كېيىنكى ۋاقىتلاردا رۇس تىللىق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى، بولۇپمۇ ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» توغرىلىق ماقالىلەر پات-پات بېرىلىدىغان بولغان ئىدى. مەركىزىي ئاسىيانىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىنى يورۇتۇپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى تور بەتلىرىدىن «مەركىزىي ئاسىيا» ۋە «پەرغانە خەۋەر ئاگېنتلىقى» دا يېقىندا ئىككى چوڭ ماقالە ئېلان قىلىندى.
«پەرغانە خەۋەر ئاگېنتلىقى» تورىدا ئېلان قىلىنغان «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتايدىكى ‹مىليونلىغان قايتا تەربىيەلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار› نىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر لاگېرلارغا مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرلار تۇتۇلغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى يەنە بىر نەچچە مىليون ئۇيغۇرنى قاماشنى پىلانلىماقتىكەن. ماقالىدا يەنە خىتاينىڭ مەزكۇر لاگېرلاردا تۇتۇلۇپ تۇرۇۋاتقانلار سانىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇلارغا ھېچقانداق بىر ئەيىبنىڭمۇ قويۇلمىغانلىقى بايان قىلىنغان. ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئاخىرقى يىللاردا ش ئۇ ئا ر دا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئى باستۇرۇش كۈچەيدى. دائىرىلەر ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادلىرىنى چەكلىمەكتە، شۇ جۈملىدىن رامىزان ۋاقتىدا روزا تۇتۇشنى ۋە دىنىي كىيىم كىيىشنى مەنئى قىلماقتا. ئۇنى ‹دىنىي ئاشقۇنلۇق بىلەن كۈرەش قىلغانلىق› دەپ ئاقلىماقتا.»
ماقالىدا مۇنداق لاگېرلارنىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدىمۇ مەۋجۇت بولغانلىقىنى، ئۇ چاغلاردا قامالغانلارنى ئېغىر ئىشلارغا مەجبۇرلاپ، قىيناشلارغا مەھكۇم قىلغانلىقى، كېيىنچىرەك ئۇلار يېپىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر يەنە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، لاگېرلاردىن قىيناقلار ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما تۇتقۇنلارنى كومپارتىيەنى مەدھىيەلەشكە، خىتايچە ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىنى ئېيتىشقا، خىتاي رەھبەرلىرىگە مەدھىيە ئوقۇشقا مەجبۇرلىماقتىكەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخچى ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر بولۇپ، بۇ پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «تارىخىي ۋەتىنىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللار، بولۇپمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاتالمىش ‹يىغىۋېلىش› ياكى ‹تەربىيەلەش› لاگېرلىرىدا يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقىمۇ مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئازابلىنىۋاتقانلىقى توغرىلىق خەۋەرلەرنى بىز پات-پاتلا مۇشۇ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئوقۇپ بىلىۋاتىمىز. لاگېرلاردا يېتىپ، ئازابلىنىۋاتقانلار ئىچىدە زىيالىيلارمۇ كۆپ دېگەن خەۋەرلەرنى ئاڭلاۋاتىمىز. ئەينى يىللىرىدا ئالىملار، يازغۇچىلار قازاقىستانغا كۆپ كېلەتتى. ئارىمىزدىكى مەدەنىي ئالاقىلەرمۇ ياخشى تەرەققىي ئەتكەن ئىدى. ئەمما لاگېرلار پەيدا بولغاندىن بېرى ئۇلارنىڭ بۇ ياققا كېلىشى پۈتۈنلەي توختاپ قالدى. قازاقىستاننى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ھەر بىر ئائىلىنىڭ دېگۈدەك ئۇ ياقتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار. ھازىر كىرىپ-چىقىشلار، ئالاقە ۋاسىتىلىرى خېلى قىيىنلىشىپ قالغاچقا، ئۇ ياقتىن بىرەر مەلۇمات ئالالمايۋاتىمىز. لاگېرلار مەسىلىسى يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قارىلىپ، بۇ لاگېرلارغا مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقى ئېيتىلدى. بىراق ئېنىق سانى تېخى مەلۇم ئەمەس، چۈنكى خىتاينىڭ ئۇنداق مەلۇماتلارنى سىرتقا چىقارمايدىغانلىقى كۆپچىلىككە ياخشى مەلۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى تەپسىلىي ئۆگىنىش كېرەك. ھازىر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىپ، بۇ لاگېرلارنى يېپىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.»
«مەركىزىي ئاسىيا» دا بېرىلگەن مىخايىل كوروستىكوفنىڭ «شىنجاڭ ‹تەربىيەلەش› مەيدانىغا ئايلاندى. خىتاي ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش تېخنولوگىيەسىنى سىنىماقتا» دېگەن ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مۇنداق «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى بىخەتەرلىك ئاماللىرىنىڭ بىرى دەپ قارايدىكەن. ماقالىدا دېيىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كومىتېتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنى سوت ۋە تەرگاۋسىز «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قامىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىدا «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» پەيدا بولغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقلىرى تېخىمۇ كۈچەيگەن. بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر قاتاردا باشقىمۇ خەلقلەر توختاۋسىز نامايىشلار قىلماقتا. ئەنە شۇنداق نامايىش قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بىرى، ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى شەھەربانۇم سەيدۇللايېۋا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ يەرلىك خەلقلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ھەددىدىن ئاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «شۇنىڭغا نىسبەتەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇ زۇلۇمىغا قارشى كۆپلىگەن ئەللەردە نامايىشلار ئۆتكۈزمەكتە. بۇنىڭ نەتىجىسىمۇ كۆرۈلمەكتە. مەسىلەن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى قارالماقتا.»
شەھەربانۇم سەيدۇللايېۋا قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قوشنا مەملىكەت ئىكەنلىكى، ئىلگىرى بېرىپ-كېلىشلەر قويۇق بولغان بولسىمۇ، ھازىر خىتاينىڭ بارلىق ئالاقىلەرنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى، پەقەت بەزى خەۋەرلەرنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئوقۇپ بىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار نامايىشلارغا چىقىپ، خىتايغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار مۇنداق مۇمكىنچىلىكلەردىن مەھرۇم ئىكەن. بۇنىڭغا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەب بولۇۋاتقان بولسىمۇ، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى مەۋجۇت ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ، خەلققە مەلۇم دەرىجىدە مەلۇمات بېرىپ تۇرماقتىكەن.
0:00 / 0:00