ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇل كىتاب يەرمەنكىسىگە «شەرەپ مېھمىنى» سۈپىتىدە قاتناشقانلىقىدىن نارازى بولدى

0:00 / 0:00

2013-يىلى 2-نويابىر، شەنبە كۈنى، تۈركىيە يەرمەنكە قۇرۇلۇش ئىدارىسى «تۇياپ»نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە تۈركىيە نەشرىياتچىلار بىرلىكىنىڭ قوللىشى بىلەن «32-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىستانبۇل كىتاب يەرمەنكىسى» ئىستانبۇلدا ئېچىلدى.

بۇ يەرمەنكىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يازغۇچىلار ئۇچراشتى. يەرمەنكىگە 690 نەشرىيات ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار قاتناشتى ھەم ئۆزلىرى نەشرى قىلغان كىتابلارنى سېتىشقا باشلىدى. يەرمەنكىگە يەنە 28 دۆلەتتىن 200 گە يېقىن نەشرىيات قاتناشتى. خىتاي نەشرىياتلىرى بۇ يەرمەنكىنىڭ «شەرەپ مېھمىنى» دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتايدىن 100 دىن ئارتۇق نەشرىيات قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق 40 ئەتراپىدا نەشرىيات كەلگەن.

خىتايلار شەرەپ مېھمىنى بولغان ئىستانبۇلدىكى مەزكۇر خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسىدە ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ياش شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈردى ۋە خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2-نويابىر شەنبە كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئۆزگۈر ئۆزئاسلان، خىتاي ئاخبارات-نەشرىيات ۋە رادىئو-تېلېۋىزىيە باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋۇ شۇلىن، 32-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئىستانبۇل كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ شەرەپ مېھمىنى، تارىخچى پروفېسسور تانېر تىمۇر، تۇياپ مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئورگىنىنىڭ رەئىسى دوغان ھىزلان، تۈركىيە نەشرىياتچىلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى مېتىن جالال، تۇياپ مەدەنىيەت يەرمەنكىلىرى ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى دېڭىز قاۋۇقچۇئوغلى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

چۈشەنچە ۋە پىكىر ئەركىنلىكى يوق يەردە نەشر قىلىش ئەركىنلىكى بولمايدۇ

ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تۈركىيە نەشرىياتچىلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى مېتىن جالال ئەپەندى، نەشرىياتچىلىققا ئەركىن بېرىلىشى كېرەكلىكى، ئىپادە ئەركىنلىكى يوق يەردە نەشرىياتچىلىقنىڭ بولمايدىغانلىقى، نەشرىياتچىلىق يوق يەردە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: تىنچلىق ئۇسۇلدا پىكىر-چۈشەنچىلىرىنى ئىپادىلەشنى خالىغانلار قانداق پىكىر-قاراشتا بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۇلارنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز، چۈنكى چۈشەنچە ۋە پىكىر ئەركىنلىكى يوق يەردە نەشر قىلىش ئەركىنلىكى بولمايدۇ، نەشر قىلىش ئەركىنلىكى يوق يەردە نەشرىيات ساھەسىنىڭ كۆپ تۈرى ۋە سەر خىل بولۇشى مۇمكىن بولمايدۇ، نەشرىيات ساھەسىنىڭ چوڭىيىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن بولمايدۇ. بۈگۈن بىز ئىستانبۇل كىتاب يەرمەنكىسىدە پۈتۈن نەشرىياتلار جەم بولغان بولساق، بۇ بىز نەشرىياتچىلارنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە نەشرىياتچىلىق ئەركىنلىكىگە نىسبەتەن چوڭقۇر ئىشەنچىمىز ۋە ھېرىسمەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ. يازغۇچىلارغا ئەركىنلىك يوق يەردە نەشرىياتچىلىق تەرەققىي قىلمايدۇ.

مېتىن جالال ئەپەندى سۆزىدە يەنە، 2012-يىلى تۈركىيەدە 43 مىڭ 337 تۈرلۈك، 480 مىليون 257 مىڭ 824 دانە كىتاب نەشر قىلىنغانلىقىنى، كىشى بېشىغا 6.4 كىتاب توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تۈركىيەنىڭ دۇنيادا نەشرىياتچىلىق بويىچە 11 ئالدىنقى دۆلەت قاتارىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

تۈركىيە 2014-يىلى بېيجىڭ كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ شەرەپ مېھمىنى بولىدۇ

