چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارىتى قازاق ئاخباراتىدا ئېلان قىلىندى
2019.01.11
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە تاشقى دۇنيانى ئالداش تاكتىكىسى داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا رويتېرس ئاگېنتلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىچىك كۆلەملىك بىر مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنى ئۇيغۇر دىيارىدا «ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان» زىيارەتكە تەشكىللىگەن. مەزكۇر زىيارەتنىڭ ئاساسلىق ئوبېكتى ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە خوتەندىكى ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ۋە مەسچىتلەر بولغان.
10-يانۋار كۈنى قازاقىستاننىڭ خەلقئارا خەۋەرلەر ئورگىنى بولغان «قازاق خەۋەرلىرى» تورىدا مەزكۇر تور مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا كۆرگەنلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بىر چوڭ ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ ئىچكى مۇھىتى ۋە شۇ جايدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ سۆزلىگەن سۆزلىرى ئىنچىكىلىك بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن.
ماقالە مۇخبىرلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا دائىر ئاساسلىق ۋەقەلەر» تېمىسىدىكى مەلۇم كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىشىدىن باشلانغان. مەزكۈر كۆرگەزمىدە خىتاي دائىرىلىرى مۇخبىرلارغا 1990-يىلدىن بۇيان رايوندا يۈز بەرگەن زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارغا ئائىت سۈرەت ۋە سىن كۆرۈنۈشلەرنى يىل تەرتىپى بويىچە بىرمۇ-بىر كۆرسەتكەن.
ئارقىدىنلا مۇخبىرلار ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىدا زىيارەتتە بولغان. ماقالىدە دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ باشلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى مەسچىتنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 1000 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغانلىقى، بىر قېتىمدا 1200 ئادەمنىڭ ناماز ئوقۇيالايدىغانلىقى شۇنداقلا بۇ ئىنستىتۇتتا نۆۋەتتە 688 ئوقۇغۇچىنىڭ دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە مۇخبىرلار خىتاي ئاتاۋاتقان «كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى» نى نېمە ئۈچۈن غەربتىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ «سىياسىي مېڭە يۇيۇش مەركىزى» دەۋاتقانلىقى ھەققىدە سوئال سورالغان. بۇ مەسىلىگە ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «بۇ خىلدىكى مەكتەپلەر ئەمەلىيەتتە دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتكەن كىشىلەرگە خەنزۇ تىلى ۋە قانۇن ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى تۈزەشنى مەقسەت قىلغان بىر مەركەزلەردۇر.»
ماقالىدە يەنە نۇقتىلىق قىلىپ مۇخبىرلارنىڭ «تەربىيىلەنگۈچىلەر» بىلەن ئېلىپ بارغان كۆرۈشۈشلىرىدە خىتاي كادىرلارنىڭ يېنىدا ھەمراھ بولغانلىقى، ئۇلار بىلەن ئايرىم سۆزلىشىش ئىمكانىيىتىنىڭ پەقەتلا بولمىغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن.
ماقالە ئاپتورىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار يەنە قەشقەردىكى تېخى ھېچقانداق بىر چەتئەل مۇخبىرلىرى زىيارەت قىلىپ باقمىغان مەلۇم «تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش مەركىزى» دە زىيارەتتە بولغان.
زىيارەت جەريانىدا مەزكۇر ئورۇننىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى چۈشەندۈرۈپ، بۇ مەكتەپتە 2000 دەك ئوقۇغۇچى «تەربىيەلىنىدىغانلىقى»، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى 20-40 ياش ئارىسىدىكى يەرلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەكتەپ 2017-يىلنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلغان بولۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ تەربىيىلەش مەركىزى ھېسابلىنىدىكەن شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر 1000 دەك ئوقۇغۇچى تەربىيىلەشنى تاماملىغان ئىكەن.
مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا بىرقانچە «تەربىيىلەنگۈچى» دىن نېمە سەۋەبتىن بۇ يەردە ئوقۇشنى ئويلاپ قالغانلىقىنى سورىغىنىدا، ئۇلار جاۋابەن «مەن دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، جۇڭگونىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدىم. بۇ مەكتەپتە ئوقۇش ئارقىلىق دۆلەت تىلىنى ۋە جۇڭگونىڭ قانۇنىنى ياخشى ئۆگەندىم ھەم ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومىنىمۇ ئالدىم. بۇ يەردە بىزگە پۈتۈنلەي ھالال تاماق بېرىدۇ. ھەر ھەپتىدە ئۆيگە قايتىپ ئاتا-ئانىمىز بىلەن كۆرۈشەلەيمىز،» دېگەن.
