بىر ئاۋازغا قارشى 23 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
4-ئۆكتەبىر كۈنى فىرانسىيەنىڭ سىتراسبۇرگ شەھىرىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر خوش خەۋەر تارقالدى. ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 ماددىلىق بىر قارارنى 700 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سىتراسبۇرگدىكى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ زالىدا تۇرۇپ، بۇ خوش خەۋەرنى سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقاتتى. ياۋروپا پارلامېنتى ماقۇللىغان بۈگۈنكى بۇ قارار مۇناسىۋىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلىگەن ئىنكاسلار ۋە ئالقىشلار مەيدانغا چىقتى.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ سىتراسبۇرگدىكى مەركىزىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قارارنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئالدى بىلەن بۇ خوش خەۋەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە خەيرلىكلەر نېسىپ ئەيلىشىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ تاقىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بۇ قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرى قۇرغانلىقىنى ئىنكار قىلىشى، ئۇنى تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇشى ياكى پەردازلاپ كۆرسىتىشىدەك بىر قاتار ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى بەربات قىلغان بۇ قارار مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. بۇ قارار ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ بىردەك ئاۋازى بىلەن ماقۇللانغان ئىكەن.
دولقۇن ئەيسا يەنە 1 ئاۋازغا قارشى 23 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۈگۈنكى ئومۇمىي يىغىنىدا جازا لاگېرلىرى توغرىلىق ئەتراپلىق توختىلىپ ئۆتكەنلىكىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ھەر تۈرلۈك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرىغا دەرھال خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
UNPO (ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى) نىڭ خىزمەتچى خادىمى لۇسىيە خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا مەزكۇر قارارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر خۇشخەۋەر بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى نەزەرگە ئېلىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا پارلامېنتىدا قوبۇل قىلىنغان بۇ قالتىس قارار ئۈچۈن ئۇزۇن بىر ۋاقىت كۆپ ئەجىر سەرپ قىلىشقا توغرا كەلدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇنىڭ ئۈچۈن تىنىمسىز مۇجادىلە قىلدى. UNPO ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ‹ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى› نىڭ خادىملىرىمۇ ئادالەت مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ئېغىر پاجىئەلەرگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بۇ قارار پۈتۈن دۇنياغا شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن ئېتنىك تازىلاش ھەم مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتكە ۋاكالىتەن جاكارلىدى. خىتاي مەيلى ئېتىراپ قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، مەيلى قانداق شەكىللەردە پەردازلاپ كۆرسەتمىسۇن، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئەمدى يوشۇرالمايدۇ. بۇ قارار دۇنيا دۆلەتلىرى، مىللەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىكى بۈيۈك بىر قورال. مەن بۇ قىممەتلىك قارارنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بارلىق كىشىلەرگە، د ئۇ ق رەھبەرلىرىگە، UNPO خادىملىرىغا ۋە ‹ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى› غا ئەزا پارلامېنت خادىملىرىغا كۆپتىن كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.»
دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەزى پارلامېنت ئەزالىرى، مەسىلەن، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كاستالدو ئەپەندى سۆزلىرىدە «ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقىمىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن بولغان سودىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك،» دېگەندەك قاتتىق ئىبارىلەرنى قوللانغان ئىكەن.
بۈگۈنكى قارار قوبۇل قىلىش يىغىنىغا خىتاي ۋەكىللىرىمۇ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان. ئەمما ئۇلارنىڭ مەزكۇر قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا كۈچى يەتمىگەن. خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ھەممىسى كۆپۈككە ئايلانغان.
قارار قوبۇل قىلىش يىغىنى جەريانىدا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە يىغىن ئەھلى ئالدىدا رەھمەتلىرىنى بىلدۈرگەن ۋە يىغىندىن كېيىن ئۇنى تەبرىكلەپ خاتىرە سۈرەتلەرگە چۈشكەن.
0:00 / 0:00