مېتىن جالال ئەپەندى سۆزىدە يەنە خىتاينى بۇ يەرمەنكىدە شەرەپ مېھمىنى قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ ئىستانبۇل كىتاب يەرمەنكىسىدىكى شەرەپ مېھمىنى بولغانلىقى مۇھىم ۋە تۇنجى قەدەمدۇر. 2014-يىلى تۈركىيە بېيجىڭ كىتاب يەرمەنكىسىدە شەرەپ مېھمىنى بولىدۇ ۋە نەشرىياتچىلىق ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا چوڭ بىر قەدەم بېسىلغان بولىدۇ.بىز خىتاي نەشرىياتچىلىرى، يازغۇچىلىرى ھەم شائىرلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىمىز، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى چۈشىنىش، يېقىنلىشىش يولىدا قەدەم بېسىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئېچىلىش مۇراسىمدا سۆز قىلغان خىتاي ئاخبارات-نەشرىيات-رادىئو-تېلېۋىزىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋۇ شۇلىن، يەرمەنكىنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى نەشرىياتچىلىق ھەمكارلىقىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقى ۋە دوستلۇقنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى ئۈچۈن مۇھىم بىر پۇرسەت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋۇ شۇلىن سۆزىدە، خىتايدا 10 يىل ئىچىدە تۈركىيەدىن 90 دىن ئارتۇق كىتابنىڭ خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ كىتابنىڭ تۈركچىدىن خىتايچىغا، خىتايچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

بۇ يەرمەنكە 2013-يىلى 2-نويابىردىن 10-نويابىرغىچە 9 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ يەرمەنكە جەريانىدا يىغىن، مۇراسىم، كۆرگەزمە دېگەنگە ئوخشاش 300 پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يەرمەنكىگە 100 دىن ئارتۇق يازغۇچى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىنى سېتىۋالغۇچىلارغا ئىمزا قويۇپ بەرمەكتە.

بىز خىتايلار ئاچقان كىتاب يەرمەنكىسىنى زىيارەت قىلدۇق. خىتايلار ئاساسلىقى كىتاب سېتىش ئەمەس، كىتاب ۋە نەشرىياتلىرىنى تونۇشتۇرۇش شەكلىدە كۆرگەزمە ئاچقان بولۇپ، خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسىدە ئادەم شۇنچە زىچ بولسىمۇ. بىراق خىتايلار ئاچقان بۆلۈمدە زىيارەتچىلەر يوق دېيەرلىك ئىدى. يەرمەنكىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ كۈنىدە خىتاي شەرەپ مېھمىنى دەپ ئېلان قىلىندى.

يەرمەنكىدە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھېچ بىر كىتاب قويۇلمىدى

بۇ يەرمەنكىگە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى بىلەن شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت نەشرىياتى قاتناشقان بولۇپ، خىتايلار بىلەن ياسىن ئوبۇلقاسىم قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر ۋە 3 قازاق بىرگە كەلگەن. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ۋە گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى قاتارلىق نەشرىياتلار، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە پارچىلا ئۇيغۇرچە كىتاب قويغان بولۇپ، بۇ كىتابلارنىڭ ئارىسىدا، «سۇ بويىدا»، «مىڭ سۇلالىسى تارىخى»، «كېيىنكى خەننامە»، «ئۇيغۇر 12 مۇقامى»، «ئۇيغۇر مەشرىپى» دېگەنگە ئوخشاش بىر قانچە پارچە كىتابنى كۆرۈش مۇمكىن.

ئىگىلىنىشىچە خىتاي نەشرىياتلىرى بۇ يەرمەنكىگە ئۈچ كۈن قاتنىشىدىغان بولۇپ، 5-نويابىر ھەممىسى قايتىپ كېتىدىكەن.

«شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك !»، «ئۇيغۇر يازغۇچىلارغا ئەركىنلىك!»

خەلقئارالىق ئىستانبۇل كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ خىتاي بۆلۈمىنىڭ كىرىشىدىكى تامغا «خىتاي-شەرەپ مېھمىنى 2013» دېگەن خەتلەر يېزىلغان بولۇپ، بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى «خىتاي شەرەپ مېھمىنى» دېگەن سۆزنىڭ ئۈستىگە، «ئۇيغۇر يازغۇچىلارغا ئەركىنلىك»، «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك» دېگەنگە ئوخشاش ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە يېزىلغان چوڭ خەتلىك ۋاراقنى چاپلىدى. بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ تۇرغان ت ر ت خەۋەر تېلېۋىزىيە مۇخبىرى بۇ كۆرۈنۈشلەرنى سىنئالغۇغا ئالدى. بىز بۇ خەتلەرنى چاپلىغان ئەسقەرجان قاتارلىق ئۇيغۇر ياشلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەسقەرجان، ئۇيغۇر يازغۇچىلارنى تۈرمىگە قاماۋاتقان خىتايلارنىڭ بۇ خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ «شەرەپ مېھمىنى» بولغانلىقىغا نارازى بولغانلىقى، ئۇيغۇر يازغۇچىلارغا ئەركىنلىك بېرىلىشى كېرەكلىكى، تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىلارنى قويۇپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئىپادىلەپ ئۇ خەتلەرنى يازغانلىقىنى بىلدۈردى.