ماقالە ئاپتورىنىڭ روشەن يورۇتقان بىر نۇقتىسى بولسا ھەر بىر «تەربىيىلەنگۈچى» نىڭ مۇخبىرنىڭ يۇقىرىقى سوئالىغا بەرگەن جاۋابى ئاساسەن ئوخشاش بولغان.
ماقالىدە يەنە مۇخبىرلارنىڭ قەشقەردىكى مەلۇم «قوشماق تۇغقان» ئائىلىسىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. زىيارەت داۋامىدا بۇ ئائىلىگە «تۇغقان» بولۇپ كىرگەن خىتاي كادىر ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ بۇ ئائىلىنى قەرەللىك يوقلاپ تۇرىدىغانلىقى، ئائىلە ئەزالىرىغا خىتاي تىلى ۋە قانۇنىنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەڭ قىزىق يېرى شۇكى، مەزكۇر ئائىلىنىڭ ئەزاسى بۇ «نازارەت قىلغۇچى» غا ھېچقانداق باھا بەرمەي جىمجىتقىنە ئولتۇرغان.
مۇخبىرلار ئاخىرىدا خوتەن شەھىرىدىكى مەلۇم «تەربىيىلەش مەركىزى» دىمۇ زىيارەتتە بولغان. «تەربىيىلەنگۈچى» لەر قەشقەردىكى «تەربىيىلەش مەكتىپى» دىكىلەرگە ئوخشاشلا بىردەك ھەر ھەپتە ئۆيىگە قايتىپ ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى، بۇ يەردە زور مول-ھوسۇلغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان شۇنداقلا بۇ مەكتەپكە ئۆزى خالاپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ قويغان.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رايوندىكى ئاتالمىش «تېررورىزمغا ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى» ھەرىكەتلىرىگە بەرگەن ئىزاھاتلىرى بايان قىلىنغان. ئۇ سۆزىدە، «رايوندىكى تېررورىزم ۋە ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش ئۈچۈن بىز ‹مائارىپ تېخنىكا تەربىيىلەش مەركىزى› نى تەسىس قىلدۇق. بۇ يەرلەردە ئاساسلىقى دۆلەت تىلى ۋە قانۇن ئۆگىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ،» دېگەن.
ھالبۇكى، شۆھرەت زاكىر «قازاق خەۋەرلىرى» تورىنىڭ مۇخبىرى سورىغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇشۇنداق «تەربىيىلەش مەكتىپى» ۋە تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ تولۇق سانى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرەلمىگەن. ئۇ مۈجمەل قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى «تەربىيىلەنگۈچى» لەر شىمالدىكىلەردىن كۆپلۈكىنى ئېيتقان.
بىز بۇ ھەقتە ئۇيغۇر دىيارىغا مۇخبىر ئەۋەتكەن دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ھىندونېزىيە، مالايشىيا، پاكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. مالايشىيا بىلەن ھىندونېزىيە ئەلچىخانىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىپ، بىزگە ئالاقىلىشىشىمىز ئۈچۈن بىر ئېلخەت ئادرېسىنى ئېيتىپ بەردى. ئەمما پاكىستان ئەلچىخانىسىغا قىلغان تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.
بىز يەنە سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق قازاقىستان ئەلچىخانىسىدىكى مەلۇم دېپلومات بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. ئۇ قازاقىستان مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدا زىيارەتتە بولغانلىقىغا ئائىت بىر ئىشتىن ۋە يۇقىرىقى ماقالىدىن ئۆزىنىڭ ھېچ خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى ھەم بىزگە ئەھۋالدىن خەۋەردار بولماقچى بولساق ئىنتېرنېتتىن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرنى تېپىپ ئوقۇشىمىزنى ئەسكەرتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا كانادا، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق 15 دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگوغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بىراق بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار ئىچىدە يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرمۇ ۋەكىلى يوق ئىكەن.