خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئەنگلىيە زىيارىتىنى نامايىشلارنىڭ ساداسىدا باشلىدى

0:00 / 0:00

بۈگۈن خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئەنگلىيەگە قىلغان تۇنجى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ زىيارەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن زور ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت تەشكىلاتلىرى، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى نامايىش قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى ۋە شۇنداقلا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشى بويىچە ئىش قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا دەۋەت قىلدى.

17-ئىيۇن خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئەنگلىيەدىكى تۇنجى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇنى ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېرون كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى ھەمراھلىرى شۇنداقلا يەنە ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىتنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى.

خىتاي رەھبەر لى كېچياڭنىڭ زىيارىتى سابىق خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 2005-يىلى ئەنگلىيەگە قىلغان زىيارىتىدىن كېيىنكى ۋە شۇنداقلا 2012-يىلى ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېرون تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئاچچىقىنى قاتتىق كەلتۈرگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر خىتاي دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئەنگلىيەنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ زىيارەت ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مۇزلار ئېرىپ، يېڭى بىر دەۋر باشلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارالماقتا. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشقا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ زور سودا-تىجارەت ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە كەلگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىمزالىنىدىغان سودا كېلىشىملىرىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 18 مىليارد دوللارغا بارىدىكەن. بۇ قېتىم خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەنگلىيە بىلەن يادرو ئېنېرگىيىسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋە شىمالىي دېڭىزدا نېفىت قىدىرىش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىشنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ۋە كېلىشىم تۈزىدىغان بولۇپ، بۇ ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

بۇ نۆۋەتلىك زىيارەت ئەنگىلىيە-خىتاي ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان مۇھىم بىر زىيارەت بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى يەنىلا بۇ ئۇچرىشىشلاردا تىلغا ئېلىنىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلمەكتە. ئەنگلىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى نىك كلېگ خىتاي مىنىستىرنىڭ زىيارىتىنىڭ 3 كۈنلۈك زىيارىتى باشلانغان بىرىنچى كۈنى ئەتىگەندە مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى «كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق» كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ جاۋابكارى، دېدى. ئۇ شۇنداقلا خىتايدىكى پۇقرالار دېموكراتىك ئوچۇق جەمئىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغان بىر پارتىيىلىك كوممۇنىست تۈزۈمگە كىشەنلەنگەن، دېدى. ئۇ سۆزىدە ئەنگلىيەنىڭ ئەلۋەتتە خىتايدا ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئارقىلىق خىتايدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن، خىتاي باش مىنىستىر لى كېچياڭ ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېرون بىلەن بىلەن كۆرۈشۈۋاتقاندا، ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى نامايىش قىلدى. ئۇلار نامايىش جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېروننىمۇ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسىي قىممەت قاراشلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى. نامايىشقا ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، جامائەتچىلىكنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشىنى تەكىتلىدى. ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق رەھىمە خانىم نامايىشنىڭ ئەھۋالىدىن بىزگە مەلۇمات بەردى. رەھىمە خانىم سۆزىدە، ئۆزىنىڭ نامايىش مەيدانىغا كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھازىرقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىنى، خىتاينىڭ ھېچقانداق خەلقئارا تۈزۈمگە ماس كەلمەيدىغان سوتلارنى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شۇنداقلا ئەنگلىيە مۇخبىرلىرىغا ھازىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئاكادېمىك ئىلھام توختىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

خىتايغا قارشى نامايىش قىلىۋاتقانلار ئارىسىدا نۇرغۇن ۋىيېتناملىقلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار «خىتاي ۋىيېتنامدىن قولۇڭنى تارت» دېگەندەك شوئار تاختىلىرىنى كۆتۈرۈشكەن. فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتىللىق قىلىش، ئىنسان ئورگانلىرى تىجارىتى قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن شوئارلارنى كۆتۈرۈۋالغان. مەزكۇر نامايىش مەيدانىغا يەنە، قوللىرىدا خىتاينىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان بىر تۈركۈم خىتايلارمۇ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار قارشى تەرەپتىكى نامايىشچىلار توۋلاۋاتقاندا، ھەدەپ داقا-دۇمباق، چاڭ چېلىپ، نامايىشچىلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىشقا ئۇرۇنغان. رەھىمە خانىم بۇ كىشىلەرنىڭ ھەر قېتىملىق نامايىشتا بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مىنىستىرنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ساھەلەردە ھەمكارلىشىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ سوممىسىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرىلىقى داۋىد كامېرون زادى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزەمدۇ؟ دېگەن سوئالنى پەيدا قىلدى. ئەلۋەتتە كۆزەتكۈچىلەرمۇ لى كېچياڭنىڭ 3 كۈنلۈك زىيارىتىدە بۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشىدىغان-چۈشمەيدىغانلىقىغا، خىتاينىڭ ئىنكاسىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىغا قىزىقماقتا. ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەزىز ئەيسا ئەپەندى بولسا ئەنگلىيەنىڭ دېموكراتىك بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانلىرىدا يەنىلا كىشىلىك ھوقۇققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆز قىممەت قارىشىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.