ئەنگلىيە باش مىنىستىرى دەيۋىد كامىرون 2013-يىلى دېكابىر خىتايغا قىلغان زىيارىتىدە، ئىككى تەرەپ كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغان ئىدى. بىراق خىتاي 16-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتكە ئىككى كۈن قالغاندا دىئالوگنى تۇيۇقسىز بىكار قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيەنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قول تىقىش، مەسئۇلىيەتسىز باھالارنى بېرىش بىلەن تەنقىد قىلغان. ھالبۇكى، دىئالوگنىڭ ئەنگلىيە 3 كۈن ئاۋۋال كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىنلا بىكار قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى. مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.
خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى بىكار قىلىشتىن سەل ئاۋۋال ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ 2013-يىللىق دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھەم تىبەتتىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەييارلىغان مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى خەلقنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ھوقۇقىنى مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلىغان بولسىمۇ، بىراق خەلقنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھەقلىرىگە جىددىي چەكلىمە قويۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىي ھەقلىرىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقىنى، مەزكۇر رايوندا ۋەزىيەت داۋاملىق جىددىيلىشىپ، خەۋەرلەردىكى ئېغىر مىللىي زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتقانلىقى بۇنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكىنى، ئەنگلىيە ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى بەزى رايونلارنى زىيارەت قىلىپ، رايوندا ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ قاتتىقلىقى، مەدەنىيەت، دىنىي چەكلىمە بارلىقىغا دائىر دەلىللەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دىئالوگنىڭ بىكار قىلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ، ئەنگىلىيەنى جۇڭگو ھەققىدە مەسئۇلىيەتسىز سۆزلەرنى قىلماسلىققا، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قول تىقماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ دىئالوگنى بىكار قىلىشىغا قانداق ئامىل ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقىدا ھەر خىل پىكىرلەر بار. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئەنگلىيە كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ دىئالوگنى بىكار قىلغان بولۇشى ئېھتىمال.
بىراق، ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى، لوندون ئۇيغۇر سەنئەت ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەزىز ئىسا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ دىئالوگنى بىكار قىلىشىدىكى مەقسىتى، ئۇكرائىنا كرىزىسى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان غەربكە سىگنال بېرىشتۇر.
ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى خىتاي-ئەنگىلىيە ئىنسان ھەقلىرى سۆھبىتىنى خىتاينىڭ تۇيۇقسىز توختىتىشى مېنىڭچە، بىر تەرەپتىن يېقىندا جەنۋەدە ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ئىنسان ھەقلىرىنى تەنقىدلىشى سەۋەبىدىن بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ ئەنگلىيە بىلەنلا ئەمەس، ئامېرىكا بىلەنمۇ ئىنسان ھەقلىرى سۆھبىتىنى توختاتقانلىقى ، بۇ خىتاينىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئۇكرائىنانىڭ قىرىم مەسىلىسى ۋە دۇنيادىكى باشقا قىزىق نۇقتىلارنىڭ تەسىرىدە رۇسىيە بىلەن تەڭ غەرب بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرماقچى. يەنى ئۇ، سېنىڭ بىزنىڭ قارىشىمىزغا چىقىش سالاھىيىتىڭ يوق، بىز كىچىك دۆلەت ئەمەس، پىكىرىڭنى خالىساق قوبۇل قىلىمىز، خالىساق قوبۇل قىلمايمىز، دەپ غەربكە بىر سىگنال بەرمەكچى.
يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ دىئالوگنى بىكار قىلىشى ئەنگلىيەنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدىكى پوزىتسىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ئەنگلىيە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭ سېپىدە تۇرۇپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۇ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ يىغىندا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساۋ شۈنلىنىڭ ئۆلۈمىگە ماتەم بىلدۈرۈشنى قوللىغان ئىدى. لېكىن ئەنگىلىيەدىكى بەزى تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، دىئالوگنىڭ بىكار قىلىنىشى ئەنگلىيە دىئالوگدا مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان مەزمۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خىتاي ئەنگلىيە ئوتتۇرىغاقويغان بەزى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى خالىمىغان.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى كونكرېت قانداق مەزمۇنلارنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بىراق ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر، خىتاي ۋە تىبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە ئاممىۋى تەشكىلات ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە يىغىندا مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 تۈرلۈك تەكلىپ سۇنغان ئىدى.
بەزى پائالىيەتچىلەر ئىزچىل غەرب بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى تەنقىدلەپ كەلگەن. ئۇلار دىئالوگنىڭ دىپلوماتىك شەكىلگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق قول بولۇشىنى، بولمىسا دىئالوگنى توختىتىشنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى بىكار قىلىشى، بۇ كىشىلەردە غەربنىڭ خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە زۆرۈرىيىتى بار-يوقلۇقىغا يەنە سوئال پەيدا قىلدى.
