د ئۇ ق مالايشىيا دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى
2018.02.08
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پەيشەنبە كۈنى مالايشىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى خىتايغا ھەرگىز قايتۇرماسلىققا چاقىردى. د ئۇ ق نىڭ باياناتىدا ئاگاھلاندۇرۇلۇشىچە، «ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئېتنىك كېلىپ چىقىشى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىش، تەن جازاسىغا ئۇچراش، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ياكى ئۆلتۈرۈلۈشتەك جىددىي خەۋپكە دۇچ كېلىدىكەن.» د ئۇ ق باياناتىدا يەنە مالايشىيا دائىرىلىرىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىپ، «بۇ 11 نەپەر بىگۇناھ كىشىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان بىر دۆلەتكە قايتۇرۇشنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ،» دەپ تەكىتلىگەن.
2017-يىلى 11-ئايدا تايلاندنىڭ مالايشىياغا چېگرىداش ساداۋ بازىرىدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 20 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرى لاگېرنىڭ تېمىنى تېشىپ قاچىدۇ. قېچىش جەريانىدا مۇساپىرلارنىڭ 3 نەپىرى تايلاند ساقچىلىرىغا تۇتۇلۇپ قالىدۇ. قالغان مۇساپىرلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مالايشىيا تەرەپكە قېچىپ ئۆتىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ 5 نەپىرى مالايشىيا ساقچىلىرىغا تۇتۇلۇپ قېلىپ، تايلاند دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئەمما قالغان 12 مۇساپىر يېقىنقى كۈنلەرگە قەدەر مالايشىيادا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ئىدى.
لېكىن مالايشىيادا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان 11 كىشى يېقىندا مالايشىيا ساقچىلىرىغا تۇتۇلۇپ قالغان. يەنە بىر مۇساپىرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. رويتېرس ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ۋەقەدىن خەۋەردار مالايشىيالىق ئەمەلدارلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن مالايشىياغا بېسىم ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مالايشىيانى يۇقىرىقى ئۇيغۇرلارغا مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىشكە چاقىردى. دولقۇن ئەيسا مۇنداق دەيدۇ: «مالايشىيا ب د ت غا ئەزا بولغان بىر دۆلەت. بۇ يەردىكى قېچىپ كەلگەن 11 نەپەر قېرىندىشىمىز خەلقئارا مۇھاجىرلار قانۇنى بويىچە قوغدىلىشقا تېگىشلىك ئىنسانلاردۇر. بۇلار ھېچقاچان جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياكى جىنايەت ئۆتكۈزگەچكە قاچقان ئىنسانلار ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار 4 يىلدىن بېرى تايلاند تۈرمىسىدە تۇرۇۋاتقان ئىنسانلار. ئۇلار مالايشىياغا قېچىپ، مالايشىيا ساقچىلىرىغا تۇتۇلۇپتۇ. ئەمدى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن مالايشىياغا بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە بىزنىڭ ناھايىتى جىددىي ئەندىشىمىزنى قوزغاۋاتىدۇ. بىز مالايشىيا ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارغا مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىشىنى، خىتايغا قايتۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز.»
بىز بۈگۈن كۈنى مالايشىيانىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ، ئەلچىخانىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى بىلەن سۆزلىشىشنى، ئۇنىڭغا مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى سورايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. لېكىن ئەلچىخانىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى ئاخبارات ئەمەلدارىنىڭ ئالدىراشلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېلېفونىمىزنى ئۇلاپ بەرمىدى. ئۇ: «ھازىر ئاخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ۋاقتى يوق. ھېچكىم ھازىر تېلېفون زىيارىتى قوبۇل قىلالمايدۇ. سوئالىڭىز بولسا ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىڭ،» دەپ تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.
ھازىر مۇساپىرلار لاگېرىدىن قاچقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ 8 نەپىرى تايلاند دائىرىلىرىنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ 5 نەپىرىنى مالايشىيا قايتۇرۇپ بەرگەن. تايلاند كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش قىيىنلىشىپ كەتكەن.
