يېقىندا ئامېرىكىنىڭ داڭلىق مېھمانساراي زەنجىرى - ماررىئوتنىڭ ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلغان بىر راي سىناشتا تىبەت، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە ئاۋمېن (ماكاۋ) قاتارلىق جايلارنى «دۆلەت» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈشى خىتاينى قاتتىق نارازى قىلغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى ماررىئوت مېھمانساراي گۇرۇھىنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جازالاپ، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى تور بېتىنى بىر ھەپتە تاقاپ قويغان. ماررىئوت گۇرۇھى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئەپۇ سوراشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. مەزكۇر ۋەقە، خىتاينىڭ دۇنياغا كۆرسىتىۋاتقان سىياسىي تەسىرىنى يەنە بىر قېتىم كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ دۇنياغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنىڭ جىددىيلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تىجارەت قىلىۋاتقان ماررىئوت مېھمانساراي گۇرۇھى خىتايدىكى تور بېتىدە ئېلىپ بارغان بىر راي سىناشتا تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە تىبەتلەرنى ئايرىم مۇستەقىل دۆلەتلەر قاتارىدا كۆرسىتىپ قويغانلىقتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىگە ئۇچرىغان ۋە ئاخىرى بېرىپ شىركەت خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئەپۇ سوراشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. «ۋال سترېت ژۇرنىلى» دا كۆرسىتىلىشىچە، ماررىئوتنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى كرېيگ سىمىت «بۇ مەن سادىر قىلغان ئەڭ زور خاتالىق، بەلكىم ئىش ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقىم بولسا كېرەك» دېگەن توۋا خاراكتېرلىك بىر باياننامە ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئۇنىڭ بۇ بايانى» خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان. بۇندىن باشقا يەنە، ماررىئوت شىركىتى ئوخشاش خاتالىقنى قايتا سادىر قىلماسلىق ھەققىدە 8 ماددىلىق بىر «تۈزىتىش پىلانى» ئېلان قىلغان.
ئوخشاش ۋەقە يەنە، ئىتالىيەنىڭ مودا كىيىم-كېچەك ماركىسى «زارا»، دېلتا ھاۋا يوللىرى ۋە مېدترونىك ناملىق تەبىئىي ئەسۋابلارنى ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىگىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۆز تور بېكەتلىرىدە «تەيۋەن» نى مۇستەقىل دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن ئىكەن.
«ۋال ستىرىت ژۇرنىلى» ئوبزورچىسى ئاندرۇ بروۋنى ماقالىسىدە مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق ئەسەبىي ۋەتەنپەرۋەرلىكى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرىغا زىيان سېلىۋاتقان بولۇپ، ماقالىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل شىركەتلىرىگە ئۆزىنىڭ سىياسىي قارىشىنىمۇ شەرت قىلىپ قوشۇپ كەلدى. خىتاي دائىرىلىرى ئەڭ تېز زورىيىۋاتقان بىر بازار بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە شەرت بېكىتىشكە ھوقۇقلۇق، دەپ قارايدۇ. ماررىئوت شىركىتىمۇ باشقا نۇرغۇن خەلقئارالىق شىركەتلەرگە ئوخشاش پەقەتلا خىتاينىڭ تىجارەت شەرتلىرىنىلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈكلىرىنىمۇ قوبۇل قىلدى» دەپ يازغان.
ئاپتور ئاندرۇ بروۋنى ماقالىسىدە، ئامېرىكىنىڭ ئالما شىركىتى ۋە باشقا كىتاب نەشر شىركەتلىرىنىڭمۇ مۇشۇنداق بېسىم سەۋەبىدىن خىتاينىڭ پىكىر - ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە قويغان چەكلىمىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بايان قىلغان.
دەرۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئىلمىي نەشرىيات گۇرۇھى بولغان «سىپرىنگېر-تەبىئەت» گۇرۇھى ئۆز قارمىقىدا نەشر قىلىنىۋاتقان «خىتاي سىياسەتشۇناسلىقى ژۇرنىلى»، «خەلقئارا سىياسەتشۇناسلىق» قاتارلىق ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ تور بېتىدىن خىتايغا مۇناسىۋەتلىك 1000 پارچە ئىلمىي ماقالىنى ئۆچۈرگەن ئىدى. ئۆچۈرۈلگەن ماقالىلەرنىڭ كۆپ قىسمى تەيۋەن، تىبەت ۋە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» غا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ئىدى. ئۆتكەن يىل 8-ئايدا يەنە ئەنگلىيەدىكى نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېت كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن ئۆزى نەشر قىلىۋاتقان «خىتاي پەسىللىكى» ناملىق ئىلمىي ژۇرنالدىن خىتايغا مۇناسىۋەتلىك 300 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن ئىدى.