بىراق ئەزىز ئىسا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دىئالوگ چوڭ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىسىمۇ، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈر.
ئۇ: مېنىڭچە، مۇنداق سۆھبەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن قەرەللىك ئېلىپ بېرىلىشى زۆرۈر. بۇ ھەرگىزمۇ شەكىلۋازلىق ئەمەس. چۈنكى غەربنىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋەغەربىي ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مۇئەييەن بىر قىممەت قارىشىغا ئىگە. يەنى قانۇننى تولۇق ئىجرا قىلىش، دۆلەتنى پۇقرا باشقۇرۇش. بۇنىڭ نېگىزلىك تەرىپى پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئىنسان ھەق-ھوقۇقى. بۇلار ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە غەرب دېموكراتىيەسىنىڭ تۈپ پرىنسىپى. شۇڭا، ئەگەر غەرب خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى توختاتتى، دېگەن گەپ، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى نازارەت قىلىشنى توختاتتى دىگەنلىكتۇر. بۇ ناھايىتى مۇھىم، دېدى.
بۇ خىتاينىڭ يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ئەنگىلىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى 2-قېتىم بىكار قىلىشىدۇر. باش مىنىستىر دەيۋىد كامىرون 2012-يىلى 5-ئايدا تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى بىر قېتىم بىكار قىلغان. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋېتىدىكى سوغۇقچىلىق كامىرون 2013-يىلى دېكابىردا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا يۇمشىغان. ھەر ئىككى تەرەپ كامىروننىڭ شۇ قېتىملىق زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغان. كامىرون بۇنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋېتىدىكى زور ئىلگىرىلەش، دەپ تەرىپلىگەن ئىدى.
ئەزىز ئىسا ئەپەندى، ئەنگلىيە خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا ھەر خىل ئامىللارنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇ سۆھبەتنى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئەلۋەتتە، مېنىڭ شەخسى قارىشىم، ئەگەر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئويلاشقاندا ئۇ پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىش كېرەك، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشى، ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى قىلىشى كېرەكىدى. ئەمما بۈگۈنكى دۇنيا ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، بولۇپمۇ 2008-يىلى يۈز بەرگەن دۇنيا ئىقتىسادى كرىزىسى ئەنگلىيە ۋە ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە تەسىر قىلدى. ئەنگلىيە ئىقتىسادى ئەمدى ئۆسۈۋاتىدۇ. ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ دەردىنى ئەنگلىيە كۆپ تارتتى. كىشىلىك ھوقۇق ئىقتىسادى، سىياسەت ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارغا باغلانغان. غەربنىڭ ئۇزۇن يىللىق كۆپ خىل ئىستراتېگىيەسى بار. دېمەكچى مەنكى، غەرب قاچانىكى سىياسىي، ئىقتىسادى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە، خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق بېسىمىنى ئاشۇرىدۇ. ئەگەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەي ئۆز -ئارا پاراللېل ياكى ئۆز -ئارا ئېھتىياجلىق بولغان شارائىتتا ئەڭ تۆۋەن ئەھۋالغا چۈشمەيدۇ، ئەمما ئۇنى كونترول قىلىپ پايدىلىنىدۇ.
ئەنگلىيە كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى تىنچ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇق» دەپ ئەيىبلەپ، قوراللىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دوكلاتتا مۇنداق دېگەن 2013-يىلى ئاپرېلدىن دېكابىرغىچە يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەردە ئاز دېگەندە 120 ئادەم ئۆلگەن. دائىرىلەرنىڭ تىنچ نارازىلىقى ھەرىكەتلىرىنى قوراللىق باستۇرغانلىقى قەيت قىلىندى. دائىرىلەر ئادەتتە بۇ خىل ۋەقەلەرنى قارا-قويۇقلا تېررورلۇق دەپ قارايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق جاۋاب بېرىدۇ.
دوكلاتتا يەنە، تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمىدىن كېيىن، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىش ۋە ئۇلارغا قارشى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئىلىدا 2013-يىلى ئاپرېلدا 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ «بۆلگۈنچىلىك»، «جىھادچىلىق» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۇزۇن يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، شۇ يىلى 6-ئايدا 19 نەپەر ئۇيغۇر «دىنىي ئاشقۇنلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا بۇيرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا يەنە خرىستىئان مۇرىتى ئالىمجان ھىمىت، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا قارشى ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
