خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر داۋاملاشماقتا. ئەنگلىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېروننىڭ خىتاي رەھبەرنى ئالاھىدە مۇراسىملار بىلەن قارشى ئېلىشىغا قارىتا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلاردا بولدى. بەزى مەتبۇئاتلار بولسا داۋىد كامېروننىڭ كۈن تەرتىپىدە ئەگەر ھېلىھەم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ لى كېچياڭدىن ئالدى بىلەن ئىلھام توختىنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ زور بىر سودا ھەيئىتى بىلەن ئەنگلىيەدە 3 كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇپ، ئەنگلىيە بىلەن يادرو ئېنېرگىيىسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋە شىمالىي دېڭىزدا نېفىت قىدىرىش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ قېتىملىق سودا سوممىسىنىڭ 18 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ساھەلەرگە بېرىپ تاقىشىدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئەنگلىيە كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىنى تىجارەتكە قۇربان قىلىۋېتەمدۇ دېگەن سوئالنى پەيدا قىلدى.
ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېرون 2011-يىلى تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى قاتتىق يىرىكلىشىپ كەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا ئەنگلىيە بىلەن بولغان بىر قىسىم سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنى ئارقا پىلانغا ئىتتىرىپ قويغان ئىدى. بۇ نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشلار بولسا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى «يېڭى بىر باشلانغۇچ» دەپ ئاتالماقتا. ئەمما بۇ قانداق بىر يېڭى باشلانغۇچ ئىدى؟ بۈگۈن ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «تېلېگراف» گېزىتى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. گېزىتتە ئېيتىلىشىچە، بۈگۈن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، «ئەنگلىيەنىڭ ھازىر خىتاي بىلەن بەسلەشكۈدەك كۈچى يوق، ئەنگلىيەگە ئوخشاش ئاجىزلىشىپ، يارىماس بولۇپ قالغان ئىمپېراتورلۇقنىڭ ئاسىيادىكى زورىيىۋاتقان بۇ قۇدرەتنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋاقتى كەلدى» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان.
تېلېگراف گېزىتى مۇلاھىزىسىدە، يەر شارى ۋاقتى گېزىتى ئەنگلىيە ئۈچۈن ئىشلەتكەن يۇقىرىدىكى ئەرزىمەس، ئاجىز دېگەن سۆزلەرنى داۋىد كامېرون ئەتىگەنلىك چاي ئىچىۋاتقاندا كۆرسە بەلكىم يەۋاتقان تامىقى گېلىغا تۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن، دېگەن. مۇلاھىزىدە يەنە، يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ سۆزىنى گەرچە ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانى دەپ كېسىپ ئېيتىۋەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا بۇنى ئۇنىڭ بىر شەپىسى دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي رەھبىرى لى كېچياڭنىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتىدە خانىش ئېلزابىت بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئەگەر بۇ تەلىپى رەت قىلىنسا، پۈتكۈل زىيارەتنىمۇ بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادە قىلغانلىقىنى ۋە ئاخىرى خانىش ئېلزابىتنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «خىتاي بىزگە ئوچۇق قىلىپ، ھەي ئاجىزلىشىۋاتقان بېرىتانىيە، سەن بىزگە بىزدىن بەكرەك موھتاج دەۋاتىدۇ» دەپ مۇلاھىزە قىلغان.
ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم خانىش ئېلزابېتنىڭ لى كېچياڭنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى مەتبۇئاتلاردا ئەڭ كۆپ مۇلاھىزە قىلىنغان بىر تېما بولغان. نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ئۇلۇغ بېرىتانىيە خانىشىنىڭ بىر باش مىنىستىرنى قوبۇل قىلىشى، بولۇپمۇ خىتايغا ئوخشاش ئىنسان ھەقلىرى ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرىنى قوبۇل قىلىشىنىڭ خاتا بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئەنگلىيەنىڭ «سكاي» خەۋەر ئاگېنتلىقىمۇ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئەنگلىيە خانىشىنىڭ لى كېچياڭ بىلەن كۆرۈشۈشىنى غەيرىي، دەپ باھالىغان. ئۇ ئەنگلىيەنىڭ ھازىر خىتاي بىلەن نۇرغۇن ئىقتىسادىي كېلىشىملەرگە ئىمزا قويغانلىقىنى، خىتايغا ئوخشاش ئىقتىسادىي زور كۈچكە ئايلانغان بىر دۆلەتتە بولسا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بولسا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تولۇق بىلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، خىتايدا پۇقرالارنىڭ يىللاردىن بېرى بىر پارتىيە تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىپ كەلگەنلىكىنى، خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىنى سايلاش ئەمەس، ئۇلارنى ھەتتا تەنقىدلەش ھوقۇقىمۇ يوقلۇقىنى، تەنقىدلىگەنلەرنىڭ بولسا «ئىنتېرنېتتا ئۆسەك سۆز تارقاتتى» ياكى باشقا خىل جىنايەتلەر بىلەن قاماققا ئېلىنىدىغانلىقىنى، كۆپىنچە چەتئەللىكلەرنىڭ خىتايدەك چوڭ بىر دۆلەتتە يۇتۇپ، تىۋىتتىر، فېيىسبۇك قاتارلىق داڭلىق تور بەتلەرنىڭ تاقاقلىقىنى، س ن ن، ب ب س غا ئوخشاش خەلقئارالىق قاناللارنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بايان قىلغان.
سكاي خەۋەر ئاگېنتلىقى يەنە، خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ دۆلەتلىكىنى تىلغا ئالغان ۋە «مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئىچىدىلا خىتاي ھۆكۈمىتى 13 نەپەر ئۇيغۇر مۇسۇلماننى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى» دەپ مىسال قىلغان. ئۇ بۇ ئۇيغۇرلارغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان سوتنىڭ ھېچقانداق سوت تەرتىپىگە چۈشمەيدىغان، پەقەتلا ئۇلار ئۈستىدىن ئاللىقاچان چىقىرىلىپ بولغان ھۆكۈمنى ئوقۇپ بېرىدىغانلا سوت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. مەزكۇر گېزىت، خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت، ئاخبارات ئەركىنلىكى چەكلىمىسى قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ تىزىملىكىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەنگلىيە باش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە بارلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تىجارەتنى دەپ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆرمەسكە سالىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ب ب س ئاگېنتلىقى بولسا ئەنگلىيە، خىتاي ئارىسىدىكى تىجارەت سوممىلىرىنىڭ بۇ نۆۋەت ئالاھىدە يۇقىرىلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئەگەر داۋىد كامىروننىڭ لى كېچياڭ بىلەن بىلەن ئۇچرىشىشىغا ئائىت كۈن تەرتىپتە ھېلىھەم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ لى كېچياڭدىن ئالدى بىلەن ئىلھام توختىنى سورىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار، ئاكادېمىك ئىلھام توختى قولغا ئېلىنىپ 5 ئايدىن بېرى ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭنىڭ ئىلھام توختى مەخپىي سوتلىنىپ، ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەنلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، داۋىد كامېروننىڭ لى كېچياڭدىن ئىلھام توختىنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ب ب س مۇلاھىزىسىدە، ئىلھام توختىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېئالوگنى تەشەببۇس قىلغان بۇ ئاكادېمىكنى قولغا ئالغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇققا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى نامى ئاستىدا قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئىچىدىلا 13 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە ئەنگلىيە بىلەن خىتاينىڭ 18 مىليارد دوللارلىق تىجارەت ئۈستىلىدە چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭمۇ تىلغا ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.