ئامېرىكىدىكى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى كۈچىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، دۆلەتلەر سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىمۇ قىسمەن ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى سىياسىي تەسىرى مەنچە ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەدىكىدەك بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى مەبلىغىنىڭ ئېشىشى خەۋپنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. چۈنكى خىتاي بۇنى بىر ۋاسىتە قىلىپ قوللىنىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىر مىسالىنى بىز تېخى يېقىندا كالىفورنىيە شتاتىنىڭ قانۇن تۈزۈش ئورگىنىدا كۆردۇق. كالىفورنىيە شتاتى تېخى يېقىندا خىتايدا زۇلۇمغا ئۇچرىغان فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانۇن لاھىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ سان - فىرانسىسكودا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا كالىفورنىيە شتاتلىق قانۇنىي ئورگان ئەزالىرىغا خەت يېزىپ، ئۇلارغا بېسىم قىلغان. ئۇلار، بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانغان تەقدىردە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە زىيان سالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت قىلغان. نەتىجىدە، بۇ لايىھە ئەمەلدىن قالدى. دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى مانا مۇشۇنداق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئامېرىكىدىكىمۇ كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەشكە ۋە دېموكراتىيەنىڭ ئىشلىشىگە زىيان سالماقتا. مەنچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى جىددىي دىققەت - ئېتىبارغا ئېلىشى كېرەك»
ئالدىنقى ھەپتە پرېزىدېنت ترامپ مەمۇرىيىتى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلك جاسۇسلۇقى مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە دوكلات يېزىشقا تەيىنلەنگەن تەكشۈرگۈچىلىرى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ 2001-يىلى خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللاپ خاتالاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. دوكلاتتا، ئامېرىكا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتىن ئاۋۋال بازار ئىگىلىكى ئىقتىسادىغا كۆچۈپ، بازىرىنى كەڭ ئېچىۋېتىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى، خىتاي دۆلەت شىركەتلىرىنى قوللاپ، چەتئەل شىركەتلىرى ئۈچۈن ھەقسىز رىقابەت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ئاندرۇ بروۋنى بولسا ماقالىسىدە خىتاينىڭ بۇ خىل پوزىتسىيەسىنىڭ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە ماقالىسىدە «شى جىنپىڭ بۇنى ئامېرىكىنىڭ ئۆلچەم - قېلىپلىرىنى بۇزۇپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يولىنى بازارغا سالىدىغان بىر تارىخى پۇرسەت، دەپ قاراۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى دەل خىتاينىڭ خەلقئارا تىجارەت ۋە مەبلەغ ساھەسىگە يېڭى باشتىن شەكىل بېرىشكە تولۇق ئىشەنچى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. . . خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي قاراشلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ مېھسانساراي گۇرۇھى تەرىپىدىن، ھاۋا ترانسپورت شىركىتى ۋە دۇنياغا داڭلىق بىر مودا شىركىتى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا خىتاي باشلامچىلىقىدىكى يېڭى بىر تەرتىپ ئاللىقاچان يولغا چىقتى دېيىشكە بولىدۇ» دەپ يازغان. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئامېرىكا - ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ، ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۆز پىلانلىرىغا ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەمما ئەركىنلىك سارىيى تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم بولسا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئاراغا سىياسىي تەسىرىنى كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھازىر كەڭ كۆلەمدە دىققەت قوزغاۋاتقانلىقىنى، ئەركىنلىك سارىيى ۋە باشقا ئورگانلارنىڭمۇ بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم ئۆز ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئامېرىكىدا نۆۋەتتە بۇ مەسىلە ھەققىدە جىددىي ئىزدىنىشلەر بولۇۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا غەرب ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرىنى بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئالىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئەرزان ماللىرىغا قارشى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى كونترول سۇپىسى ۋە كىرئالغۇلىرىغا يېڭى چېگرا بېجى ئېلان قىلغان ئىدى. س ن ن ئېيتىشىچە، مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلك ھوقۇقى ۋە باشقا تۈرلەرگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى قارارلارنىمۇ ئېلان قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇنى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ئاچقان سودا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى بولۇشى مۇمكىن، دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا.
0:00 / 0:00