ياپونىيە ئاخباراتى: «كۈرت ئاپتونوم ھۆكۈمىتى ئىراقتىن ئايرىلىپ كېتىش يولىدا كۈچەۋاتىدۇ»

0:00 / 0:00


ياپونىيەدىن چىقىدىغان «يومىئۇرى شىمبۇن گېزىتى» نىڭ 23 - ئىيۇن سانىدا «كۈرت ئاپتونوم ھۆكۈمىتى ئىراقتىن ئايرىلىپ كېتىشكە كۈچەۋاتىدۇ»، « كۈرت ھۆكۈمىتى ئۆز ئالدىغا نېفىت ئېكسپورت قىلىشقا باشلىدى» قاتارلىق بىر يۈرۈش سىياسىي ئىقتىساد ئانالىز ماقاللىرى ئېلان قىلىنىپ، نۆۋەتتىكى ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى كۈرت ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا كۈنسايىن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

مەزكۇر ماقالىدە، ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى كۈرت ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ 21 - ئىيۇندىن باشلاپ چەتئەللەرگە نېفىت ئېسكپورت قىلىشنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، ئىراقتىكى ھەر قايسى رايونلاردىكى نېفىت ئېكسپورت قىلىش ئىشلىرىنى ئىلگىرىدىن تارتىپ ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل باشقۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ،ئەمما بۇ قېتىمقى كۈرت ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى يولغا قويۇشى ئىراقنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى چوڭ ئۆزگىرىش ۋە شۇنداقلا كۈرتلارنىڭ ئۆز بايلىقىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىغا ماڭغانلىقىنىڭ تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدىكەن.

ئىراقتىكى سۈننىي ۋە شىئە مەزھەپلىرىنىڭ ئۇرۇشى داۋامىدا ئىراقتىكى رادىكال قوراللىق تەشكىلات قوشۇنىنىڭ مەركەزنى كونترول قىلىشى بىلەن بىرگە، جەنۇبتىكى كۈرتلار ئىراق مەركىزى ھۆكۈمۈتىدىن يىراقلىشىپ ئايرىلىشقا باشلىغان. ئىراق سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇشىدىن ئۈستىلىق بىلەن پايدىلانغان كۈرت ئاپتونوم ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن نېفىت ئېسكپورت قىلىشنى باشلاپ تۈركىيىنىڭ جەيلان دېڭىز پورتى ئارقىلىق ئوتتۇرا دېڭىزغا نېفىت توشۇشقا رەسمىي كىرىشكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، كۈرت ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ سەككىز توننا ئېكسپورت نېفىتى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى غەسلان پورتىغا، بىر قىسىم نېفىتلىرى تۈركىيىنىڭ جەيلان دېڭىز پورتىغا كىرگەن.

كۈرت ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىئىي بايلىقلارغا مەسئۇل مىنىستىرى 21 - ئىيۇن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ نېفىت ئېسكپورت قىلىشى ھەققىدە توختىلىپ:«بۇ، تولىمۇ ياخشى باشلىنىش بولدى. بۇ، بىزنىڭ بۈيۈك غەلىبىمىز. ئىلگىرى ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتى بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىزنى چەكلەپ، بىزگە كۆپ تەرەپلىمىلەردە چەك قويغان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم چوڭ تارىخىي بۇرۇلۇش بولدى» دېگەن.

ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتى مول نېفىت زاپىسىغا ئىگە جەنۇبتىكى كۈرت ئاپتونوم ھۆكۈمىتىدىن ھەر يىلى ئېسكپورت قىلىنغان نېفىت پايدىسىنىڭ پەقەتلا 17% نىلا كۈرتلەرگە بېرىدىغانلىقىمۇ ماقالىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كۈرت ئاپتونوم ھۆكۈمىتى ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن ئىزچىل ھالدا، بۇ يەردىكى بارلىق تەبىئىي بايلىقلارنىڭ كۈرت خەلقىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل نېفىت ئېكسپورت قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن.

ئىراق ئوتتۇرا شەرقتىكى مول نېفىت زاپىسىغا ئىگە دۆلەت. ئىلگىرى ئىراقنىڭ ھەر كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچ مىليون تۇڭ بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ تۇڭ نېفىتنىڭ ئۆزىلا كۈرت ئاپتونوم ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ھازىر كۈرت ئاپتونوم ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كۆزلەپ، يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم چەتئەل شىركەتلىرىنى ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلغان شۇنداقلا ھەر كۈنلۈكى ئالتە يۈزمىڭ تۇڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان «كەركۈك نېفىت بازىسى»نىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قوغداش قىسىملىرىنى ئۇ يەرگە ئەۋەتكەن.

كۈرت ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل نېفىت ئېكسپورت قىلىشىغا خەلقئارا جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ئىنسان ھەقلىرى كۆزەتكۈچىلىرى باھا بېرىپ :«كۈرتلەر ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى نېفىت پايدىسىغا ئېرىشىشتىن باشلىدى» دېسە، بىر قىسىم سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر:«كۈرتلەر رادىكال قوراللىق تەشكىلات قوشۇنىنىڭ ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن قالايمىقانلاشقان ئىراقنىڭ سىياسىي ۋەزىيەتتىن پايدىلاندى. بەلكىم مەركىزى ھۆكۈمەت بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى مۇمكىن» دېگەن.

يەنە بەزى بىر سىياسىي ئانالىزچىلار كۈرت ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى سىياسىي تەرەقىيات ئەھۋالىغا قاراپ :« ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتى ئەمدىلىكتە كۈرت ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىشىنى توسالىشى مۇمكىن ئەمەستەك تۇرىدۇ. چۈنكى كۈرتلەرنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، كۈرت ئاپتونوم ھۆكۈمىتى ئىراق دۆلىتىدىن ئاللىقاچان ئايرىلىپ بولغاندەك كۆرۈنىدۇ» دېگەن.

ماقالىدە ئىراقتىكى كۈرت ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقتىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش ئارزۇسى ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىراق خەلقىنى ئىتتىپاقلىشىشقا دەۋەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن يەنە بىر باش ئاغرىقى بولۇش مۇمكىنچىلىكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

 ئامېرىكىدا نەشىر قىلىدىغان «تاشقىي مەسىللەر» ناملىق ژۇرنالدىن ئەلىنغان سۇرەت
ئامېرىكىدا نەشىر قىلىدىغان «تاشقىي مەسىللەر» ناملىق ژۇرنالدىن ئەلىنغان سۇرەت


ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان،ئىراقتىكى كۈرت ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى يامادا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىراقتىكى كۈرتلەر مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان ھەل قىلىنمايۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى. ئەمدىلىكتە كۈرت ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقتىن ئايرىلىپ چىقىپ ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى، ئوتتۇرا شەرقتىكى مىللەتلەر مەسىلىسىدىكى ياخشى باشلىنىش. ئەلۋەتتە كۈرتلەرنىڭ ئىراقتىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىشىدىن ئىبارەت بۇ سىياسىي ئۆزگىرىش، يىراقتىكى خىتاي دۆلىتىگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئىراقتا بىرلا كۈرت ئاپتونوم ھۆكۈمىتى بولغىنى بىلەن، خىتايدا بەش ئاپتونوم رايون بار. شۇڭا خىتاي دۆلىتى ئۆزىدىكى ئاپتونوم رايونلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بەزىبىر سىياسەتلىرىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ئىنچىلىك بىلەن ئويلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن.»

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.