يېقىندا كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسىدىكى خامىلتون شەھىرىگە جايلاشقان ماكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى كۇڭزى ئىنىستىتۇتى، فالۇڭ دافا تەرىقەتچىلىرىگە قاراتقان ئايرىمىچىلىق ۋە كەمسىتىشى سەۋەبىدىن تاقالدى.
كانادا مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ماكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەسىس قىلغان كۇڭزى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سونيا جاۋ 2010 - يىلى كاناداغا كەلگەن بولۇپ، كۇڭزى ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ كىرىشتىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، فالۇن دافا نى مەشق قىلماسلىق توختامىغا ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلانغان. ئەمما ئۇ خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى خىزمەتداشلىرىدىن يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ، كانادادەك بىر ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتتىمۇ ئۆز دىنىي ئېتىقادىنى ئەركىن ئېلىپ بارالمىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ كانادادا ياشىغان ۋە كۇڭزى ئىنىستىتۇتىدا ئىشلىگەن بىر يىل جەريانىدا قانچىلىق دەرىجىدە روھى بېسىمغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانداق كونترول قىلىنغانلىقىنى يېڭى تاڭلىقلار تېلىۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرلىرىغا بايان قىلىپ: «سەن ئۆز ئۆزەڭگە ئىگە بولالمايسەن، مەن مانا مۇشۇنداق تۇيغۇ ئىچىدە نەق بىر يىلنى ئۆتكۈزدۈم، مانا بۇ مېنىڭ ھاياتىم» دېگەن.
سونيا جاۋ 2011 - يىلى بىر يىللىق ئوقۇش مەۋسۈمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئونتارىئو ئۆلكىلىك كىشىلىك ھوقۇق سوتىغا ئەرز سۇنغان. نۆۋەتتە كانادادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى دەۋىد ماتاس سونيا جاۋغا ئادۋوكاتلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ مۇخبىرلارغا، ماكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بولغان كېلىشتۈرگۈچىلىك ئىشلەملىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىلىدىن ئېتىبارەن ناھايىتى نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنى قۇرۇشنى باشلىغان. 2009 - يىلى خىتاينىڭ سابىق رەئىسى جاڭ زېمىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن فالۇن دافا مەشقچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى مۇھىم تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىدىمۇ فالۇن دافا مەشقچىلىرىنىڭ مەكتەپكە خىزمەتكە كىرىشى ۋە باشقا پائاليەتلەردە بولۇشىغا قاتتىق چەكلىمە قويۇلغان.
نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردە قۇرغان كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ سانى 300 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتىكى مەخسىتىنى، خىتاي تىلى ئۆگىتىش، خىتاي مەدەنيىتىنى تونۇشتۇرۇش شۇنداقلا غەرب بىلەن بولغان چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن يىلى كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسى خىتاي دۇنيادا كېڭەيتىۋاتقان كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ خىتاينىڭ غەرب ئەللىرىگە سىڭىپ كىرىشى ۋە ئۆز تەسىر دائىرسىنى كېڭەيتىشىدىكى يۇمشاق ۋاستە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى دەۋىد ماتاس يڭى تاڭلىقلار تېلىۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ «مەن بۇ مەسىلىنى خەلقئارالىق مۇھىم مەسىلە دەپ قارايمەن. چۈنكى كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارالغان. ئۇلار مەكتەپكە ئادەم قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرادىسى بويىچە فالۇن دافا مەشقچىلىرىنى كەمسىتىش ۋە ئۇلارغا ئايرىمچىلىق قىلىش يولىنى تۇتىۋاتىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرى، قۇرۇلما جەھەتتە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىر تەركىپى قىسمى. ئەمما كانادادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار كانادانىڭ دېموكراتىك ۋە باراۋەرلىك پرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ كەلمەكتە.
ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ماكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەسىس قىلىنغان بۇ كۇڭزى ئىنىستىتۇتى يەنە بىر ئوقۇش مەۋسۈمى باشلانغانغا قەدەر تاقىلىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00