بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار كومىتېتى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتتىن قارىغاندا، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە دۇنيا مىقياسىدا 60 مىليون كىشى ئۆي - ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.
بۇ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كۆرۈلگەن ئەڭ يۈكسەك رەقەم بولۇپ، بۇنىڭ باشلامچى سەۋەبچىسى ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇشلاردۇر. ئەمما ئىنسانلارنى مۇساپىرلىققا مەجبۇرلاۋاتقان يەنە تۈرلۈك باشقا ئامىللارمۇ مەۋجۇت. بۇ ئامىللارنى نەزەرگە ئالغاندا خىتايمۇ تىنچلىق كۆرسەتكۈچ نومۇرى تۆۋەن دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. بۇ يىللىق دوكلاتقا «دۇنيا ئۇرۇش ئىچىدە» دەپ ئىىسم قويۇلغان. دوكلاتنىڭ ئىسمىدىنلا مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇرۇش، زوراۋانلىق، زۇلۇم ئارتقان، نەتىجىدە بۇنىڭدىن قېچىپ، مىليونلىغان كىشى ئۆيىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. دوكلاتتا يەر ئالغان ستاتېستىكىلاردىن قارىغاندا، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 42500 نەپەر كىشى ئۆيىدىن ئايرىلىپ، ئۆز دۆلىتى ئىچىدە ۋە ياكى ياقا ئەللەردە مۇساپىر بولغان.
2014 - يىلى ئىچىدە مۇساپىر بولغان ئادەم سانى 19 يېرىم مىليون. بۇنىڭغا ئۆز دۆلىتى چېگرىسى ئىچىدە ئۆيىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولغانلار، باشقا دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلىگەنلەر، ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە شۇنداقلا پەلەستىنلىك مۇساپىرلارنى قوشقاندا دۇنيا مىقياسىدا بىر يىل ئىچىدە جەمئىي 60 مىليون كىشى يۇرت - ماكانىدىن ئايرىلىپ سەرسان بولۇشقا مەجبۇر بولغان.
دوكلاتتا بۇ ھەقتە «ئەگەر بۇ 60 مىليون كىشى بىر دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىنى تەشكىللىگەن بولسا، ئۇ ھالدا بۇ دۆلەت دۇنيادىكى 24 - دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولاتتى» دېيىلگەن. يەنە بىر خىل قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ دېگەنلىك دۇنيادا ھەر 122 ئادەمنىڭ بىرى مۇساپىر دېگەنلىك بولىدىكەن. بۇ رەقەم 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن بېرى كۆرۈلگەن ئەڭ يۈكسەك رەقەم بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
2014 - يىلىدىكى مۇساپىر سانىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئۆرلەپ كېتىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل ئۇرۇش زوراۋانلىقى بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن، دۇنيادىكى مۇساپىرلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى يەنى 53 پىرسەنتىنى پەقەتلا سۈرىيە، ئافغانىستان ۋە سومالىيدىن ئىبارەت 3 دۆلەتتىن كەلگەن مۇساپىرلار تەشكىل قىلىدىكەن. ئۇرۇشتىن باشقا يەنە، ئىنسانلارنىڭ يۇرت - ماكانلىرىنى تاشلاپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا مۇساپىر بولۇشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان باشقا مۇھىم ئامىللار بولسا قېيىن - قىستاق، توقۇنۇش، ھەرخىل زوراۋانلىقلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
خەلقئارا ئىقتىساد ۋە تىنچلىق تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان يىللىق تىنچلىق كۆرسەتكۈچىدە دۇنيادا مۇساپىرلار سانىنىڭ ئارتىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان يۇقىرىدىكى ئامىللار بىلەن بىرلىكتە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا نومۇر قويۇپ چىقىلغان. قويۇلغان نومۇرغا ئاساسەن تىنچلىق كۆرسەتكۈچى ئىنتايىن يۇقىرى، يۇقىرى، ئوتتۇرا ھال، تۆۋەن، ئىنتايىن تۆۋەن قاتارلىق دەرىجىلەرگە ئايرىپ چىقىلغان. ستاتېستىكىدا دۇنيادىكى 162 دۆلەت رەتكە تىزىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىسلاندىيە، دانىيە، ئاۋستىرىيە، يېڭى زېللاندىيە، شىۋېتسارىيە، فىنلاندىيە، كانادا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە چېخ جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت 10 دۆلەت دۇنيادىكى تىنچلىق كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. بۇنىڭ ئەكسىچە، شىمالىي كورىيە، پاكىستان، كونگو جۇمھۇرىيىتى، سۇدان، سومالىي، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، جەنۇبىي سۇدان، ئافغانىستان، ئىراق ۋە سۈرىيە قاتارلىق 10 دۆلەت بولسا تىنچلىق كۆرسەتكۈچى ئىنتايىن تۆۋەن دۆلەتلەر بولۇپ باھالانغان. مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 162 دۆلەت ئىچىدە 124 - ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، خىتاي «تىنچلىق كۆرسەتكۈچى تۆۋەن دۆلەتلەر» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش ياكى زور توقۇنۇش ئىچىدە بولماي تۇرۇپ يەنىلا تىنچلىق كۆرسەتكۈچى تۆۋەن بولۇپ باھالىنىشىغا ئاساسلىق بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ۋە خەۋپسىزلىك دەرىجىسى سەۋەب بولغان. چۈنكى بىر دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكى ۋە خەۋپسىزلىكىگە ئەڭ زور تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل بولسا دۆلەتنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىشى، ئاندىن قالسا گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى پەرقنىڭ كىچىك - چوڭلۇقى، كىرىم پەرقى ۋە شەھەرلىشىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ تىنچلىق كۆرسەتكۈچى تۆۋەن دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىغا يەنە، جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش - تارتىشتىكى ئاراللار مەسىلىسنىڭ كېلەچىكىمۇ سەۋەب بولغان بولۇپ، دوكلاتتا جەنۇبىي دېڭىز كەلگۈسىدە توقۇنۇش بولۇش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت رايون دەپ باھالانغان بولۇپ، بۇمۇ تالاش - تارتىشنىڭ تەرەپدارلىرى بولغان خىتاي، ۋېيتنام ۋە فىلىپپىندىن ئىبارەت 3 دۆلەتنىڭ نومۇرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولغان.
ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا يەر ئالغان ستاتېستىكىدىن قارىغاندا، خىتايدىن مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كەتكەن ئومۇمىي كىشى سانى 210 مىڭ 730، ب د ت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلار 278 نەپەر، پاناھلىق ئىشى بىجىرىلىۋاتقانلار 47 مىڭ بولۇپ، جەمئىي كىشى سانى 258 مىڭدىن ئاشىدىكەن.
0:00 / 0:00