مالايشىيانىڭ خىتاي بىلەن 11 ئۇيغۇرنى قايتۇرۇشنى سۆزلىشىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.02.12
malayshiya-uyghur-panahliq-tutqun.jpg مالايشىيادا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار. 2014-يىلى مارت.
dailysabah.com

مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاند مۇساپىرلار لاگېرىدىن قېچىپ چىقىپ، مالايشىيادا تۇتۇلۇپ قالغان 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ئىمزالىغان قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر مالايسىيا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرسا، ئۇلارنىڭ ھاياتى تەھدىتكە ئۇچراپلا قالماي، بۇ يەنە باشقا دۆلەتلەرگە ناچار ئۈلگە يارىتىپ بېرىدىكەن.

ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا تايلاندنىڭ مالايسىيا چېگراسىدىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرىدىن قېچىپ مالايشىياغا ئۆتۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردىن 11‏ كىشى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرى مالايسىيا ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. ئارقىدىنلا خىتاي ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئۆزلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار مالايشىيانى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان ئىدى.

مالايسىيا «يۇلتۇز گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالايشىيانىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەھمەد زاھىت ھامىدى ئۆتكەن شەنبە كۈنى مالايشىيادىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىپ، ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى، مۇساپىرلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەھمەد زاھىت ھامىدى: «مالايسىيا ساقچىلىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇچۇر توپلاۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەرقانداق بىرىنىڭ دائىش بىلەن مۇناسىۋىتى بار -يوقلۇقى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ» دېگەن.

لېكىن، ئەھمەت زاھىت ھامىدىنىڭ سۆزى دەرھال كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى برەد ئادامس دۈشەنبە كۈنى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مالايسىيا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينىڭ سۆزىگە بەك ئىشىنىپ كەتمەسلىكنى ئاگاھلاندۇردى.

برەد ئادامس مۇنداق دەيدۇ: «مالايسىيا بەك ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. مالايسىيا مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقتىكى دۆلەت. خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان مۇئامىلىدىنمۇ ناچار مۇئامىلە قىلماقتا. ئۇلارنىڭ قانۇنى مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ قانۇنى مۇسۇلمانلارغا نېمىنى ئۆگىنىش، دىنىي ئىبادەتنى قانداق قىلىشلارنى مەجبۇرىي تاڭىدۇ. مالايسىيا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە قارىتا بەك ھوشيار بولۇشى كېرەك. خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا مۇنداق ئومۇمىي تونۇش بار، ئەگەر سىز مۇسۇلمان بولسىڭىز ۋە خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشىغا قارشى چىقسىڭىز، دېمەك سىز تېررورچى. ئەمەلىيەتتە مانا بۇنىڭ ئۆزى مالايسىيا غەرب دۆلەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىۋاتقان مەسىلە. ئۇ مۇشۇ سەۋەبلىك بۇ دۆلەتلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كەلدى. لېكىن خىتاي بۇ كىشىلەرنى ھېچقانداق دەلىلسىز دائىش بىلەن ئالاقىسى بار ياكى تېررورچى، دەپ ئەيىبلىسە، مالايسىيا ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. مېنىڭچە مالايسىيا بۇنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك».

ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى- ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مالايسىيا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەھمەت زاھىت ھامىدىنىڭ «مالايسىيا خىتاي بىلەن ئىمزالىغان تۇتقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىدۇ» دېگەن سۆزى ئۇنىڭدا ئەندىشە قوزغىغان. ساراھ كۇك، ھامىدىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى بۇ كېلىشىمنىڭ رامكىسى ئىچىگە ئېلىشى خەتەرلىك ئۈلگە يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساراھ كۇك مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر مالايسىيا بۇ كىشىلەرنى مالايشىيادا ھەرقانداق بىر ئىشقا چېتىشلىق، دەپ قارىسا، مالايسىيا ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماي مالايشىيانىڭ ئۆزىدە جازالىشى كېرەك. لېكىن مېنىڭ بۇ يەردە دىققىتىمنى قوزغىغان مەسىلە، بولۇپمۇ مۇئاۋىن باش مىنىستىرنىڭ بۇ كىشىلەرنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قانۇن ياردەم كېلىشىملىرىنىڭ رامكىسى ئىچىگە ئېلىشىدۇر. مانا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولۇپمۇ ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ كەلگەن مەسىلە. مېنىڭچە بۇ خىل يوشۇرۇن خەۋپ يالغۇز مالايسىيا ئۈچۈن خەتەرلىك بولۇپلا قالماي، باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ خەتەرلىك. چۈنكى، بۇ خىتاينىڭ سىياسىي ۋە دىنىي قاچقۇنلارنى قايتۇرۇپ كېتىشىگە ئۈلگە يارىتىدۇ».

مالايشىيانىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەھمەت زاھىت ھامىدى شەنبە كۈنى «مالايسىيا تۈن ھۈسەئىن ئون ئۇنىۋېرسىتېتى» دا مۇخبىرلارغا بەرگەن مەلۇماتىدا يەنە، مالايسىيا ساقچىلىرىنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن ئۇچرىشىپ، مۇساپىرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھامىدى: «بىزنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىدىكى قارارىمىز خىتاي بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىملەرنى جۈملىدىن كۆپ تەرەپلىمىلىك قانۇن ياردىمى ۋە ئۆز ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىملىرىنى ئاساس قىلىدۇ» دېگەن.

خىتاي بىلەن مالايشىيانىڭ «كۆپ تەرەپلىمىلىك قانۇن ياردىمى ۋە ئۆز ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» 2015‏-يىلى نويابىردا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ مالايشىيانى زىيارەت قىلغاندا ئىمزالانغان. ئەركىنلىك سارىيىدىكى ساراھ كۇكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ سوت ياكى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىلىرىدە بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى مالايشىيادەك دۆلەتلەردە قانۇننىڭ رولىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا ئىكەن.

ساراھ كۇك: «ئۇنىڭدەك مۇساپىرلار مەسىلىسى بەك ئېغىر بولمىغان دۆلەتلەردە بۇ خىل دېلولارنىڭ سوت سىستېمىسىدا ياكى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە ئوخشاش ئورگانلارنىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى، بىز خۇددى مالايشىيادەك دۆلەتلەردە كۆرۈۋاتقاندەك ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي شەخسلەر تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىشى، بۇ دۆلەتلەردە قانۇننىڭ رولى ۋە ئەدلىيە مۇستەقىللىقىغا خىرىس پەيدا قىلماقتا. بىز مالايسىيادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدە بۇنىڭ كۆپتۈرىلىۋېتىپ بارغانلىقى ۋە بۇ قانۇن بىلەن باشقۇرۇشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز».

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى برەد ئادامسنىڭ قارىشىچە، مالايسىيا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرماسلىقى، ئۇلارنى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
برەد ئادامس مۇنداق دەيدۇ: «مالايسىيا خەلقئارا مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىنى توغرا ئىشلىتىپ، بۇ كىشىلەرنى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا، ئۇلارنىڭ مۇساپىر ياكى ئەمەسلىكىگە شۇلارنىڭ قارار بېرىشىغا يول قويۇشى كېرەك. ئەگەر مۇساپىرلار مەھكىمىسى بۇ كىشىلەرنىڭ مۇساپىر ئىكەنلىكىنى قارار قىلسا، ئۇلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا يول قويۇشى لازىم، بۇ دۆلەتلەر بەلكىم مالايسىيا بولۇشى مۇمكىن ياكى باشقا بىر دۆلەت بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن ئۇلار ھەرگىز خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى كېرەك. چۈنكى، خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇلارنىڭ كىشىلىك بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ».

بۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مالايشىيانى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدە 1‏- قېتىم تەنقىد قىلىشى ئەمەس. مالايسىيا 2017‏-يىلى سېنتەبىردە 29 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. ئەھمەت زاھىت ھامىدى، بۇ 29 كىشىنىڭ ساختا پاسپورت ۋە ئۇچۇرلار بىلەن مالايشىياغا كىرگەندە قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدىن بۇيان يۇقىرىقى 29 كىشىنىڭ ھېچقانداق ئىز دېرىكى ئېلىنالمىغان ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر مۇساپىرى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ تەن جازاسى، ئۆلۈم جازاسى، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ياكى ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۇت ئىكەن. ئۇلار، ھەرقانداق بىر مۇساپىرنى ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىغان 2‏- بىر دۆلەتكە قايتۇرۇشنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.