ما يىڭجيۇ ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟

0:00 / 0:00


خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇ شەنبە كۈنى سىنگاپوردا ئۇچرىشىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ تارىخى ئۇچرىشىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلام ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ ئۇچرىشىشنى بەزى كۆزەتكۈچىلەر بىر سايلام ئويۇنى، دەپ قارىسىمۇ، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇنى شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىىدىكى تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تەيۋەن پرىزىدىنتى ما يىڭجيۇنىڭ سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشى 1949 - يىلىدىن بۇيان ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم رەسمىي ھالدا بىر ئارىغا كېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ھېچقانداق بىر كېلىشىم ئىمزالانمايدىكەن، ياكى ئورتاق بىر بايانات ئېلان قىلىنمايدىكەن. تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇ پەيشەنبە كۈنى ئاخباراتقا بەرگەن باياناتىدا ئۇچرىشىشقا باھا بېرىپ: «بۇ ئۇچرىشىشىمىز تەيۋەن، چوڭ قۇرۇقلۇق، شۇنداقلا دۇنيا ئۈچۈن ئىجابىي رولغا ئىگە» دېگەن ئىدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىككى يىل ئالدىدا باشلانغان، ئەمما ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى ئېتىراپ قىلماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قېيىنچىلىقلار يۈزىدىن يىغىننى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇزۇن ۋاقىت ئالغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇچرىشىشتا بىر تەرەپنىڭ بىر تەرەپتىن ئۈستۈنلۈكىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرقانداق بىر ئىشارەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن يىغىن جەريانىدا «پرېزىدېنت ياكى رەئىس» دېگەندەك سۆزلەر ئىشلىتىلمەيدىكەن، ئىككى رەھبەر بىر - بىرىگە پەقەت «شى ئەپەندىم» ياكى «ما ئەپەندىم» دەپ خىتاب قىلىدىكەن. يىغىن ئۈستىلىگە دۆلەت بايراقلىرىمۇ قويۇلمايدىكەن.

بۇ يىغىن نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن نەتىجىدىن بەك، سىمۋول خاراكتېرلىققا ئىگە، دەپ قارىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەنگە تۇتقان تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىدىنمۇ دېرەك بېرىدىكەن.

«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» دە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋىرىدە «شى جىنپىڭ ئاخىرى پۇل ئارقىلىق مۇھەببەتنى سېتىۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى» دېگەن.

خەۋەردە خىتاينىڭ تەيۋەنگە تۇتقان سىياسىتى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە شۇنىڭدەك باشقا سەزگۈر رايونلىرىدىكى سىياسەتلىرىگە ئوخشىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «نۇرغۇن جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ تەيۋەنگە تۇتقان مۇئامىلىسى ئۇنىڭ تىنچسىز يەرلىرى بولغان خوڭكوڭ، تىبەت ۋە شىنجاڭغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. يەنى، خىتاي بۇ جايلاردا ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن غەزىنىنىڭ ئاغزىنى ئېچىشقا ھەر ۋاقىت تەييار - يۇ، ئەمما سىياسىي مەسىلىلەرگە كەلگەندە ئۇزلىشىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ.»

«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان پەقەت مەبلەغ سېلىش ئارقىلىقلا تەيۋەنلىكلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن.

چۈنكى، خىتاي يېقىنقى 8 يىلدىن بۇيان تەيۋەن بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىپ، تەيۋەنگە زور مەبلەغ سالغان. ئەمما بۇنىڭغا قارىماي، ئۆتكەن يىلى تەيۋەندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەيۋەن پارلامېنتىنى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتى قوزغاپ، ما يىڭجيۇ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن يەنىمۇ چوڭ ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى ئىمزالىشىغا قارشى چىققان. شۇڭا شى جىنپىڭ پۇل بىلەنلا تەيۋەنلىكلەرنىڭ مۇھەببىتىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئاخىرى تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇ بىلەن ئۇچرىشىشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شى جىنپىڭنىڭ ئىككى قىرغاقنى بىرلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئالدىراپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 1971 - يىلىدىن كېيىن تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئوخشاش نۇرغۇن خەلقئارا ئورگانلارغا ئەزا بولۇشىغا قارشى چىقىپ كەلگەن ۋە تەيۋەننىڭ رەئىسلىرى بىلەن خەلقئارا سەھنىلەردە كۆرۈشمەسلىك دەيدىغان تۈزۈملەرنى بېكىتكەن ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم شى جىنپىڭ تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇنى قوبۇل قىلدى. دېمەك، بۇ ھازىرغىچە خىتاينىڭ تەيۋەنگە يۈرگۈزگەن سىياسىتىگە قەتئىي ماس كەلمىگەن بىر ھەرىكەت بولدى. دېمەك، بۇ يەردە بىر مەقسەت بار. ئۇ بولسىمۇ تەيۋەننىڭ خىتايغا قوشۇلۇشىنى تېزلەشتۈرۈش. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر شۇنىڭغا ئالدىراۋاتىدۇ.»