«پۇقرالارنى كۈچلەندۈرۈش» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى شالىدا تاجارونسۇك خانىم بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى بىلسەكمۇ، بىراق قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن قانداق بولغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. مەن ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ، دەپ قارىمايمەن. دائىرىلەر ئۇلارنى بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇشى مۇمكىن. مەن ئىلگىرى ئۇلاردىن 5 كىشىنىڭ مالايشىيادا تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغان. ئەگەر ھازىر ئۇلار تېخىمۇ كۆپ مۇساپىرنى تۇتۇۋالغان بولسا، دېمەك ئۇلارنى تايلاندقا ئۆتكۈزۈپ بېرەمدىكىن، دەيمەن. بەلكى ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى بىزنىڭكىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرەمدىكىن، دەيمەن. ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى 5 نى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئاھ تەڭرىم، بىز ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيمىز، چۈنكى، دائىرىلەر بىزنىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشىمىزگە يول قويمايۋاتىدۇ.»
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر مالايشىيا ھۆكۈمىتى ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرسە، ئۇلارنىڭ ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرايدىكەن. ئۇ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرسا قانداق بولىدىغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن ساۋاقلار بارلىقىنى بىلدۈردى.
دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېدى: «ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، خۇددى 109 نەپەر قېرىندىشىمىز قايتۇرۇلغان 4 يىلدىن بۇيان ھېچقانداق ئۇچۇرى بولمىغاندەك بۇلارنىڭمۇ تاشقى دۇنياغا ھېچ خەۋىرى بولمايدۇ. شۇڭا، بۇلارنىڭ ھاياتىنىڭمۇ ئۇ يەردە تەن جازاسىغا ئۇچراش، ھەر خىل بېسىم ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىشتەك قىيىن ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى چەتئەلدە نورمال ئوقۇۋاتقان ئىنسانلار قايتقاندىن كېيىن يوقاپ كېتىپ بارغان، 'تەربىيەلەش لاگېرلىرى' غا ئاپىرىلىپ، ئۇلارنى ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇۋاتقان ئەھۋاللارغا شاھىت بولۇۋاتىمىز.»
تايلاند «پۇقرالارنى كۈچلەندۈرۈش» تەشكىلاتىدىكى شالىدانىڭ قەيت قىلىشىچە، ھازىرقى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن تايلاند بۇ ئىشتا لىڭشىپ قالغان. شالىدا، ئەگەر ھازىرقى ھۆكۈمەت يىقىلىپ، ئورنىغا دېموكراتىك بىر ھۆكۈمەت چىقسا، بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا پايدىلىق بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شالىدا مۇنداق دەيدۇ: «بىز چېگرادىن ئۆتۈپ كەتكەن مۇساپىرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىگە دۇئا قىلىمىز. بىراق شۇنىمۇ بىلىشىمىز كېرەككى، قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى تۇتۇشتا مالايشىيا بىلەن تايلاند ئۆز ئارا ئالاقە قانىلى قۇرغان شۇنداقلا بۇ مەسىلىدە خىتايمۇ تايلاند ھۆكۈمىتىگە قاتتىق بېسىم قىلىپ كەلدى. مۇساپىرلا تۈرمىدىن قاچقاندا خىتاي تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشكەن. شۇڭا، خىتاي مۇساپىرلارنى تۇتۇشتا ھەم مالايشىياغا ھەم تايلاند ھۆكۈمىتىگە قاتتىق بېسىم ئىشلەتتى. ھازىر تايلاند ھۆكۈمىتى لىڭشىپ قالدى. ھۆكۈمەتكە قارشى نۇرغۇن ھەرىكەتلەر پارتلاپ، ھازىرقى ھۆكۈمىتى ھوقۇقىنى تارتقۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. ھازىرقى ھۆكۈمەت خىتاي بىلەن بەك يېقىن. ئەگەر ھازىرقى ھۆكۈمەت يىقىلىپ، ئورنىغا دېموكراتىك بىر ھۆكۈمەت چىقسا، بەلكىم بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا پايدىلىق بولىدۇ، دەپ قارايمەن.»
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، خىتاي مالايشىيادىن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كۇئالا-لومپۇردىكى بەزى غەربلىك دىپلوماتلار ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئارىلاشقان. خەۋەردە قايسى دۆلەت دىپلوماتلىرىنىڭ ئارىلىشىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مالايشىيانى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا ئۈندەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.