ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى: «خىتاي ھۆكۈمىتى كۆزەتكۈچىلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشكە رۇخسەت قىلسۇن»
2019.02.12
16 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئەپەندى 11-فېۋرال كۈنى ئاخشىمى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنى ئازايتىش ئۈچۈن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىرى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەزكۇر يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھازىر بۇ مەسىلىنىڭ پارتىيەسىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى نازۇك مەسىلىلەردىن بىرىگە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك مۇخبىرلار كېيىنكى كۈنلەردىكى ئەڭ نازۇك مەسىلىلەردىن بىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا بارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرگە خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىدۇر. ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي 2017-يىلى 10-ئايدا بارلىق دىنلارنى ۋە دىنىي ئېتىقادلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى. بارلىق دىنلارنى ۋە دىنىي ئېتىقادلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ھەر دائىم ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئۇ، يەردە ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتا خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم».
ئۆمەر چەلىك ئەپەندى باياناتىدا «لاگېر مەسىلىسى» توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ يەردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان ‹جازا لاگېرلىرى› مەسىلىسى بار. بۇ ھەقتە خىتاي ھەر خىل باياناتلارنى بېرىۋاتىدۇ، تۈنۈگۈن شەرقىي تۈركىستانلىق تونۇلغان ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ تارقىتىلىشى بىلەن بىرلىكتە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ئۆلمىگەنلىكى توغرىسىدا 25 سېكۇنتلۇق بىر ۋىدىيو تارقاتتى. ئەمما ھازىر ئىز-دېرىكى يوق نۇرغۇن ئادەم بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالىملار، سەنئەتچىلەر، شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھىم جامائەت ئەربابلىرى بار. بۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى نامەلۇم. يەنە بىر مەسىلە ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ئۆيىگە بىردىن خىتاي يەرلەشتۈرۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر كېلىۋاتىدۇ».
ئۆمەر چەلىك ئەپەندىنىڭ 11-فېۋرال ئاخشىمىدىكى باياناتى دۆلەت تېلېۋىزىيەسى تەرىپىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. ئۇ، باياناتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بۇلارنىڭ ھەممىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى كېرەك. ئۇ يەردە بولۇۋاتقانلار ھەققىدە توغرا مەلۇمات بېرىلسە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكمۇ پەسىيىدۇ. خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىمىز. ھەر دائىم بۇنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشى، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركىنى تۇتۇپ جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىشىنىڭ قانۇنىي ئەمەسلىكىنى تەكىتلىمەكچىمەن. نۇرغۇن زىيالىي، جامائەت ئەربابى، سەنئەتچىلەرنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر بار. شۇڭا ئەڭ توغرىسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆزەتكۈچى ۋە مۇخبىرلارنىڭ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىشى ۋە ھەقىقىي ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى كېرەك. 21-ئەسىردە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا توختىلىش ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنىڭ ‹تەربىيەلەش مەركىزى› ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، ئۇنداق ئىكەن بۇنى دۇنياغا كۆرسىتىشى كېرەك. شۇڭا بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى بىزنى ئەنسىزلىككە سېلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىمىزنى تەكىتلىمەكچىمەن».
«جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى غەرب ئەللىرىدە كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىغاندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. كەچ قالغان بولسىمۇ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ خىتاينى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلىشىغا ئۆكتىچى پارتىيەلەر قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان «ئىيى»، يەنى ياخشى پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىشى ياخشى ئىلگىرىلەش. بىز بۇ مەسىلىنى پارلامېنتتا كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدۇق. ھەتتا مەن پارلامېنتتا سۆزلىگەن سۆزۈمدە نېمە ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايغا ئىنكاس قايتۇرمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمەت ئىنكاس قايتۇرمايدۇ؟ دۆلەت رەئىسى نېمە ئۈچۈن گەپ قىلمايدۇ؟، ھۆكۈمەت خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىم بۇزۇلۇپ كېتىدۇ دەپ ئىنكاس قايتۇرالمىسا، پارلامېنت بىر نەرسە دېسۇن دەپ تەكلىپ بەردىم. تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدە سۈكۈتىنى بۇزۇشى ياخشى ئىلگىرىلەش».
فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسسىيەسىنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە ئېلىنغانلىقىنى، يېقىندا بۇ ھەقتە يىغىن چاقىرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئىنسان ھەقلىرى كومىسسىيەسىنىڭ ئەزاسى. مەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە ئېلىنىشى توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغان ئىدىم، تەستىقلاندى. يېقىندا تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسسىيەسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلماقچى».
تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن 16 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنى باشقۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلىشى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى مۇشۇنداق داۋام قىلارمۇ؟ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى خىتاينىڭ 2000-يىلىدىن تارتىپ كۆپ ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، ۋەدىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىنى، تىجارەتتىمۇ تۈركىيەنىڭ زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ راۋان بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
9-فېۋرال كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىرغاندىن كېيىن، 11-فېۋرال كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سۆز قىلىپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ پوزىتسىيەسى «ناھايىتى قەبىھ» دەپ ئەيىبلەش بىلەن خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ باياناتىغا قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.