20 - مارت كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق ئىلىم يۇرتلىرىدىن بىرى لوندون ئۈنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئوتتۇرا ئاسيا باھار بايرىمى فېستىۋالى»غا كۆپ ساندا ئۇيغۇر قاتناشتى. مەركىزى لوندوندا تۇرۇشلۇق تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق پىلاتفورمى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتكە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان تۈركلەر - ئەزەربەيجانلىقلار، تۈركمەنىستانلىقلار، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستانلىقلار ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ مىڭ ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى ۋە ئۇلار ناخشا - ئۇسسۇللىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسەتتى. شۇنداقلا ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەر بۆلۈم ئېچىپ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتلىرىنى تونۇتتى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى لوندوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسسۇللىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسەتتى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان ئېزىز ئەيسا ئەپەندىدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلىدۇق.
ئۇ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ لوندون ئۈنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، پائالىيەتكە ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ لوندوندا ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەر ۋە ئەنگىلىيەلىكلەردىن بولۇپ 1000 ئەتراپىدا كىشى قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ بولسا ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىلىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، كەيپىياتنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئاتىللا ئاباجى ئەپەندى «نورۇز فېستىۋالى قانداق ئۆتتى؟ كۈتكەن مەقسىتىڭلارغا يەتتىڭلارمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۈگۈن لوندوندا تۇنجى قېتىم ئەنگىلىيە تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق پىلاتفورمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نورۇز بايرىمىنى قۇتلىدۇق. بايرام راستىنلا بايرامدەك ئۆتتى. قاتناشقان كىشىلەرنى بەكلا ھاياجانلاندۇردى. پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر ناخشا - مۇزىكىلىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسەتتى. يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك مەدەنىيەتلىرىنى تونۇتتى. تۈركىي خەلقلەرنىڭ مىللىي بايرىمى بولغان نورۇز بايرىمىنى لوندوندا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن بولساقمۇ ناھايىتى ياخشى ئۆتكۈزدۇق، دۇنياغا بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىمىز ھەققىدە سىگنال بەردۇق.»
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ناخشىچىسى رەھىمە رەخمان خانىم بۇ يىل لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىنىڭ بۇ نورۇز مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنگىلىيەدە ئوقۇغان پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ لوندونغا جەم بولۇپ نورۇز بايرىمىنى قۇتلاش بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئېزىز ئەيسا ئەپەندى ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللىي بايرىمى بولغان نورۇز بايرىمىنىڭ دۇنياغا داڭلىق بىلىم يۇرتى لوندون ئۈنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلۈشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى ۋە پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
ئەنگىلىيە لوندون ئۈنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئوتتۇرا ئاسيا باھار بايرىمى فېستىۋالى» ناملىق پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان لوندون تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق پىلاتفورمى رەئىسى ئاتىللا ئاباجى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.