«جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2018.10.22

تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «ئىيى» پارتىيەسى، يەنى «ياخشى» پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىدا «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنى بۇ مەسىلىگە قارىتا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە قىستىماقتا.
16-ئۆكتەبىر كۈنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئۆز پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى يىغىنىدا سۆزلەپ، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنى تەنقىد قىلدى.
ئۇ، مۇنداق دېدى: «زۇلۇمنىڭ يەنە بىر ئادرېسى قەدىمكى تۈرك يۇرتى شەرقىي تۈركىستان. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مىللىتىمىزنىڭ قەلبىدىكى چوڭ يارىدۇر. ‹ئىيى› پارتىيەسىدىن باشقا ھېچكىم ئىنكاس قايتۇرمايۋاتىدۇ. جازا لاگېرلىرىغا مىليونلىغان كىشى سولاپ قويۇلغان بۈگۈنكى كۈندە، رەجەپ تاييپ ئەردوغاندىن ئىنكاس يوق. ئاتا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستان خىتايلاشتۇرۇلۇۋاتسا ئۆزىنى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى ئېلان قىلغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىمۇ ئۈنىنى چىقارمايۋاتىدۇ. ئەردۇغاننىڭ ئاۋازى بولۇپ قالغان ئاخبارات ئورگانلىرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ زۇۋانىدەك ‹شىنجاڭ› دېيىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. سومالى ۋە سۈرىيە ئۈچۈن كۆز يېشى تۆكۈۋاتقان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا جىمجىت تۇرۇۋېلىۋاتىدۇ».
ئۇ، دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن «خىتاينىڭ پۇلىنى دەپ گەپ قىلماي تۇرۇۋاتامسەن؟» دەپ تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەي ئەردوغان، خىتايدىن كېلىدىغان قەرز پۇل ئۈچۈن جىم تۇرۇۋېلىۋاتامسەن؟ خىتاي بىلەن نېمە كېلىشىملەرنى تۈزدۈڭ؟ خىتايغا نېمە ۋەدىلەرنى بەردىڭ؟ خىتاينىڭ يىپەك-تاۋارلىرىغا ئالداندىڭمۇ؟ شەرقىي تۈركىستان قەدىمكى تۈرك يۇرتىدۇر. شەرقىي تۈركىستان سۇلتان ساتۇق بۇغراخاندۇر، مەخمۇت قەشقىرىدۇر. ئوسمان باتۇردۇر. بارات ھاجىدۇر، شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ تارىخىمىزدۇر، شان-شەرىپىمىزدۇر». «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم پارتىيەسىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى پارلامېنتتىكى پارتىيە يىغىنىدا بۇ سۆزلەرنى سۆزلىگەندىن كېيىن، 17-ئۆكتەبىر كۈنى 650 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان ئومۇمىي يىغىندا سۆزلىگەن ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى دەرھال ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈنكى ئومۇمىي يىغىندا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋىجدانىغا ئىككى مەسىلىنى يەتكۈزمەكچىمەن. شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ھەر كۈن ئېچىنىشلىق خەۋەرلەرنى ئاڭلاۋاتىمىز. دۆلىتىمىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە جىددىي سىياسەت بەلگىلىشى كېرەك. قوشنا دۆلەتلەردىن 4 مىليون مۇساپىر دۆلىتىمىزگە كەلگەن بۇنداق قىيىن بىر ۋەزىيەتتە. خىتايدىن كېلىدىغان پۇلنى دەپ جىم تۇرۇۋالماسلىقىمىز كېرەك. بىزنىڭ تىجارىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىمىزنى دەپ ئۇ يەردە بولۇۋاتقانلارغا قاراپ تۇرالمايمىز. ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچىدىكى ئېغىر ۋەزىيەتنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشىلايمىز دەپ كۆرمەسلىككە سالالمايمىز».
ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ «ياخشى» پارتىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە دۆلىتىنى، ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «بىز ‹ياخشى› پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۆلىتىمىزنى، ھۆكۈمىتىمىزنى ۋە پارلامېنتىمىزنى بۇ مەسىلىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىمىز».
تۈركىيەدە پارلامېنتىدا ھازىر 4 پارتىيە بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 سىياسىي پارتىيە ئۆكتىچى پارتىيەدۇر. بۇلاردىن بىرى پارلامېنتتا 46 ئورۇندۇققا ئىگە «ئىيى»، يەنى « ياخشى» پارتىيەسىدۇر. مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم 2 قېتىم، پارتىيەنىڭ باياناتچىسى بىر قېتىم، پارلامېنتتىكى ۋەكىلى ئىككى قېتىم «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىدە تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ھۆكۈمەتنى خىتايغا ئىنكاس قايتۇرمىدى دەپ قاتتىق ئەيىبلىدى. رادىيو-تېلېۋىزىيەلەردىمۇ «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى توغرىسىدا خەۋەرلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇنداق داۋاملاشسا دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئەھتىمالى بارمۇ؟ تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى«ياخشى» پارتىيەسىنىڭ بۇ خىل باياناتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بەخش قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇنغا قالماي لاگېر مەسىلىسىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قاھرامان ماراش شەھىرىدىكى سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى تۈركىيە خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ بۇ خىل تەنقىدلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنى ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ پارتىيەنىڭ ئارقا-ئارقىدىن بەرگەن لاگېرلار توغرىسىدىكى باياناتلىرىغا تۈركىيەدىكى تېلېۋىزىيە، گېزىت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ-كۆلەمدە ئورۇن بېرىلدى.