ياپونىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى سىياسەتچىلەرنى ئىلھام توختى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى

0:00 / 0:00


يېقىندا خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان ياپونىيەدىكى مىللەتلەر كىشىلىك ھوقۇق مەجلىسى تەشكىلاتى چاقىرىقنامە يوللاپ ياپونىيە سىياسەتچىلىرىنى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە دەۋەت قىلغان.

ياپونىيەدىكى مىللەتلەر كىشىلىك ھوقۇق مەجلىسى تەشكىلاتى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۈش توغرىسىدا ياپونىيە سىياسەتچىلىرىگە چاقىرىقنامە يوللاپ ئىلھام توختىنى تۈرمىدىن بالدۇراق ئازاد قىلىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە مۇراجەت قىلغان.

ياپونىيە سىياسەتچىلىرىگە يوللانغان چاقىرىقنامىدە بۇ يىل 15 - يانىۋاردا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىلھام توختىنىڭ ھازىر تۈرمىدە خەتەرلىك ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ساقچىلارنىڭ تۈرلۈك خورلىشىغا چىدىماي بىر نەچچە قېتىم ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈشلەر بېرىلگەن.

چاقىرىقنامىدە:«ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىكى بىردىن - بىر سەۋەب، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى تىنچ يول ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىرغان» دېيىلگەن.

ئىلھام توختى ھەققىدە يېزىلغان چاقىرىقنامىدە، ھازىر ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تولىمۇ پەرىشان بولۇۋاتقانلىقى، سەۋەبى خىتايدا ئىلھام توختىدەك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى قولغا ئېلىنسا ئادەتتە 8 يىلدىن 10 يىلغا قەدەر تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى، شۇڭا ياپونىيە سىياسەتچىلىرىنىڭ تىزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

چاقىرىقنامىدە ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلىپ، خىتايغا قوشنا بولغان، ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلەنگەن ياپونىيە دۆلىتىنىڭ بۇ مەسىلىسىدە خىتايغا دادىلىق بىلەن سۆز ئېچىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئۇنىڭدا يەنە «ئىلھام توختى خىتايدىن پەقەتلا ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدە ئۆزگەرتىش ۋە شۇنداقلا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇستەقىللىق ۋە ياكى باشقا نەرسە تەلەپ قىلمىدى. ئەمما ئاقىۋەتتە، يەنىلا ئۇنىڭغا دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى ئارتىلدى» دېيىلگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە دېيىلىشىچە، بۇ تەشكىلات بۇ خىلدىكى چاقىرىقنامىنى ئېلان قىلىش ۋە شۇنداقلا سىياسەتچىلەرگە بۇ ھەقتە مەكتۇپ يوللاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىلھام توختىنى تۈرمىدىن بالدۇراق قۇتقۇزۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر چاقىرىقنامىدە مىللەتلەر كىشىلىك ھوقۇق مەجلىسى تەشكىلاتى يالغۇز خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختىغىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي زىندانلىرىدا يېتىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ مەسىلىسىگىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەشكىلات مەسئۇلى ئىۋاناگا ئەپەندىنىڭ تور بېتىدە ئاشكارىلىشىچە، ئۇ تاپشۇرۇپ ئالغان مەكتۇبلار ئىچىدە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى تومىئوكا سىتومۇنىڭ بەرگەن جاۋابىدا:«ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى، ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىشقا بولمايدۇ. ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالىدىغان پەيت ئەمەس» دېيىلگەن.

مىللەتلەر مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق مەجلىسى تەشكىلاتى ئەمەلىيەتتە ئىلھام توختىنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇش پائالىيىتىدە ياپونىيەدىكى سىياسىي تەشكىلاتلاردىن ھاكىمىيەت بېشىدىكى شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىدىن كۆپرەك ئۈمىد كۈتكەن.

ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن ھەيران بولغان مىللەتلەر مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق مەجلىسى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئىۋاناگا ئەپەندى بۇ ھەقتە تور بېتىدە توختىلىپ:«مەن ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بۇ سۆزىدىن تولىمۇ ھەيران بولدۇم. ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس. بۇ، مۇستەملىكە قىلىنغان ئۈچ دۆلەت. تارىختا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللار مۇستەقىل دۆلەت ئىدىغۇ؟ كىم بۇنى ئۇنداق ئەمەس دەپ ئېيتالايدۇ» دېگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان خىتاي - ياپون مۇناسىۋەتلىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى تاكۇيا ھازىر ۋاقىتتا ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- ھازىرقىدەك ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەن بىر پەيتتە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ توساتتىنلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ خىتاي تەرەپ بىلەن سۆزلىشىشى مۇمكىن ئەمەس. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نورماللاشقاندا ياپونىيە ئەلۋەتتە خىتاي تەرەپ بىلەن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل مەسىلىلىرىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ دەپ قارايمەن. مەسىلەن، 2008 - يىلى 5 - ئايدا شىنزو ئابې خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن توكيودا ئۇچرىشىپ ئەتىگەنلىك ناشتىدا سۆھبەتلەشكەندە، ئەينى چاغدا خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى توختى مۇزارتنىڭ تۈرمىدىن بالدۇراق قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. 2009 - يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە خىتايغا دەرھال جاۋاب قايتۇرۇپ ئۆز مەيدانىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇندىن باشقا ئىلگىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە كۆپ سۆھبەتلەر بولغان. ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان ياپونىيە ئاخباراتلىرى ئىزچىل ھالدا ئىلھام توختى مەسىلىسى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەرنى تارقىتىۋاتىدۇ. بۇ دېگەنلىك، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىچكى سىياسىتىدە ئىلھام توختى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ياپونىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگىلا ياردەم بېرىش ئەمەس، بەلكى ئاسىيادا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلىنىشىغا كۆپرەك كۈچ چىقىرىشتۇر.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مىللەتلەر كىشىلىك ھوقۇق مەجىلىسى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئىۋاناگا ئەپەندى ئىلھام توختىنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.