دۇنيادىكى 250 مىليون خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان، 44 دۆلەت ۋە مىللەتتىن ئەزاسى بولغان ئۇ ن پ ئو، يەنى «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيى 9-ئاينىڭ 14-15-كۈنلىرى فرانسىيەنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 4800 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان ساۋوي شەھىرىدە چاقىرىلدى.
يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن 84 نەپەر ۋەكىل قاتناشتى. جۈملىدىن «شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى» نامىدا تەكلىپ قىلىنغان 3 نەپەر ئۇيغۇر ۋەكىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدا يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى. مەن مۇخبىر سۈپىتىدە بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە نەق مەيداندىن مەلۇمات ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.
14-سېنتەبىر سەھەر سائەت 9:00 دا باشلانغان بۇ قۇرۇلتايغا ئۇ ن پ ئو نىڭ رەئىسى ناسسېر بولاداي ۋە ئۇ ن پ ئو نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا يەنە ئۇ ن پ ئو نىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەھبەرلىرىدىن ئاھمەد ياسىن، ئابدۇراخمان مەھدى، جېئان لوپ، پائۇل شىترائۇس، ئېلى ئابدۇلزادە، ئالېكىس تاخ قاتارلىق كىشىلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان ئىدى.
يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىدىن كېيىنلا سۆز ئالغان ئۇ ن پ ئو نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، 3 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا كۆرۈۋاتقان كېلىۋاتقان ئېغىر كۈنلىرىنى ئاڭلاتتى. ئۇيغۇر مەسىلىدىن يېتەرلىك خەۋىرى بولمىغان بەزى كىشىلەر ھەيرانلىقتىن ياقىلىرىنى تۇتۇپ قېلىشتى.
ئۇ ن پ ئو نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىن ئارىلىقىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەقسىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. ئۇ ن پ ئو نىڭ رەئىسى ناسسېر بولاداي ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدىكى بايانلىرىنى دىققىتىمىزگە سۇندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رولىدىن ئەڭ ياخشى پايدىلىنىۋاتقانلار ئۇيغۇرلاردۇر. ئۇيغۇرلار ئۇ ن پ ئو نىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى بولۇپلا قالماي، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ب د ت دا، ياۋروپا پارلامېنتىدا، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدا ۋە ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ئاڭلىتىلىشىدا تەشكىلاتىمىزنىڭ بارلىق ئىمكانلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماقتا. بىز ھەم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قوللاشتا قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلماقتىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى بىزنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدۇ ۋە ئەندىشىلەندۈرىدۇ. بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ پاجىئەلەرگە بالدۇرراق خاتىمە بېرىپ، ئۆزىنىڭ ھۆر، ئازاد ۋەتىنىدە ئەركىن-ئازادە ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ھەمدە شۇنداق بىر كۈننىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئۇيغۇرلار كېلەچىكىدىن قىلچە ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى لازىم.»
ئۇ ن پ ئو نىڭ پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى قاتارىدا د ئۇ ق فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەپەندىمۇ بار بولۇپ، ئۇ نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇقەددىمىسىدىلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ كۈچلۈك دىققەت قوزغىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ ن پ ئو نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى فېرناندو بۇرگېس ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇ ن پ ئو نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى» تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۇ ن پ ئو ئۈچۈن ئۇزۇندىن تونۇش ۋە خىزمەت ئۈستىلىمىزدىكى جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بىز ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان مەيلى ب د ت دا بولسۇن، مەيلى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەردە بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئاڭلىتىشتا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بولۇپمۇ، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن بىزنىڭ يۈكىمىز زور دەرىجىدە ئېغىرلاشتى ۋە بىزنى قاتتىق ئەندىشىگە، كۈچلۈك غەزەپكە ئەسىر قىلدى. نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، مۇخبىرلار ھەمدە دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم خادىملىرى بىزنى ئىزدەپ ‹ئۇيغۇرلارغا نېمە بولدى؟ 3 مىليون ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا قامالدى دېگەن قانداق گەپ؟ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ سىياسىتىدىنمۇ ۋەھشىي بولغان بۇ ئۆكتەملىكى ھەققىدە بىزگە مەلۇمات بېرەمسىلەر؟ بىز ئۇيغۇرلارغا نېمە قىلىپ بەرسەك بولىدۇ؟ ئۇيغۇرلار زادى قانداق بىر خەلق ئىدى؟ ئۇلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە جازالىنىشىغا سەۋەب بولغان گۇناھى نېمە؟ خىتاي ھاكىمىيىتى باشقا گەپ قىلىۋاتىدىغۇ؟› دېگەندەك سوئاللارنى سوراۋاتىدۇ. بىز خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىش، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاۋارە بولۇۋاتىمىز. دېمەكچى بولغىنىم، ئۇ ن پ ئو 44 دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ، 300 مىليونغا يېقىن خەلقنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقان خەلقئارالىق بىر تەشكىلات. ئەمما، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالماقتا.»
د ئۇ ق ۋەكىللىرى 13-سېنتەبىر جەنۋەگە توپلانغان بولۇپ، 17-سېنتەبىر باشلىنىدىغان ب د ت نىڭ 39-نۆۋەتلىك ئازسانلىقلار مۇنبىرى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كۆتۈرۈش پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى. د ئۇ ق خادىمى شەھرىزات غەيرەت 13-سېنتەبىر ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىگە قوشقان تۆھپىسى» ناملىق يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ ن پ ئو نىڭ بۇ قېتىمقى پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيى 2 كۈن داۋام قىلىدىكەن. 15-سېنتەبىر ئاخىرلىشىدىغان بۇ يىغىندا ئۇ ن پ ئو نىڭ باش كاتىپى ۋە ئىجرائىيە ھەيئەتلىرى قايتىدىن سايلاپ چىقىلىدىكەن. ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان ئۇ ن پ ئو نىڭ باش كاتىپى مارىنو باسدۇخېن ئەپەندى كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىكەن ۋە يېڭى باش كاتىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالىدىكەن.