مەرھۇمنىڭ دەپنە مۇراسىمى 21 - فېۋرال كۈنى ئالماتادىكى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا ئۇيغۇر، قازاق خەلقلىرىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچى، سەنئەتكارلىرى، مەدەنىيەت ئەرباپلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى. مۇراسىمدا سۆزگە چىققانلار مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا، قازاق مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى يوقىرى باھالىدى. مەرھۇم ماھمۇت ئابدۇراھمانوفنىڭ جەسىتى ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، ئالماتا - غۇلجا يولى بويىدىكى غېنى باتۇر، ھىزمەت ئابدۇللىنلارنىڭ قەبرىلىرىنىڭ قاتارىغا دەپن قىلىندى.
تۆۋەندە قازاقستاندىكى ئىخىتىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ مەرھۇمنىڭ دەپن مۇراسىمىغا قاتنىشىپ تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.