خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن ب ب س نىڭ تور خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ پاكىستاندىكى زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت سەككىز تۈردە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، بىرلىكتە ئورتاق بايانات ئېلان قىلغان. كېلىشىمنىڭ بىرىنچى تۈرىدىلا ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورچىلىققا، بۆلگۈنچىلىككە بىرلىكتە قارشى تۇرىدىغانلىقى، پاكىستان بىلەن خىتاي شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى ئىككى دۆلەتكە ئورتاق تەھدىت دەپ تونۇيدىغانلىقى ئالاھىدە بىلدۈرۈلگەن.
ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ يەنە قايتا تىلغا ئېلىنىشى ھەققىدە توختالغان، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇۋاتقان تەتقىقاتچىلاردىن مائېدا خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-خىتاي دۆلىتى ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە نيۇيوركتا ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان، تېررورنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى تا ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىسپاتلىقىدەك، خەلقئارا جەمئىيەتنى قايىل قىلالىغۇدەك بىرەر ئىسپات-دەلىلىنى كۆرسىتەلمىدى. بۇ قېتىمقى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كېلىشىملەردە يەنە بۇ تەشكىلاتنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ھۆكۈمەت خادىملىرى، ساقچىلار ئارىسىدىكى مىللىي توقۇنۇشلارنى كەڭ كۆلەملىك ھالدا تېررورغا باغلاپ تۇرۇپ، باستۇرۇۋاتقانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىستراتېگىيىلىك ئويۇنى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.
5-ئاينىڭ 24-كۈنى خىتاينىڭ خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە پاكىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاينىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىسلامئابادتا پاكىستان بىلەن سەككىز تۈردە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. «خىتاي ۋە پاكىستان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى ئورتاق تەھدىت دەپ تونۇيدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋەردە، خىتاي بىلەن پاكىستان 2005-يىلى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق شەرتنامىسى» نىڭ روھى بويىچە ئىككى دۆلەت سەككىز تۈردە كېلىشىم ھازىرلاپ، بايانات ئېلان قىلدى دېيىلگەن. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تۈزۈلگەن شەرتنامىلەرنىڭ بىرىنچىسىدا تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا قارشى تۇرۇش تەكىتلىنىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلىنغان «ھەر ئىككى دۆلەت ئۆز-ئارا بىر-بىرىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىلىرىنى ھۆرمەتلەش، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى پاكىستان خەلقىنىڭ سىياسىي يولىنى ھۆرمەت قىلىش، پاكىستان خەلقى خىتاي دۆلىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ھۆرمەت قىلىپ، تەيۋەن، تىبەت مۇستەقىلچىلىرىنى قوللىماسلىق، ئۇلارغا قارشى تۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق تەھدىت دەپ تونۇش، خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكنى قوغداش، ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا ئۈزۈل-كېسىل ئورتاق تاقابىل تۇرۇش. پاكىستان كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى قۇرۇش، بەش يىل ئىچىدە، پاكىستانغا خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسىدىن مىڭ نەپىرىنى تەربىيىلەپ بېرىش. ئۇندىن باشقا تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش، بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر، مەشىقلەرنى ئۆتكۈزۈش، ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ ئۆتتى.
پاكىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە 18-ماي ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، لى كېچياڭنىڭ ھىندىستان، پاكىستان زىيارىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، 2014-يىلى ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، بۇ رايوندا يۈز بېرىدىغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي دۆلىتى ھىندىستان، پاكىستان دۆلەتلىرىگە ئوخشاش بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، تېررورلۇققا قارشى ئىستىھكام قۇرۇش نىيىتىدە، باش مىنىستىر لى كېچياڭ ئىككى دۆلەتتە ئالاھىدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خەۋەردە، خىتاينىڭ ئافغانىستانغا كان ئېچىش ئۈچۈن سالغان ئۈچ مىليارد دوللارلىق مەبلىغىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، چۈنكى ئافغانىستاندىن 66 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى چېكىنسە، بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى ھېچكىمنىڭ ھازىرچە مۆلچەرلىيەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىنغان. خەۋەردە يەنە، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى «مۇسۇلمان خەلقلەر يەنى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭنىڭ نازۇك ۋەزىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بىلەن ئافغانىستاننى بازا قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكىتىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.