يىغىندا ئاساسلىقى، قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش، بىرلىكتە خىزمەت قىلىش، پىكىر بىرلىكىنى ساقلاش، خىزمەت قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، تەشكىلات ۋە جامائەتنى مۇستەھكەملەش، مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا سۆز قىلىندى.
بۇ يىغىنغا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركەز ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى، زەيتىنبۇرنۇ، كۈچۈكچەكمەجە، ئاقساراي قاتارلىق ئورۇنلاردىكى شۆبە مەسئۇللىرى، شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى، ئىستىقلال رادىئو-تېلېۋىزىيە تەشۋىقات بۆلۈمى، سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى قاتارلىق شۆبە ۋە بۆلۈملەرنىڭ مەسئۇل ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئەزالىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىن ئىستانبۇلنىڭ قايابېشى رايوندىكى باغچىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسى مەقسىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ خىزمەت-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە خىزمەت قىلىشتا مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مۇنداق دېدى:
خىزمەت قىلىشنى ئۆزى ئۈچۈن شەرەپ دەپ ھېس قىلىدىغان پىداكار ئىنسانلاردىن بولۇش كېرەك، خىزمەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەتىجە ۋە تەسىرىنىڭ كېڭىيىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم بىر جامائەت بولۇش كېرەك، جامائەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مىجەز-خاراكتېرىدە قېرىنداشلىق ئېڭى يېتىلگەن بولۇش كېرەك.
كېيىن دەم ئېلىش ۋاقتى بېرىلگەن بولۇپ ياشلار پۇتبول توپ ئوينىدى، باغچىدا ئايلىنىپ ئۆز-ئارا سۆھبەتلىشىپ پىكىر-ئالماشتۇردى. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن يىغىن يەنە داۋام قىلدى. يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى بۆلۈمىدە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان قاتارلىق رەھبەرلەر سۆز قىلدى.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.