د ئۇ ق رەھبەرلىرى مالايشىيانىڭ 28 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

0:00 / 0:00


ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى مالايشىيا ھۆكۈمىتى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 28 ئۇيغۇرنىڭ تېررور بىلەن ئالاقىسى بارلىقىدىن گۇمانلانماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان مالايشىيا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى زاھىد 2013-يىلىدىن بۇيان مالايشىيانىڭ ئوتتۇرا شەرققە بېرىپ ئىسلام دۆلىتى تېررورلۇق سېپىگە قوشۇلماقچى بولغان 28 نەپەر ئۇيغۇر تېررور گۇماندارىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، زاھىد مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، خىتايغا قايتۇرۇلغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مالايشىيادىن تۈركىيەگە بېرىپ، ئاخىرىدا تۈركىيەدىن ئىراق ياكى سۈرىيەگە كىرىپ، ئىسلام دۆلىتى سېپىگە قوشۇلماقچى بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە ئۇلارنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى، دەپ ئاتىغان.

مالايشىيادا نەشردىن چىقىدىغان «يېڭى قانال گېزىتى» بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدا زاھىدنىڭ سۆزىدىن مىساللار ئېلىپ «تۈركىيە، سۈرىيە ۋە ئىراقتا خىتاي پۇقرالىرى بار. ئۇلار باشقا دۆلەتلەر ئارقىلىق مالايشىياغا كىرگەن، ئاندىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق رەسمىيەتلىرىگە تايىنىپ تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ياكى ئەنقەرە ئارقىلىق سۈرىيە ياكى ئىراققا كىرمەكچى بولغان» دېگەن.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، مالايشىيانىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى زاھىدنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە، ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىمۇ بولۇپ، ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتايغا قايتۇرۇلغان بۇ ئۇيغۇرلار مالايشىيادىن ئايرىلىدىغان چاغدا مالايشىيا ساقچىلىرى ئۇلارنى قولغا ئېلىشتىن ئىلگىرى خىتاي تەرەپ بىلەن ئاخباراتتا ئورتاقلاشقان. خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى بۇ گۇماندارلارغا مۇناسىۋەتلىك فېزىلوگىيىلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن. خىتاي تەرەپ مالايشىيا ھۆكۈمىتى قايتۇرۇپ بەرگەن بۇ ئۇيغۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مالايشىيا ساقچى تەرەپكە رەھمەتلىرىنى بىلدۈرگەن. بىراق، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ خۇسۇستا ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مالايشىيا ھۆكۈمىتى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تېررور گۇماندارى ئىكەنلىكىگە دائىر قولىدا ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات يوقلۇقىنى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ، تۈركىيەدە پاناھلىنىشنى ئارزۇ قىلغانلىقىنى، تۈركىيەدىن باشقا ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىخەتەر ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ 28 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى، پەرھات مۇھەممىدى ۋە قۇرۇلتاي باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

<http://www.voachinese.com/a/china-malaysia-20170112/3674604.html>