە ماڭا ئايانكى، شى جىنپىڭنىڭ گېرمانىيەدىكى مەزگىلى، ئۇنىڭ گېرمانىيە تارىخىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، گېرمانىيەنىڭ ئۆز تارىخىدىن قانداق ساۋاقلارنى ئالغانلىقىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت.

«خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» نىڭ دوكلاتى ئىككى پارچىدىن تەركىب تاپقان. 1‏-پارچىسى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار، 2‏-پارچىسى، شى جىنپىڭنىڭ يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلىش تەلىپىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات ھەر ئىككى دوكلاتنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرغان. ئۇلرىخ دېلىئۇس ئەپەندى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىز گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەكىتلىدۇق. بۇنىڭ ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ مەسىلىنى خۇسۇسى سۆھبەتلەردە سۆزلەپ قويۇپ، ئاشكارا سورۇندا كۆرمەسكە سالماسلىق كېرەك. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇ مەسىلىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇش پەۋقۇلئاددە مۇھىم. چۈنكى بۇ يەنە، شەرقى تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل ۋە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى قىلىۋاتقان، ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ئۈچۈن ئالاھىدە زۆرۈر. بىز دۆلەتنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا مەجبۇرلاش زۆرۈر، دەپ قارايمىز. خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقچىلار بىزنىڭ قوللىشىمىزغا ئېھتىياجلىق. بىز سوۋېت ئىتتىپاقىدىن پارچىلىنىشىدىن ساۋاق پارچىلىنىشىدىن ساۋاق ئېلىپ، دىكتاتور دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى بىلەن بولغان تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم.

شى جىنپىڭ 28‏-مارت بېرلىنغا يېتىپ كەلگەندە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە باشقا گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئۇلرىخ دېلىئوس، شۇ كۈنى خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، تىبەتنى ھىمايە قىلىش جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللار بىلەن بىرلىشىپ، بېرلىندىكى بىر قانچە ئورۇندا نامايىش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ بىرى، گېرمانىيە پرېزىدېنت مەھكىمىسى ۋە باش مىنىستىرلىقى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.