2017-يىلى 11-ئايدا تايلاند مۇساپىرلار مەركىزىدىن قېچىپ چىقىپ مالايشىيا چېگراسىغا كىرگەن 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر 5-ئىيۇل كۈنى يەنە مالايشىيا سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلغان. بۇ 11 نەپەر مۇساپىر مالايشىياغا قېچىپ ئۆتكەندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ، «مالايشىيا چېگرىسىغا قانۇنسىز كىرىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى رائىمى ئابدۇرەھىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوت مەھكىمىسى بۈگۈن ئادۋوكاتنىڭ سوتنى كەينىگە سۈرۈش ھەققىدىكى تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، سوتنى 25-ئىيۇلغا كېچىكتۈرگەن.
بۇ مالايشىيا سوتىنىڭ ئۇلارنىڭ دېلوسىنى 5-قېتىم كۆرۈپ چىقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ تۇنجى سوتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ئادۋوكات رائىمى ئابدۇرەھىمنىڭ مالايشىيا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، مۇساپىرلار بۇنىڭدىن سەل ئاۋۋال مالايشىيا باش تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ئۇلارغا قارىتىلغان «كۆچمەنلەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى» دېگەن ئەيىبلەشنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. رائىمى بۇ دېلوغا ئالاقىدار ئادەمنىڭ كۆپلۈكى، ئۆز ئارا ئالاقە ۋە تەرجىمان مەسىلىسىدىكى قىيىنچىلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى سوتنى كەينىگە سۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى، تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ بۇ تەلەپكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى تايلاند قاماقخانىسىنى تېشىپ قېچىشى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. مالايشىيادىكى سابىق نەجىپ رازاق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى «كۆچمەنلەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش» دەپ ئەيىبلەپ جاۋابكارلىققا تارتىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋە مالايشىيادىكى بەزى سىياسىيونلار، ئادۋوكاتلار، دىنىي جامائەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇلار مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى ئالاقىدار خەلقئارا مۇساپىرلار ئەھدىنامىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان ئىدى.
مالايشىيا پارلامېنت ئەزاسى چارلېس سانتىياگو باش مىنىستىر مۇھەممەد ماھاتىرنىڭ «ئۈمىد ئىتتىپاقى» ھۆكۈمىتىنى 11 نەپەر مۇسۇلمان ئۇيغۇر مۇساپىرىنى قوغداشقا چاقىردى. ئۇ مۇساپىرلار سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلغان پەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
چارلېس سانتىياگو مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئەندىشە قىلىشىمدىكى سەۋەب ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، تەن جازاسى ۋە باشقا تۈردىكى جازالارغا ئۇچرايدۇ. ئۇلار خىتايدا ئادىل سوتلىنىشقا ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭا مالايشىيا ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقى كېرەك. مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي بۇنىڭغا مۇۋەپپەق بولالىسا، قايتۇرۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار ھېچقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياخشى مۇئامىلىسىگە ئۇچرىمايدۇ. بىز ئۇلاردا ئىشلارنىڭ قانۇن بىلەن ماڭمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى بەلكى ئۇلارنى تۈرمىگە قامىشى ياكى تۈرمىدە قىينىشى مۇمكىن.»
مالايشىيانىڭ سابىق نەجىپ رازا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇساپىرنى تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2013-يىلى ئېلان قىلغان باياناتىدا مالايشىيا دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «خەلقئارا قانۇنلارغا قىلىنغان خىلاپلىق،» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
مالايشىيا ھۆكۈمىتى2011-يىلى 16 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاز دېگەندە 11 نەپىرىنى خىتايغا قاتۇرۇپ بەرگەن. 2013-يىلى دېكابىردا 6 نەپەر ئۇيغۇر يەنە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. قايتۇرۇپ بېرىلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىز-دېرىكى ئېلىنالمىدى. لېكىن بۇ قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلغان 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ مەسىلىسى مالايشىيادا نەجىپ رازاق ھۆكۈمىتى يىقىلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا 92 ياشلىق سابىق باش مىنىستىر مۇھەممەد ماھاتىرنىڭ مالاي تىلىدا «ئۈمىد ئىتتىپاقى» دېگەن مەنىدىكى «پاكاتان خاراپان» بىرلەشمە ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتكە ئولتۇرغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.