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ھازىر تىنچ ئوكيان رايونىدا بىرمۇ دوستى يوق بولغاچقا، ئۇ بۇندىن كېيىن مەيلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىقتىساد بىرلىكى ۋە ياكى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بولسۇن، تەيۋەننى يېنىغا تارتىپ يۇقىرىدىكى مەسىلىلەردە زىچ ھەمكارلىشىشنى نىيەت قىلماقتىكەن ۋە ئاخىرى بېرىپ تەيۋەن بىلەن بىرلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچىكەن.

«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەنلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى تەيۋەندىكى سايلام ئالدىدا تەيۋەنلىكلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئارقىلىق ما يىڭجيۇنىڭ باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ پارتىيىسىگە بولغان قوللاش ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارايدىكەن. نۇرغۇن تەيۋەنلىك كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئۇچرىشىشنىڭ گومىنداڭغا بولغان قوللاشنى كۆتۈرۈش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى تېخىمۇ چۈشۈرۈۋېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

«تەيبېي سىنىكا سىياسەت تەتقىقات ئورگىنى» تەتقىقاتچىسى ناتاخان باتتو نيۇيورك ۋاقتىغا قىلغان سۆزىدە «ما يىڭجيۇ سايلام ئالدىدا ئۆزىنى خەتەرگە ئاتتى. چۈنكى ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇشتا بەك چوڭ قەدەملەرنى تاشلىۋەتتى» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەنلىكلەر خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالىسىمۇ، ئەمما چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ سىياسىي تەسىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى خالىمايدىكەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ما يىڭجيۇ گەرچە بۇنىڭغا ئالدىرىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئارزۇسى ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارزۇسى بىلەنلا بولىدىغان بىر ئىش ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ پەقەت ما يىڭجيۇ ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارار قىلىشى بىلەنلا بولىدىغان ئىش ئەمەس. تەيۋەننىڭ تەقدىرى ئۆزىنىڭلا قولىدا ئەمەس. بۇ يەردە ئامېرىكا بار، ياپونىيە بار. سىنگاپور، ۋېيتنام بار. تەيۋەنلىكلەر ئۆزىمۇ بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئۇلار ئۇرۇشمايمىز، مۇستەقىل بولمايمىز، ئەمما بىرلىشىشنىمۇ قوللىمايمىز، دەيدۇ. شۇڭا ما يىڭجيۇ ئالدىرىسىمۇ ئۇنى ئۆز ئالدىغا قىلالمايدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ما يىڭجيۇ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىدا پەقەت ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. ئەمما ئۇچرىشىشنىڭ ئاخباراتقا يېپىق ئۆتكۈزۈلىدىغان قىسمىمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭدا نېمىلەرنىڭ دېيىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بۇ ئەھۋال تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە «مىنجىڭداڭ» يەنى «دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى» نىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن. ئۇلار تەيۋەننىڭ دېموكراتىك ئىكەنلىكىنى، بارلىق مەزمۇنلارنىڭ خەلققە ئاشكارا بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەندە ھازىر بۇ ئۇچرىشىشنى قوللىغۇچىلارمۇ، ئۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلارمۇ بار بولۇپ، بۇنى ئىجابىي دەپ قارىغۇچىلار ئاساسەن تەيۋەننىڭ پۇل - مۇئامىلە ساھەسىدىكى زەردارلار ياكى تىجارەتچىلەر ئىكەن. ھەر ئىككىلا تەرەپ ئاخباراتلارغا بەرگەن باياناتلىرىدا ئۇچرىشىشنىڭ تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولغاچقا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئۇچرىشىشنى قوللىغان. ئەمما ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىككى قىرغاق ئارىسىدا تىنچلىق بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما قوشۇلۇپ كېتىش مەسىلىسىگە كەلگەندە پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.