12-ئاينىڭ 18-كۈنى دۇنيا كۆچمەنلەر كۈنى. بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كۆچمەنلەر كۈنىنى قۇتلاش پائالىيىتىگە تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
12-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەنقەرە ۋىلايەتلەر زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنى ساباھىتتىن ئۆزتۈرك، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئىدارا، جەمئىيەتلىرىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 800 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ئابدۇلئەخەت ئابدۇرەھىم ئەپەندى بىلەن قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باياناتچىسى ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ھەم مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ بىر قىسمى ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشتى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان كۆچمەنلەر ئىدارىسى مۇدىرى ئاتىللاھ توروس ئەپەندى، تۈركىيەگە كېلىۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىنىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زوراۋانلىق سىياسىتى، سىياسىي بېسىم، ئىچكى ئۇرۇش تۈپەيلى ئىكەنلىكىنى، كۆچمەنلەر ئىدارىسى قۇرۇلغان 2013-يىلىدىن بېرى 1 مىليوندىن كۆپ مۇساپىرغا تۇرۇش رۇخسىتى تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان. مۇراسىمدا يەنە، تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەرنى، بولۇپمۇ ئاغىسكا تۈركلىرىنى تۈركىيەگە ئەكېلىپ دۆلەت سېلىپ بەرگەن ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانى بايان قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەن.
يىغىن جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ۋە ئابدۇقادىر ياپچان مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنىمۇ يەتكۈزگەن.
ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ئابدۇلئەخەت ئابدۇرەھىم ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ يىغىن جەريانىدا تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاتىللا توروس ئەپەندى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ، تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋە باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ ئىقامەت، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلىرى ھەققىدە تەلەپلىرىنى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىن كېلىپ تۈركىيەگە ماكانلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ 2 مىڭدىن ئارتۇق قىسمى قەيسەرى شەھىرىدىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ قورۇ جايىدىكى ئايرىم ئۆيلەرگە پەرزەنتلىرى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
يەنە كۆپ ساندىكى مۇساپىرلارنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مەزكۇر مۇساپىرلارنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كەلگەن.
ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئاكتىپ ياردەم قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنىڭ بەزى قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ھەل بولغانلىقىنى، لېكىن يەنىلا بەزى قىيىنچىلىقلار مەۋجۇتلۇقىنى، ئىشلەش رۇخسىتىنىڭ يېقىندا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىن قەيسەرىگە كېلىپ ماكانلاشقىنىغا 3 يىل بولغان ئىمىنجان ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ كۆپ قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ھەل بولغانلىقىنى، ئەمما يەنە ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆزلىرى قاتناشقان يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باشقا يىغىن ئەھلى بىلەن بىرگە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سىزغان، كۆچمەنلەرنىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان.
كۆچمەنلەر ئىدارىسى 2013-يىلى قۇرۇلغاندىن بېرى ھەر يىلى خەلقئارا كۆچمەنلەر كۈنى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدە ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن قۇتلىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىزچىل تۈردە بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ئۇيغۇرنىڭ ۋەزىيىتىنى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇتۇپ كەلمەكتە. ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ ھېساباتىچە، يېقىنقى 6-7 يىل ئىچىدە 7 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركىيەدە قانۇنلۇق تۇرۇش ھوقۇقى، يەنى ئىقامەت رۇخسىتىگە ئېرىشكەن. 3 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر رەسمىي تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن.
ھازىر يەنە تەخمىنەن ئون مىڭ ئەتراپىدا ئادەم پۇقرالىققا ئېرىشىش نۆۋىتىنى كۈتمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، تۈركىيەگە ساياھەت ۋە تۇغقان يوقلاش يوللىرى بىلەن كېلىپ، تۈركىيەدە تۇرۇپ قېلىۋاتقانلارنىڭ سانىمۇ ئاشماقتا.