باش مىنىستىر ماھاتىر سايلامدا نەجىپ رازاق ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ئىمزالىغان قۇرۇلۇش توختاملىرىنى كۆزدىن كۆچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ھاكىمىيەتكە ئولتۇرۇپلا دەرھال نەجىپ رازاقنىڭ خىتاي بىلەن ئىمزالىغان 22 مىليارد دوللارلىق ئىككى نېفىت تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى ۋە بىر تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى توختامىنى بىكار قىلغان. يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ دېلوسىغا قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما پارلامېنت ئەزاسى چارلېس سانتىياگو مەزكۇر دېلو «پاكاتان خاراپان» ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر سىناق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دېلو ئۇلار ئۈچۈن تۇنجى سىناق بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىز ‹پاكاتان خاراپان› ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە قانداق قىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. يەنى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش-بەرمەسلىكىگە قارايمىز. بەزىلەر چوقۇم بايانات ئېلان قىلىپ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. لېكىن بىز قانداق بولۇشىغا قارايمىز. مېنىڭ قارىشىمدا ئۇلار قايتۇرۇپ بېرىلسە، ھەممىسى تۈرمىگە تاشلىنىپ، تەن جازاسىغا ئۇچرايدۇ ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. بۇ مۇساپىرلار زادى نېمە تەلەپ قىلغان. ئۇلار پەقەت ئاپتونومىيە تەلەپ قىلغان، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تەلەپ قىلغان، خالاس. ئاپتونومىيە تەلەپ قىلغان بولسا، بۇنىڭ نېمە خاتالىقى بار. شۇڭا، ئۇلار قايتۇرۇلسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ھەرگىزمۇ بوش قويۇۋەتمەيدۇ.»
ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئادۋوكاتى رائىمى ئابدۇرەھىمى پەيشەنبە كۈنى مالايشىيا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى تېزرەك ئۆزلىرىگە بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلغان.
رائىمى ئابدۇرەھىمى «باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى كېلەر قېتىملىق سوتتىن بۇرۇن بىزگە بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن. لېكىن ئۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى باشقا دۆلەتكە ئەۋەتىشكە دائىر ھەرقانداق بىر پىلانى بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالغا تەپسىلىي جاۋاب بەرمىگەن. ئۇ كۆرۈشۈشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلە ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى مەسىلە ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىشكە ئىزچىل چاقىرىپ كەلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ قارىشىچە، مالايشىيا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى ئالاقىدار خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە ئاساسەن مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشى كېرەك ئىكەن.
دولقۇن ئەيسا ئىلگىرى مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارغا ب د ت ۋە ئالاقىدار خەلقئارا قانۇنلار دائىرىسىدە مۇھاجىرلىق سالاھىيىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ۋە خىتايغا قايتۇرماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «نورمال يول بىلەن چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان، ھېچقانداق ئىشقا ئارىلاشمىغان ئىنسانلار قايتقاندىن كېيىن يوقاپ كېتىپ بارغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ‹تەربىيىلەش لاگېرلىرى› غا ئاپىرىلىپ، ئۇزۇن يىللىق تۈرمىلەرگە سولىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. شۇڭا بۇلارنى خەلقئارا قانۇنلار بويىچە قوغدىلىشقا تېگىشلىك ئىنسانلار دەپ قارايمىز. بۇ توغرىلىق بىز ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە شۇنداقلا مالايشىيانىڭ گېرمانىيەدىكى ئەلچىخانىسى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىۋاتىمىز.»
مالايشىيا ئاخباراتى خىتاينىڭ بۇ يىل 2-ئايدا يۇقىرىقى 11 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەسمىي تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مالايشىيانىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەخمەت زاھىت ھامىدى «ئەگەر بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ پۇقراسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، بىز بۇنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئاساسەن ئويلىشىمىز،» دېگەن.